يۇلتۇز ئابدۇللا

ئورنى Wikipedia

ئەدەبىيات ۋە فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى يۇلتۇز ئابدۇللا، مالايسىيادىكى خەنزۇ تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس بولۇپ، دائىم مالايسىيادىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، كارخانا-شىركەتلەر ھەمدە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپى بىلەن مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، مالايسىيادىكى جۇڭگولۇقلار ئارىسىدا «مەشھۇر ناتىق» دېگەن نامى بار.

ئۇ تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەل تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مىسسىئۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىدا ماگىستېرلىقتا ئوقۇغان، 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ياتلىق بولۇپ مالايسىياغا كەتكەن، 1996-يىل مالايسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سېلىشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن. تەيۋەن جېڭشەڭ رادىيو شىركىتىدە ئالىي مۇھەررىر، مالايسىيا مالاي سەنئەت ئىنستىتۇتىدا لېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر تەكلىپكە بىنائەن مالايسىيا مائارىپ مىنىستىرلىكىدە خەنزۇ تىلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا، شۇنداقلا ئۇ يۇلتۇز دەرسخانىسىنى تەسىس قىلغان.