يۇ چۈەن

ئورنى Wikipedia

يۇ چۈەن، ئەر، خەنزۇ، 1954- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي لۇلۇڭدىن، 1969- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پىلانلىق ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى پىلانى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

  1969- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ جەڭچىسى، ليەن يېتەكچىسى بولغان.

  1976- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى جيەنگومېن كوچا باشقارمىسى پارتكومىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشكەن (تەقسىمات كۈتۈپ تۇرغان).

  1976- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە بېيجىڭ 1- ئىستانوك زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان.

  1980- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى 1- شۆبە مەكتىپىنىڭ پىلان- ئىستاتىستىكا فاكۇلتېتىدا خەلق ئىگىلىكى پىلانى كەسپىدە ئوقۇغان.

  1984- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پىلانلىق ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى پىلانى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

  1987- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پىلانلىق ئىگىلىك فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسى 1- گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك).

  1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسى 1- گۇرۇپپىسىنىڭ 1- كاتىپى (باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك)، قوشۇمچە مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسى 1- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەخسۇس خادىمى بولغان (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك).

  1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2000- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2006- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان، مىنىستىر دەرىجىلىك)، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

  17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى