يىلتىز

ئورنى Wikipedia

«سۇنىڭ مەنبەسى، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولىدۇ». يىلتىزى چوڭقۇر ئۆسكەندىلا، شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى باراقسان ئۆسەلەيدۇ. يىلتىز ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئۇ سۈمۈرۈش، توشۇش، تۇراقلاشتۇرۇش، تىرەش، زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە. ئۆسۈملۈكلەر ئوزۇقلىنىشتا ئاساسلىقى يىلتىزىنىڭ سۈمۈرۈشىگە تايىنىدۇ. مەيلى ئوق يىلتىز (ئاساسىي يىلتىز)، يان يىلتىز ياكى تۇراقسىز يىلتىزلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدىنقى ئۇچىدىن تۈۋى قىسمىغىچە يىلتىز غىلىپى (تاجىسى)، ئۆسۈش نۇقتىسى، ئۇزىراپ ئۆسكۈچى قىسمى، يىلتىز تۈكلۈك قىسمى ۋە يېتىلگەن قىسمىدىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. يىلتىز غىلىپى يىلتىزنىڭ ئۇچىنى خۇددى قالپاققا ئوخشاش قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇ يىلتىزدىكى ھەرقايسى قىسىم توقۇلمىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزىراپ ئۆسكۈچى قىسمى بولسا يىلتىزنىڭ ئۇزىراپ ئۆسۈشى ئەڭ تېز بولىدىغان جايى ھېسابلىنىدۇ. يىلتىز تۈكچىلىرى گەرچە ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن سانى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، خۇددى مىكرو تىپلىق سۇ پومپىلىرى (سۇ ناسوسى)غا ئوخشاش ناھايىتى كۈچلۈك سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. كۆممىقوناق يىلتىزىنىڭ1 مىللىمېتىر كۋادرات يۈزىدە400 تالدىن ئارتۇق يىلتىز تۈكچىلىرى بولۇپ، ئۇلار خۇددى400 دىن ئارتۇق «سۇ پومپىلىرى» غا ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپ كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يىلتىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئالدى ئۇچى ئۈزلۈكسىز ئالدىغا ئۇزىرايدۇ، يېتىلگەن قىسمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ. ئەمما چوققا ئۇچىغا يېقىنراق بولغان تۆت قىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، ئۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ يىلتىز ئۇچى دېيىلىدۇ.

بىر تۈپ ئۆسۈملۈكتىكى بارلىق يىلتىزلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يىلتىز سىستېمىسى دېيىلىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، روشەن ئوق يىلتىز ۋە يان يىلتىزلاردىن تەركىب تاپقان ئوق يىلتىز سىستېمىسىدىن ئىبارەت، مەسىلەن، سويا پۇرچاق ۋە كېۋەز قاتارلىقلارنىڭ يىلتىز سىستېمىلىرى؛ يەنە بىرى بولسا ئوق يىلتىز ۋە يان يىلتىز دەپ پەرقلەنمەيدىغان، شەكلى ساقالغا ئوخشايدىغان چاچما يىلتىز سىستېمىسىدىن ئىبارەت، مەسىلەن، شال ۋە بۇغدايلارنىڭ يىلتىز سىستېمىلىرى.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمىغا قارىغاندا5 ~15 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. بىر تۈپ بۇغداينىڭ يەر ئۈستىدە پەقەت بىر تال غولى بولىدۇ، ئەمما يەر ئاستىدا بولسا70 مىڭ تال چاچما يىلتىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى5000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۆسۈۋاتقىنىغا27 يىل بولغان بىر تۈپ ئالما دەرىخى يىلتىزىنىڭ يەر ئاستىدىكى تارقىلىش دائىرىسى دەرەخ تاجىسى (باراقسىنى)نىڭ2 −3 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ئۆسۈملۈكلەر ياشاش مۇھىتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ - غارايىپ شەكلى ئۆزگەرگەن يىلتىزلارنى شەكىللەندۈرگەن. كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن نۇرغۇنلىغان تۆۋەنگە ساڭگىلىغان ھاۋا يىلتىزلىرى ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئۇلار تۇپراققا چوڭقۇرلاپ كىرگەندىن كېيىن ياغاچلاشقان تىرەك يىلتىزلارغا ئايلىنىپ، «يالغۇز دەرەخ ئورمان بولغان» دەك ئاجايىپ ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىزىل دەرەخ رىزوفورا دەرىخى، برۇگۇيرا دەرىخى ۋە سۇ قارىغىيى قاتارلىقلارنىڭ تېنى لاي - لاتقىلارغا چېلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، يىلتىز قىسمىنىڭ نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم يىلتىزلىرى يۇقىرىغا قاراپ تىك ئۆسۈپ چىقىپ نەپەسلىنىش يىلتىزلىرىغا ئايلىنىدۇ.

سېرىق يۆگەينىڭ تۇراقسىز يىلتىزلىرى سويا پۇرچاق تۈپىگە چىرمىشىپ ئۆسۈپ ئەسلىدىكى تۇراقسىز يىلتىزدىن سۈمۈرۈش ئاپپاراتىغا ئۆزگىرىدۇ، ئاندىن سويا پۇرچاق غولىنىڭ ئىچىگە ئۇزىراپ كىرىپ سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشايدۇ، شۇڭا ئۇلار پارازىت يىلتىز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە تاملارغا يامىشىپ ئۆسىدىغان تامپېلەكتە ياماشقۇچى يىلتىزلار بار، سۇدا لەيلەپ ياشايدىغان جامكىدا سۇ يىلتىزلىرى بار، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زاپاس ساقلايدىغان زاپاس ساقلىغۇچى يىلتىزلار بار. مەسىلەن، تۇرۇپ، تاتلىقياڭيۇ (باتات)لارنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزلىرى ۋە چامغۇرنىڭ شارسىمان يىلتىزى قاتارلىقلار.