يىپەك يولىدىكى مۇھىم خارابىلەر

ئورنى Wikipedia

يىپەك يولى بۇگۈنكى چاڭئەندىن باشلاپ تاكى رىمغىچە ئۇزانغان تارىخى سودا تىجارەت يولى بولۇپ، بۇ يول مىڭ يىلدىن ئارتۇق مۇھىملىقىنى قورغىغان. بۇ يول ئۈستىدە نۇرغۇن قەدىمىي مەدەنىيەتلەر قۇرۇلۇپ يەنە دەۋرىنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ مەدەنىيەتلەر باشقا يېڭى مەدەنىيەت يېڭى شەھەرلەرگە ئورۇن بوشاتقان.

لوياڭ شەھىرى خارابىسى[تەھرىرلەش]

لوياڭ شەھىرى خارابىسى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوياڭ شەھىرىدە بولۇپ،بۇددا دىنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقىلىشىنىڭ شاھىتىدۇر. 2008 – يىلى ئارخېئولوگلار سۈي، تاڭ دەۋرلىرىگە مەنسۇپ بولغان لوياڭ شەھىرىدىكى دىڭدىڭمېن خارابىلىكىدىن كۆپ مىقداردىكى ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئاياغ ئىزلىرى ۋە ھارۋا چاقىنىڭ ئىزلىرىنى بايقىدى، بولۇپمۇ تۆگىنىڭ تۇياق ئىزلىرىنىڭ بايقىلىشى لوياڭ شەھىرىنىڭ يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

شىخاۋ بۆلىكى خارابىسى[تەھرىرلەش]

شياۋخەن قەدىمىي يولى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ سەنمېنشيا شەھىرىدە بولۇپ، ئۇ قەدىمىي مىراسلار ئىچىدىكى بىردىنبىر قەدىمىي يول يادىكارلىقىدۇر. شياۋخەن قەدىمىي يولى خەن، تاڭ دەۋرلىرىدىكى چاڭئەن ۋە لوياڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئۇزاق مۇساپىلىك قاتناش كاپالىتى سىستېمىسىنىڭ قىممەتلىك ماددىي ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.

ۋېيياڭ ئوردىسى خارابىسى[تەھرىرلەش]

ۋېيياڭ ئوردىسى خارابىسى شىئەن شەھىرىدە بولۇپ، خەن سۇلالىسى چاڭئەن شەھەر خارابىلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇلۇڭىغا جايلاشقان. ۋېيياڭ ئوردىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، تۆت ئەتراپىغا قورشاۋ تام قوپۇرۇلغان، كۆلىمى 4.8 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ۋېيياڭ ئوردىسى قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋېيياڭ ئوردىسى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختىدىكى ئەڭ مۇھىم ئوردا بولۇش سۈپىتى بىلەن خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتنى تۇتاشتۇرۇشتا تەدبىر بەلگىلەش ۋە قوماندانلىق مەركىزى بولۇش رولىنى ئويناپ، يىپەك يولىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

شۇەنچۇەنجى خارابىسى[تەھرىرلەش]

شۇەنچۇەنجى خارابىسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرىدە بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى خەن سۇلالىسى ئۆتىڭىدۇر، شۇنداقلا يىپەك يولى مىراسلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر ئۆتەڭدۇر. بۇ ئۆتەڭ خارابىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۇەنچۇەنجىنىڭ مۇكەممەل قۇرۇلۇش توپىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، قېزىۋېلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ياغاچ تارشا پۈتۈك، يىپەك پۈتۈك، قەغەز پۈتۈك، يىپەك توقۇلما ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ قەدىمكى قاتناش ۋە پوچتا ئۆتەڭلىرىنى چۈشىنىش شۇنداقلا يىپەك يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىشتا قىممەتلىك دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىدى.

ئىدىقۇت قەدىمىي شەھەر خارابىسى[تەھرىرلەش]

ئىدىقۇت قەدىمىي شەھەر خارابىسى تۇرپان شەھىرىدە بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1 – ئەسىردىن مىلادى 14 – ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۇرپاندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بولغان. ئىدىقۇت قەدىمىي شەھەر خارابىسى تاشقاقى شەھەر، ئىچكەكى شەھەر ۋە خان ئوردىسىدىن تەركىب تاپقان ، نۇرغۇن دىنىي قۇرۇلۇش ۋە مەھەللىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەھەر مەدەنىيىتى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، كۆپ خىل دىن ۋە كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىكى تارقىلىشى ۋە ئالماشتۇرۇلۇشىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

بېشبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى[تەھرىرلەش]

بېشبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى جىمىسار ناھىيەسىدە بولۇپ ،7 –، 14 – ئەسىرلەردە بەرپا قىلىنغان، ئۇ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار مەركىزى شۇنداقلا مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان.

قىزىل مىڭئۆيى[تەھرىرلەش]

قىزىل مىڭئۆيى باي ناھىيەسىدە بولۇپ، 3 –، 9 – ئەسىرلەردە ياسالغان، يىپەك يولىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇددا دىنى خارابىسى ھېسابلىنىدۇ، ھازىر بار بولغان كېمىر سانى 349 بولۇپ، تام رەسىملىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ ئۆزگىچە شەكىل، سۈپەت ۋە تام رەسىم ئۇسلۇبىغا ئىگە، بۇددا دىنىنىڭ غەربىي رايونلارغا تارقىلىشتىكى غەربتىن شەرققە قاراپ تارقىلىش ئىزناسىنى ھەمدە تارقىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن يەرلىكلىشىش جەريانى ھەم كۈسەن ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

توقماق شەھىرى خارابىسى[تەھرىرلەش]

توقماق شەھىرى خارابىسى قىرغىزىستاندىكى ئۈچىنچى چوڭ شەھەر توقماقنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، 5 – ئەسىرلەردە قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 13 – ئەسىردە موڭغۇل ئىستىلاسىدا ۋەيران بولغان.

بالاساغۇن شەھىرى خارابىسى[تەھرىرلەش]

بالاساغۇن شەھىرى قىرغىزىستاندا بولۇپ، 10 – ئەسىرلەردە قۇرۇلغان، ئۇ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. بۇ شەھەردە مۇكەممەل بولغان شەھەر سۇ تەمىنلەش سىستېمىسى بولۇپ، ساپالدىن ياسالغان سۇ تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىرغا يېتىدۇ. خارابىلىكنىڭ ئەتراپىغا قىياپەتلىرى ھەرخىل بولغان نۇرغۇن ئۆرە ھالەتتىكى تاش ئادەملەر تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدىكى يايلاق تاش ئادەملىرىنىڭ قىياپەتلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.