يۇلۋاس خان قانداق ئادەم؟
يۇلۋاس خان قانداق ئادەم؟
تەرجىمىھالى =
[تەھرىرلەش]يولۋاسنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا كىشىلەر ھەر خىل قاراشتا بولۇپ كەلمەكتە. بەزىلەر يولۋاسنى شىنجاڭدىن سودىگەرچىلىك بىلەن ئىچكىرىگە بارغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى سېتىۋېلىپ كەلگەن خەنزۇ بالىسى دېسە، يەنە بەزىلەر يولۋاسنىڭ ئاتىسى خەنزۇ، ئانىسى ئۇيغۇر دەيدۇ. يەنە بىر بەزى كوچا خەۋەرلىرىدە قەيەردىندۇر قۇمۇلغا كېلىپ قالغان مىللىتى ئېنىق بولمىغان بىر ئادەم، ئۇ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تىلنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن قۇمۇل ۋاڭى شا مەخسۇت ئۆز ئوردىسىدا تەرجىمان قىلىپ ئىشلەتكەن دىيىشىدۇ.
يولۋاس مارالبېشى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىسى. ھوشۇر مىراب دېگەن كىشىنىڭ جىنەستىخان ئىسىملىك بىرلا قىزى بولۇپ ، ئوغۇل بالىسى بولمىغاچقا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن. بۇ كىشى بىر كۈنى سەھەردە مەسچىتكە كېتىۋېتىپ، يولدا بىر بوۋاق بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. يېقىن بېرىپ قارىسا يېڭىلا تۇغۇلغان بىر ئوغۇل بالا ئىكەن. ھوشۇر مىراب خۇدايىم بەردى دەپ، بالىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىدۇ. ئۆيگە بارغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا «يولدا بارىس» دېگەن (يول ئۈستىدىن تېپىلغان بالا دېگەن مەنىدە) ئىسىمنى قۇيىدۇ. بۇ ئىسىم ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يولۋاسقا ئۆزگىرىدۇ. يولۋاس 5 ياشقا كىرگەندە ھوشۇر مىراسنىڭ قىزى جىنەستىخاننى قەشقەرنىڭ خەنزۇ ۋالىسى زورلۇقچە نىكاھىغا ئالىدۇ. بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان ئاتا-ئانىلار كىسەلگە مۇپتىلا بۇلۇپ ئۈلۈپ كىتىدۇ. يىتىم قالغان يولۋاس ۋە ئۈگەي ئاچىسى جىنەستىخان خەنزۇ ۋالىنىڭ قۇلىدا قالىدۇ. بۇ ۋالى شۇ چاغدا ئۇلۇغچات، تاشقۇرغان تەرەپلەردىكى بىر قىسىم زىمىننى روسىيە زىمىنىغا قۇشۇپ بىرىۋەتكانلىكى ئۈچۈن، گۇناغا تارتىلىپ بېيجىڭغا چاقىرتىلىدۇ. ۋالى نۇرغۇن مال-مۈلۈك، بايلىقلارنى ۋە جىنەستىخان بىلەن يولۋاسنى ئېلىپ، بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن، خان بۇ ۋالىنى قولغا ئېلىپ، پۈتۈن مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. جىنەستىخان بىلەن يولۋاس بېيجىڭدا پاناسىز قېلىپ، ئىككى يىل تىلەمچىلىك بىلەن ئاچ-زارلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. 3- يىلىغا كەلگەندە، قۇمۇل ۋاڭى شا مەخسۇت خانغا سالام بىرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان جىنەستىخان بىلەن يولۋاس شا مەخسۇت ۋاڭنىڭ كاتىۋى خۇجىنىياز بەگكە دەرت ئېيتىپ، ئىلتىپات قىلىپ بىزنى قۇمۇلغا ئالغاچ كەتسىلە، ئۇنىڭدىن كىيىن بىز بىر ئامال قىلىپ يۇرتىمىزغا بېرىۋالساق، ئۈلۈكىمىز بۇ يەردە قالمىسا دەپ ئىلتىماس قىلىشىدۇ. خۇجىنىياز بەگ بۇ ئاھۋالنى شا مەخسۇت ۋاڭغا يەتكۈزىدۇ. ۋاڭ دىنى مەسلىھەتچىسى يۈنۈس ئەلەم ئاخۇندىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سۇرايدۇ. ئەلەم ئاخۇنۇم: بۇلار مۇساپىر ئىكەن، قۇمۇلغا ئالغاچ كەتسەك ئۇنىڭ ساۋاۋى چوڭ بۇلىدۇ دەپ مەسلىھەت بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شا مەخسۇت ۋاڭ ئۇلارنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىتىشكە مەقۇل بۇلىدۇ.
ئەمما يول ئۈستىدە ھەر بىر ھارۋىغا 3-4 كىشى بىللە ئولتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرلا جىنەستىخان بولغاچقا ئەرلەر بىلەن بىر ھارۋىدا ئولتۇرسا نامەھرەم بۇلىدۇ دەپ قاراپ، بىرسىگە نىكا قىلىپ قۇيۇشنى مەسلىھەتلىسىدۇ. شا ماخسۇت ۋاڭ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۈرۈپ، تەرجىمانى ھېزىتقا نىكاھلاپ قۇيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ھارۋىغا ئولتۇرۇپ قۇمۇلغا قايتىپ كىلىدۇ. لىكىن ھېزىتنىڭ چوڭ خۇتۇنى كۈندەشلىك قىلىپ جىدەل قىلغاچقا ئۇلار ئاجرىشىپ كىتىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن جىنەستىخان پوجۇڭ خېنىمغا خىزمەتكار بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. كىيىن ئۇنى ۋاڭنىڭ تۇققۇنى ئىبراھىم بەگكە نىكاھلاپ قۇيىدۇ.
يولۋاس 5 يېشىدىن باشلاپ خەنزۇ ئائىلىسىدە ئۆسكەنلىكى ۋە بېيجىڭدە بىر نەچچە يىل تۇرغانلىقتىن خەنزۇ تىلىنى ياخشى سۆزلەيتتى. شۇڭا ئۇ قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئوردىسىدا تەرجىمانلىق قىلىدۇ. ھەمدە قۇشۇمچە ئۈرۈمچى جاڭجۈنىنىڭ قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىغا بىرىدىغان مۇئاش، خىراجەت پۇللىرىنى باشقۇرىدۇ. يولۋاسنىڭ خىزمىتى شا مەخسۇت ۋاڭغا ياراپ قالغانلىقتىن ۋاڭ ئۇنىڭغا بازار بېگى، سىياسى قازىلىق ئەمەللىرىنى بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يولۋاسنىڭ ئىناۋىتى كۈندىن-كۈنگە كۈتۈرىلىدۇ.
شا مەخسۇت ۋاڭ ئۆلگەندىن كىيىن ، قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق لۈيجاڭ يولۋاسنى ئامانلىق ئەترىتىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئەترەتنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى يولۋاس ئۈزى قۇشۇمچە باشقۇرىدۇ. شۇ چاغلاردا ئاراتۈرۈك، شۇپۇل، نوم قاتارلىق جايلاردا ئابدۇنىياز مىراپ، سالى دورغا باشچىلىقىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى كۈتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يولۋاس قوزغىلاڭنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن سالى دورغىنى قولغا ئالماقچى بۇلۇپ، يار دورغا باشچىلىقىدا بىر قانچە كىشىنى شۇپۇلغا ئىبەرتىدۇ. لىكىن ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەكسىنچە قوزغىلاڭ پارتىلاپ، قوزغىلاڭچىلار قۇمۇل شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. يولۋاس ۋە لۈيجاڭ قاتارلىق بىر قانچە خەنزۇ ئەمەلدارلار مۇھاسىرە ئىچىدە قالىدۇ. لۈيجاڭ قوزغىلاڭچىلار بىلەن سۈلھى قىلىش ئۈچۈن يولۋاسنى ئەلچىلىككە چىقىرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ يولۋاسنى تۇتىۋېلىپ ما جۇڭيىڭغا تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ما جۇڭيىڭ يولۋاسنى سۇراق