يۈرەك رىتىمسىزلىقى

ئورنى Wikipedia

ھەرخىل سەۋەبلەردىن يۈرەك مىزاجى بۇزۇلۇپ، يۈرەكتىكى روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش، يۈرەك چالاڭغۇراش، يۈرەك ساھەسى يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

يۈرەك رىتىمسىزلىقى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «خەفقان» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسلىق ئالامىتى يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىش،تەشۋىشلىنىش، ئىچى تىتىلداش.
كېسەللىك ئورنى قورساق ئىچى
خەنزۇچە نامى 心律失常
غەرب تېبابىتى نامى مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى
باشقا ئاتىلىشى خەفقان
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
تەۋە بۈلۈم ئىچكى بۈلۈم

سەۋەبى[تەھرىرلەش]

1.خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات يۈرەككە زىيادە تەسىر قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇلىدىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش بىلەن يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن روھىي ھايۋانىي ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىيات يۈرەك مۇسكۇلىغا زىيادە تەسىر قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات يۈرەك مۇسكۇلىغا زىيادە تەسىر قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، نېرۋىلارنىڭ قوزغىلىشىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات يۈرەك مۇسكۇلىغا زىيادە تەسىر قىلغاندا نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاستىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. قان خىلىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قان خىلىتى ئازىيىپ كەتكەندە يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، يۈرەك رىتىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قان خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە قان تومۇر ئىچىدىكى بىرلىك مىقداردىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ سىغىمى ئاشقاچقا يۈرەك مۇسكۇلى زىيادە كۈچىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ قان تومۇرلارنى تارايتىدۇ ھەمدە يۈرەك مۇسكۇلى ۋە نېرىپلارنى غىدىقلاپ يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىدۇ ھەمدە پۈتۈن بەدەندىكى جۈملىدىن يۈرەكتىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرۇپ، روھىي ھايۋانى ۋە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتى نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ، روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

10. پاسسىپ روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. غەم-ئەندەىشە قىلىش، جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، قورقۇش قاتارلىق پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى روھنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، روھىي ھايۋانىنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يۈرۈك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى[تەھرىرلەش]

يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىپ، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ، بەزىدە يۈرەك چالاڭغۇراپ، ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، يۈرەك ساھەسى يېقىمسىزلىنىدۇ، بىمار تەشۋىشلىنىدۇ، ئىچى تىتىلدايدۇ.

1. قان خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك رىتىمسىزلىقىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېز بولىدۇ. يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ، تومۇرى دولقۇنلۇق، تىز سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان خىلىتىنىڭ غالىبلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2. سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك رىتىمسىزلىقىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، تومۇرى ئىنچىكە، تېز سالىدۇ، بىمار ھاسىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەپرا خىلىتىنىڭ غالىپلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

3. بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك رىتىمسىزلىقىدا يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا بولىدۇ، تومۇر ھەرىكىتى ئاستا ھەم توم بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلغەم خىلىتىنىڭ غالىبلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4. سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك رىتىمسىزلىقىدا تومۇرى ئىنچىكە، قالايمىقان قالىدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى تېز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىبلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

قوزغاتقۇچى ئامىللار[تەھرىرلەش]

زىيادە چارچاش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، ئاچچىقلىنشى، غەم-ئەندىشە قىلىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئامىللار قوزغاتقۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

ئاقىۋىتى[تەھرىرلەش]

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دىئاگنوزى[تەھرىرلەش]

تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك چالاڭغۇراش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش، يۈرەك ساھەسى يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە قايسى خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىلىتنىڭ غالىبلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى[تەھرىرلەش]

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن سوۋۇتۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

