ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى

ئورنى Wikipedia

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى بۇ يەنە ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1954-يىلى9-ئايدا قۇرۇلغان، ئورنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى


باشقا نامى :ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتى

چەتئەلچە نامى :CERN Organisation Européenne pour la Recherche Nucléaire

ئورنى :شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە

تەتقىقات مەركىزى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

5پارچەياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى بۇ يەنە ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1954-يىلى9-ئايدا قۇرۇلغان، ئورنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە. ئۇنى ئاۋسترىيە، بېلگىيە، دانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى 12 دۆلەت قۇرغان.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تەتقىقات مەركىزى ھەققىدە
  • مەقسىتى
  • پىرىنسىپى
  • خەلقئارا تەتقىقات ئورنى
  • تەشكىلاتى
  • باشقا نەتىجىلەر
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

مەقسىتى[تەھرىرلەش]

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىئۇنىڭ تۈپ مەقسىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ساپ پەننىي ۋە ئاساس خاراكتېرىدىكى سۇب يادرو تەتقىقاتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ساھەلىرىنى ھەمكارلىق بىلەن تەمىنلەش، مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىش ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت.

پىرىنسىپى[تەھرىرلەش]

ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتى ياكى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش مەقسىتى روشەن بولغان تەجرىبە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر پرىنسىپىدۇر.

خەلقئارا تەتقىقات ئورنى[تەھرىرلەش]

10پارچەياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىبۇ تەتقىقات مەركىزىدە دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملار گۇرۇپپىسىنىڭ سۇب يادرو قۇرۇلمىسى ۋە نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئىككى خەلقئارا تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان.

بىرىنچى تەتقىقات ئورنىدا 600 مىليون ئېلېكترون ۋولتلۇق ماس قەدەملىك سىكلوترون، 28 مىليارد ئېلېكترون ۋولتلۇق پروتون ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىككىنچى تەتقىقات ئورنى بىرىنچى تەتقىقات ئورنىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئايلانمىسى تەخمىنەن7 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى پروتون ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

تەشكىلاتى[تەھرىرلەش]

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش تەشكىلاتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئىلىم - پەن بىلەن يەر شارىغا يېڭىلىق يارىتىش؛  

زەررىچە فىزىكىسى مۇزېي، كۆرگەزمە زەررىچە فىزىكىسى ۋە ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ تارىخى؛

باشقا نەتىجىلەر[تەھرىرلەش]

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى تور بېكەت، تۇنجى تور مۇلازىمەتچىسى، تۇنجى زىيارەت قىلغۇچنىڭ بارلىققا كەلگەن جاي.  مەركەزنىڭ ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، مۇلازىمىتى ئەلا بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملار تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا يادرو تەتقىقاتى مەركىزى زەررىچە فىزىكىسى تەتقىقاتى ساھەسىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق يادرو تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندى.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

7پارچەياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىتەتقىقات مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار 3000 دىن ئاشىدۇ، ئالىملار گۇرۇپپىسى سۇب يادرو فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، ئەزا دۆلەتلەر ياكى باشقا دۆلەتلەردىن زىيارەتكە كەلگەن ئالىملار كۈتۈۋېلىنىدۇ ۋە مۇشۇ چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تەتقىقات مەركىزىدە نۇرغۇنلىغان ئىلغار ھەم قىممەت باھالىق ئېسىل تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن باشقا، يەنە كۇتۇپخانا بار ھەم «ياۋروپا يادرو تەتقىقاتى تەشكىلاتى خەۋەرچىسى» (ئايلىق ژۇرنال) ۋە پەن دوكلاتى قاتارلىقلارنى نەشر قىلىدۇ.