قىلغاندا، يولۋاس ما جۇڭيىڭغا ساداقەت بىلدۈرۈپ، لۈيجاڭنىڭ بارلىق ھەربى ئەھۋالىنى تۇلۇق ئىنكاس قىلىپ، خىزمەت كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ ئىشەنجىسىگە ئىگە بۇلۇپ، مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىنىدۇ. كىيىن ما جۇڭيىڭ بىلەن خۇجىنىياز ھاجىنىڭ مۇناسىبىتى ئۈزۈلگەندە ماجۇڭيىڭ يولۋاسقا بىر قىسىم ئالتۇن-كۈمۈش ۋە مال-مۈلۈك بىرىپ، ئۈزى ئەنشىگە قايتىپ كىتىدۇ. يولۋاس بۇ ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈكنى تاغلاردىكى دورغىلارغا سوغا قىلىپ، خۇجىنىياز ھاجىغا قارشى ھەركەت قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئۈچۈن، قۇرايغا كىلىپ 200 دىن ئارتۇق ئەسكەر توپلاپ، ھەركەت قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خۇجىنىياز ھاجى خەۋەر تېپىپ، دەرھال قۇرايغا بىر قانچە يۈز ئەسكەر ئىبەرتىپ، يولۋاسنى تۇتۇپ كىلىپ، قاماققا ئالىدۇ. كىيىن ئۇنى ئېتىۋىتىش ھەققىدە ھۈكۈم چىقىرىدۇ. لىكىن يولۋاس خۇجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىدا يالغاندىن توۋا قىلغان بۇلۇپ، گۇنايىنى تىلىگەنلىكى ئۈچۈن، خۇجىنىياز ھاجىنىڭ رەھىمى كىلىپ، گۇناھىدىن ئۈتۈپ، ئۇنى قۇيۇپ بىرىدۇ. يولۋاس خۇجىنىياز ھاجى بىلىن بىر مەزگىل ئىتتىپاقلىشىپ ئۈتىدۇ. لىكىن ئۇ يەنە ئاخىرىدا قۇرايغا قايتىپ، 200 گە يېقىن ئەسكەر توپلاپ، قادىر ھاجى قاتارلىق سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى بۇلاپ، ئەسكەرلىرىگە كىيىم-كىچەك تىكتۈرۈپ كىيىپ، ئالاھىيدە بۇلىۋېلىپ، قۇراي ئەتراپىدىكى تاغلىق خەلىقلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ. شۇنداقلا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى ئىچىدە ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنى ئاخىرى يولۋاس گۇرۇھى، بىشىرۋاڭ گۇرۇھى، خۇجىنىياز گۇرۇھى قاتارلىق گۇرۇھلارغا بۈلىۋىتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىشلىرى تازا ئۇڭۇشلۇق بولماي، ئاخىرى قۇمۇلنى تاشلاپ، ئەنشىگە كىتىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. ئۇ ئەنشىگە بېرىپ ما جۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىدۇ. شۇنداقلا ماجۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭغا چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ماجۇڭيىڭ بۇ تەلەپنى قۇبۇل قىلماي، يولۋاسنىڭ ئۈزىنى قارا شەھەر، ئاقسۇ، قەشقەر، خۇتەننىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ كىلىش ئۈچۈن، 30 ئادەم بىلەن يولغا سالىدۇ. بۇلار چاقىلىق يۇلى بىلەن كىلىۋېتىپ، مامۇت سىجاڭ ئىبەرتكەن مۇسۇل ھاجى باشلىق 20 نەپەر ۋەكىل بىلەن ئۇچۇرشۇپ، ئۇلارغا قۇشۇلۇپ، ماجۇڭيىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ كىلىدۇ.
بۇ ۋەكىللەر ما جۇڭيىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ ئۇنى شىنجاڭغا چىقىشقا ماقۇل كەلتۈرگەندىن كىيىن، يولۋاس ماجۇڭيىڭنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ئىشىغا مەسئۇل بۇلۇپ، قاتناش ۋاستىللىرىنى تەييارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، شىڭشىڭشادا سودىگەرلەرنىڭ 400 تۈگۈسىنى بۇلاپ، ما جۇڭيىڭغا تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. ماجۇڭيىڭ شىنجاڭغا چىقىپ، يولۋاسقا تۇرپاننىڭ چىڭ فاڭ سىلىڭلىق مەنسىۋىنى بىرىدۇ. ماجۇڭيىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا قاچقاندا يولۋاس ماجۇڭيىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تۇرپاننى تاشلاپ قۇمۇلغا كىلىۋالىدۇ. يولۋاس قۇمۇلغا يىتىپ كەلگەن كۈنى بېشىر ۋاڭ ھاراق-شاراپ ئىچىپ، مەسلىكتە پىدايى بەگنى ئۆلتۈرۈش خىيالى بىلەن بەنىت بۇلۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بېشىر ۋاڭنىڭ پۈتۈن ھەربى قۇرال-ياراقلىرىنى ئۆز قۇلىغا چۈشۈرۈۋالىدۇ. ھەمدە قۇمۇل يېڭى شەھەردىكى ھەربى باشلىق خۇيزۇ لى گەندىنى زىياپەتكە چاقىرىش يۇلى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، قۇرال-ياراقلىرىنى تارتىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شېڭ شىسەي يولۋاسنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قۇمۇلنىڭ ھاكىملىق مەنسىۋىنى بىرىش بىلەن تەڭ قۇمۇلدا تۇرۇش ئۈچۈن بىر دېۋىزىيە ئەسكەر ئىبەرتىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يولۋاس، ئۇلار يەتتە قۇدۇققا يىتىپ كىلە-كەلمەستىن بارىكۆللىك قازاقلاردىن بىر نەچچە يۈز ئەسكەر ئېلىپ ئۇلارنى قۇمۇلنىڭ لەنگەر دىگەن يېرىدە مۈكتۈرۈپ قۇيۇپ، ئۈزىنىڭ بىر بۈلۈم ئەسكەرلىرىنى يەتتە قۇدۇققا ئىنەرتىدۇ. ھەمدە شېڭ شىسەيگە: «سەن قۇمۇلغا ئەسكەر ئىبەرتىپسەن، بۇنىڭغا قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر، قازاق خەلقى نارازى، بىز سېنىڭ ئەسكەر ئىبەرتىشىڭگە قەتئى قارشى تۇرۇمىز. بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز سېنىڭ ئەسكەرلىرىڭنى تۇسۇش ئۈچۈن يەتتە قۇدۇققا كەتتى» دەپ تېلىگىرامما ئىبەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كىتىپ، بورھان ئەپەندى، يارى قارى ۋە يەنە بىر ئۇرۇسنى يولۋاس بىلەن سۈلھى قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا ئەلچىلىككە ئىبەرتىدۇ. ئۇلار قۇمۇلغا كىلىپ شېڭ شىسەينىڭ يولۋاسقا قۇمۇلنىڭ گارنىزون قۇماندانلىق مەنسىۋىنى بەرگەنلىك بۇيرىغىنى تاپشۇرىدۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن ھەربى ئىنئام سوغا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يولۋاس قۇمۇلغا ئىككى يېرىم يىل گارنىزون قۇماندانى بۇلىدۇ. كىيىن شېڭ شىسەي قۇمۇل چېگرىسىنى ساقلاش باھانىسى بىلەن ئىككى پولىك ئەسكەر ئىبەرتىدۇ. يولۋاس ۋەزىيەتنىڭ ئۈزىگە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى پەملەپ، شۇ يىلى (1936- يىلى) چوڭ چىڭگە قېچىپ كىتىدۇ. ۋۇ جېڭشىن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كىيىن، ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ قۇمۇلغا ۋالى بۇلىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇ گومىنداڭغا تايىنىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپتە جامائەت پىكىرى توپلاش مەقسىدىدە بىر قىسىم كىشىلەرنى ئاجىرتىپ، جەنۇبى شىنجاڭدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا ئىبەرتمەكچى بۇلۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ۋەزىيەت ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىپ كىتىدۇ. