يورۇڭقاش دەرياسى
قەدىمكى ئۇيغۇرچىدىكى پارقىراق، سۈزۈك، ئاق مەنىسىدىكى « يارۇق» سۆزى بىلەن قاشتېشى مەنىسىدىكى « قاش» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن يورۇڭقاش سۆزى خوتەن ۋىلايىتىدىكى قاشتېشى چىقىدىغان بىر دەريانىڭ ئىسمى.
يۇرۇڭقاش دەرياسى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىدىن باشلىنىپ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىدۇر. خوتەن شەھرىنىڭ شىمالىدىكى قوشلاش دېگەن جايدا قاراقاش دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ خوتەن دەرياسىنى شەكىللەندۈرپ، ئاقسۇ ئاۋات ناھىيە تەۋەسىدىكى شورتا دېگەن جايدا تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 513 كىلومېتىر بولۇپ، بىر قانچە تارماق ئېقىنلىرى بار. ئومۇمىي ئىگەللىگەن يەر مەيدانى 14 مىڭ 500 كۋادرات كېلومېتىر. دەريا يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرچە كەڭلىكى 300مېتىر ئەڭ تاريېرى 30مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، ئاسالىقى ئىككى قاسنىقى تاغ بولۇپ، چوڭ-كىچىك جېرالاردىن تەركىپ تاپقان V شەكىللىك دەريا قېنىدىن ئىبارەت، ئوتتۇرا دەريا ئېقىنى كەڭلىكى ئوتتۇرچە 1000مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان بولۇپ، ئېقىتىپ كەلگەن زور مىقداردىكى قۇم ۋە چوڭ-كىچىك تاشلاردىن تەركىپ تاپقان تۈزلەڭ ئېقىن رايۇنى ھېساپلىنىدۇ، تۈۋەن ئېقىنى بولسا ئاساسلىقى ئىككى قاسىنىقى قۇم بارىخانلىرىدىن شەكىللەنگەن تۈزلەڭ دەريا ئېقىنىدىن ئىبارەت. يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2مىلىيارد 280مىلىيون كۇپ مېتىر سۇ مول بولغان يىللىرى 3مىليارد 710مىلىيون كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ. دەريانىڭ سۇ مەنبەسى تاغلاردىكى قارمۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ، خوتەن دەرياسىنىڭ سۈيى تارىم دەريا سۈيىنىڭ 22.5نى ئىگەللەيدۇ.
يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن ئاق قاشتېشى، يېشىل قاشتېشى ۋە قاراقاشتېشى چىقىدۇ. بۇنىڭدىن قوي مېيىسىمان ئاق قاشتېشى ئەڭ داڭلىق. يۇرۇڭقاش دەرياسى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق قاشتېشى مەنبەلىرىدىن بولۇپ كەلگەن. جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بېرى، جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا بويىچە داڭلىق تاشلارنىڭ چىقىدىغان ماكانىغا ئايلانغان. يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى خەتەرلىك بولغاچقا كىشىلەر ئادەتتە ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىن تاش قېزىپ كەلمەكتە. قاراڭغۇتاغ رايونىدا قاشتېشى بايقالغاندىن بېرى تاشچىلار قاراڭغۇتاغقا يۈزلىنىشكە باشلىدى. قاراڭغۇ تاغ قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىلىرىدىن بىرى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7562 مېتىر كېلىدۇ.
مەنبەلەر
[تەھرىر]يۇرۇڭقاش دەرياسى جەنۇپ تەرپىدىكى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسدىن باشلىنىپ تەكلىماكان ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاقسۇ ئاۋاتتا تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان ئىچىكى قۇرۇقلۇق دەرياسى. [1]
- ↑ خوتەندىكى ئىزلار