گاۋزىبان گۈلى، كاسىنە ئۇرۇقى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئاق سەندەل 20 گرامدىن، قىزىلگۈل، نېلۇپەر گۈلى، رەيھان گۈلى 30 گرامدىن، پىلە 60 گرام، ئۆچكە سۈتى ئىككى لىتىر، تاۋۇز سۈيى بىر لىتىر، ئانار سۈيى بىر لىتىردىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە ئۈچ لىتىر ئەرەق تارتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سېمىز ئوت ئۇرۇقى، زىخ بەش گرامدىن، ئەينۇلا بەش دانە، ئەرقى گۈل، ئەرقى گاۋزىبان، ئاپېلسىن جۈزە ئەرقى، ئەرقى سەندەل 26 مىللىلىتىردىن، ئانار شەربىتى 24 مىللىلىتىر، پەرەنجىمىشكى بەش گرامدىن ئېلىپ، سېمىزئوت ئۇرۇقى، زىخ، ئەينۇلا، پەرەنجىمىشكى قاتارلىقلارنى ئەرەقلەرگە چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ، 24 مىلىللىتىر ئانار شەربىتى قوشۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بىر دانە ئامىلە مۇرابباسىنى سۇدا يۇيۇۋېتىپ ئالتۇن ۋاراققا يۆگەپ يېگۈزۈپ، ئۇندىن كېيىن دورا شىرىسىدىن 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سېمىزئوت ئۇرۇقى12 گرام، ئەرقى گۈل 50 مىللىلىتىر، ئەرقى گاۋزىبان 100 مىللىلىتىر، نېلۇپەر شەربىتى 24 مىللىلىتىردىن ئېلىپ، سېمىز ئوت ئۇرۇقىنى ئەرەقلەرگە چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ، قۇرسى كافوردىن ئۈچ گرامنى ئانار شەربىتىدىن 24 مىللىلىتىر بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرىقى دورا شىرنىسىنى 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى سەندەلنى ئەرقى گۈلگە سۈرۈپ يۈرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئەينۇلا، زىخ، ئانار ئۇرۇقى، تەمرى ھىندى 10 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئەرقى سەندەل كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، لىمون شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ نارجىل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئاچچىق ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان قۇرسى كافور كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قۇرسى كافۇر نۇسخىسى:

تاباشىر 12 گرام، قاپاق ئۇرۇقى توققۇز گرام، قىزىلگۈل 12 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گرام، نېلۇپەر 12 گرام، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى ئالتە گرام، سېمىزئوت ئۇرۇقى توققۇز گرامدىن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ئالترە گرام، ئىككى خىل تەرخەمەك ئۇرۇقى توققۇز گرام، رۇبىسۇس تۆت گرام، كاپۇر 0.1 گرام، ئەرەب يېلىمى 0.5 گرام، كەتىرا 0.5 گرام، تەرەنجىبىن ئالتە گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ، بېھى ئۇرۇقىنىڭ لوئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، قۇرس تەييارلىنىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق ۋە ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قىزىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتلىدۇ.

بادىرەنجى بۇيا بەش گرام، گاۋزىبان ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، گۈلقەنتتىن 24گرام قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئەتىگەندە بىر قېتىمدىلا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئەرقى گۈل، ئەرقى گاۋزىبان 50 مىللىتىردىن، ئۈزۈم سۈيى 200 مىللىلىتىر ئېلىپ قاينىتىپ، 200 مىللىلىتىر چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مائۇلھەسەل تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

گاۋزىبان ھىندى، گاۋزىبان گۈلى، پىلە غوزىسى، بادىرەنجى بۇيا 15 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، قەنت سېلىپ قىيام قىلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىرنى قىزىلگۈل شەربىتى 10 مىللىلىتىر بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

زەپەر ئۈچ گرام، سۇمبۇل، قىزىلگۈل، دارچىن، سەئدى كوفى ئالتە گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ، تاسقاپ، ئەرقى گۈل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىماد تەييارلاپ يۈرەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

گاۋزىبان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىتىردىن؛ بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىتىردىن؛ داۋائىلمىشكى ھەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تولۇقلاش مەقسىتىدە ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30مىللىتىردىن؛ ئۈزۈم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىتىردىن؛ ئالما شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىتىردىن؛ مەجۈنى خۇبسىل ھەدىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئامىلە نوشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ يېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قىيفال تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ. ئەگەر قان ئېلىش مۇۋاپىق بولمىسا ئىككى تاغاق ئوتتۇرىسىغا ياكى پاچاققا قانلىق لوڭقا قويۇلىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن ئۆشنە، رەيھان ئۇرۇقى، بالەنگو ئۇرۇقى، پەرەنجىمىشكى، نارمىشكى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىرىدن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن پەرەنجىمىشكى، نارمىشكى، ئۆشنە، رەيھان ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بوسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئۆشنە، رەيھان ئۇرۇقى، پەرەنجىمىشكى، بالەنگو، نارمىشكى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 15~10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ ئۈچۈن بېرىلگەن دورىلارغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خىمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خىمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا10 گرامدىن؛ ئەبرىشىم شەربىتى كۈندۈ ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ سەندەل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ مەجۈنى نۇجاھ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار[تەھرىرلەش]

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، تۇزلۇق، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، مەنزىرىلىك جايلارنى سەيلە قىلىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش لازىم.