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭ تېنىچلىق بىلەن ئازات بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يولۋاسنىڭ قارا نىيىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازات قىلىنغاندىن كىيىن يولۋاس يەنىلا قۇمۇلنىڭ ۋالىسى بۇلۇپ تۇرىۋىرىدۇ. چۈنكى ئۇ، خەلىق ئازاتلىق ئارمىيىسى شىنجاڭغا كىرگەندە ، قۇمۇلدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، رەزىل مەقسىدىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كۈرۈنۈشتە ئازاتلىق ئارمىيىنى ئۇزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش جەھەتلەردە بىر قەدەر ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەيدۇ. لىكىن ئۇ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئامما بىلىدىغان بولغاچقا، كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوبدان بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاستىرىتتىن يەنە قۇراللىق تۇپىلاڭ كۈتۈرۈش ئۈچۈن يۇشۇرۇن تەييارلىق قىلىدۇ. قۇمۇل، بارىكۆل، ئاراتۈرۈك ناھىيىلىرىنىڭ تاغلىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق دېھقان-چارۋىچىلىرى ئىچىدە كومپارتىيىگە قارشى ئىغۋا تارقىتىپ، خەلىقنى پارتىيىگە قارشى ئەكسىلئىنقىلاۋى ھەركەت ئېلىپ بېرىشقا قۇترىتىدۇ. بەيتىك تاغلىرىدا قېچىپ يۈرگەن باندىت ئوسمان، جانىمقان قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ توپىلاڭ كۈتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يۇشۇرۇن ھەركەتلىرى يەنىلا سېزىلىپ قالىدۇ. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن يولۋاس 1950- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى تۇغۇچىدىكى كارىزغا چىقىپ كىرىمەن دەپ چىكىتىپ، بارىكۆل تاغلىرىدا ھەركەت قىلىدۇ. ھەمدە ئاراتۈرۈكتىكى گومىنداڭنىڭ قورچاق ئەكسىيەتچى ئەمەلدارى ئەبەيدۇللا بىلەن بىرلىشىپ، گومىنداڭنىڭ بايرىقىنى كۈتۈرىۋېلىپ، خەلىق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ بارىكۆلدىكى 46- تۇەنىنىڭ ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدىكى 2- روتىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئالاقە تېلىفۇن سىملىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بۇ روتىنى قورشىۋالىدۇ. ناھىيە ئىچىدىكى ۋە ئەتراپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى(ئاممىنى) مەجبۇرى تاققا ھەيدەپ ئېلىپ كىتىدۇ. 2- روتىنىڭ يولۋاس بىلەن بولغان كۈرۈشى 40 كۈن داۋاملىشىپ، ئاخىر 2- روتا چىقىمسىز ھالدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. يەنى 1950- يىلى 5- ئايلاردا ئازاتلىق ئارمىيە بىلەن مىللى ئارمىيە ئارا تۈرۈككە يىتىپ كىلىپ، دۈشمەن مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاراتۈرۈكنىڭ ئامانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. تاققا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلەرنىمۇ كايتۇرۇپ كىلىدۇ.
يولۋاس بىلەن بولغان كۈرەش داۋامىدا ئۇنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى تىرىك قولغا چۈشۈدۇ. شۇ قاتاردا ئۇنىڭ خەنزۇ ئايالىمۇ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. بىر قىسىم ئادەملىرى جەڭدە قازا قىلىدۇ. نەتىجىدە يولۋاسنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، ئۇزىنى قويغۇدەك پانا جاي تاپالماي، ئاخىر قۇتۇبىدىكى گومىنداڭ قورچاق قۇشۇنىدىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم قاچاقلار بىلەن ئۈزىنىڭ ئازغىنە ئادىمىنى باشلاپ ئوغلى ياقۇپ بەگ(قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ قورچاق ھاكىمى) بىلەن شىزاڭ ئارقىلىق چىگرىدىن قېچىپ چىقىپ ھىندىستانغا بېرىپ، شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تەيۋەنگە قېچىپ كىتىدۇ. يولۋاس تەيۋەنگە قېچىپ بارغاندىن كىيىن، تەيۋەننىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق «ئەلچىسى» ۋە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ «رەئىس» لىكىگە تەيىنلىنىدۇ ھەمدە شۇ جەرياندا بىر نەچچە توم ئەسلىمە يېزىپ چىقىدۇ. يولۋاس 1971- يىلى 7- ئايدا كىسەل سەۋەۋى بىلەن تەيبېيدا 82 يېشىدا ئۈلىدۇ.
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ئالىم بىز بلوگى
https://www.uyghur-archive.com/alimbiz/yazma386.html