يۈز نېرۋا پالىچى

ئورنى Wikipedia

ھەرخىل سەۋەبلەبلەر بىلەن يۈز نېرۋىلىرى زەخىملىنىش نەتىجىسىدە روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈز مۇسكۇللىرى ۋە پەيلىرى بوشىشىپ كېتىپ ئېغىز بىر تەرەپكە مايماقلىشىپ قىلىش، قاپاق ساڭگىلاپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

جۇڭيى تىبابىتى نامى :يۈز نېرۋا پالىچى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :يۈز قىسمى

ئىنگىلىزچە نامى :Bell’s palsy

كېسەللىك ھەققىدە[تەھرىرلەش]

5پارچەيۈز نېرۋا پالىچىھەرخىل سەۋەبلەبلەر بىلەن يۈز نېرۋىلىرى زەخىملىنىش نەتىجىسىدە روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈز مۇسكۇللىرى ۋە پەيلىرى بوشىشىپ كېتىپ ئېغىز بىر تەرەپكە مايماقلىشىپ قىلىش، قاپاق ساڭگىلاپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • كېسەللىك ھەققىدە
  • كېسەللىك سەۋەبى
  • خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات تەسىرى
  • بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى
  • گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرى
  • مېڭە ئۆسمىسى سەۋەبى
  • مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبى
  • مېڭە تىقىلمىسى سەۋەبى
  • دائىملىق كېسەل ئالامىتى
  • دىئاگنوز قويۇش
  • داۋالاش پىرىنسىپى
  • داۋالاش ئۇسۇلى
  • كېسەللىك پەرۋىشى
  • يىمەكلىك ساغلاملىقى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

كېسەللىك سەۋەبى[تەھرىرلەش]

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات تەسىرى[تەھرىرلەش]

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات يۈز مۇسكۇل ۋە نېرىپلىرىغا زىيادە تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇنغا ماددا ئالمىشىش سۇسلىشىپ، روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا يەتكۈزۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ بىر تەرەپ يۈز مۇسكۇلى ۋە پەيلىرى بوشىشىپ كېتىش بىلەن يۈز بىر تەرەپكە مايماق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى[تەھرىرلەش]

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى يۈزدىكى مۇسكۇل، توقۇلما ۋە پەي-تارامۇشلارغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى، سۇسلاشتۇرۇپ، روھ نەپسانى ۋە قۇۋۋەت نەپسانىنىڭ ئايلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، يۈزدىكى نېرىپلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، پەي، مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىپ، يۈزنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدىكى مۇسكۇللار بوشىشىپ قارشى تەرەپكە تارتىلىپ مايماق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرى[تەھرىرلەش]

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى يۈزدىكى قان تومۇرلارغا تەسىر قىلغاندا، قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇل توقۇلمىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈزنىڭ بىر تەرىپىدىكى نېرىپلارنىڭ سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ، يەپ، مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىپ، قارشى تەرەپكە تارتىلىپ مايماق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مېڭە ئۆسمىسى سەۋەبى[تەھرىرلەش]

مېڭىدىكى ئۆسمە يۈزنىڭ بىر تەرىپىدىكى ھەرىكەت ۋە سېزىمنى باشقۇرىدىغان مەركەزلەرنى ياكى نېرىپلارنى بېسىۋېلىشى نەتىجىسىدە نېرىپلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، يۈزنىڭ بىر تەرىپىدىكى نېرىپلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى تۆۋەنلىتىشى نەتىجىسىدە پەي، مۇسكۇللار بوشىتىپ كېتىپ، قارشى تەرەپكە تارتىلىپ، مايماق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبى[تەھرىرلەش]

مېڭىگە چۈشكەن قان يۈز قىسمىنىڭ ھەرىكەت ۋە سېزىمىنى باشقۇرىدىغان مەركەزلەرنى بېسىۋېلىشى نەتىجىسىدە يۈزنىڭ بىر تەرىپىدىكى نېرىپلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، پەي-مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ، ئېغىزنىڭ قارشى تەرەپكە تارتىلىپ مايماق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مېڭە تىقىلمىسى سەۋەبى[تەھرىرلەش]

مېڭە تىقىلمىسىدا مېڭىنىڭ قان تومۇرلاردا توسۇلۇش بولغاچقا، يۈزنىڭ بىر تەرىپىدىكى ھەرىكەت ۋە سېزىمنى باشقۇرىدىغان مەركەزلىرىگە قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكى نەتىجىسىدە، روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈزنىڭ بىر تەرىپىدىكى نېرىپلارنىڭ سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ، پەي-مۇسكۇللار بوشىشىپ قارشى تەرەپكە تارتىلىپ مايماق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈ پچىقىرىدۇ.

دائىملىق كېسەل ئالامىتى[تەھرىرلەش]

6پارچەيۈز نېرۋا پالىچىيۈز نېرۋا پالىچىدا بىر تەرەپ يۈز مۇسكۇلى ۋە پەيلىرى بوشاپ كەتكەنلىكتىن ساق تەرەپكە تارتىلىپ، مايماق بولۇپ قالىدۇ (سول تەرەپ مايماق بولسا ئوڭ تەرەپ پەي-مۇسكۇللىرى بوشاپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ئوڭ تەرەپ مايماق بولسا، سول تەرەپ پەي-مۇسكۇللار بوشاپ كەتكەن بولىدۇ). يەڭگىل بولغاندا كۆزدە روشەن ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئېغىر بولغاندا ئۈستۈنكى قاپاق ساڭگىلاپ قالىدۇ. بىمارنىڭ نورمالنى سۆزلەش، پۈۋلەش، چايناش ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ ئىچكەندە سۇ ئېغىزنىڭ بىر تەرىپىدىن چىقىپ كېتىدۇ. تەم سېزىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. مېڭە كېسلەلىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەگەر ئۇ تەرە پمېڭە يېرىم شارىدا كېسەللىك يۈز بەرسە، سول تەرەپ يۈزدىكى پەي-مۇسكۇللار بوشاپ كېتىدۇ. سول تەرەپ مېڭە يېرىم شاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا، ئوڭ تەرەپ يۈزدىكى پەي-مۇسكۇللار بوشاپ كېتىدۇ.

دىئاگنوز قويۇش[تەھرىرلەش]

تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئىلگىرى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق، ھۆل سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە، ئېغىز مايماق بولۇپ قېلىش، قاپاق ساڭگىلاپ قېلىش، سۆزلەش، تەم سېزىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى[تەھرىرلەش]

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. مېڭە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. مېڭە، نېرۋا پەي، مۇسكۇل ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

ئالدى بىلەن 7 ~ 3 كۈنگىچە مۇۋاپىق مىقداردا مائۇلھەسەل بېرىش بىلەن بىرگە مائۇلھەسەل كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن بەرگەندىن باشقا ھېچقانداق دورا ياكى تاماق بېرىلمەيدۇ.

خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ۋە قىزىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

جۆز، ئېگىر قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا شۈمۈپ بېرىلىدۇ.

قىچىنى زەيتۇن يېغى ياكى كۈنجۈت يېغىدا ئېزىپ كېسەل تەرەپتىكى يۈزگە چېپىپ بېرىلىدۇ.

سىيادان يېغى، قۇستە يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ ياغلاپ بېرىلىدۇ.

ھىڭدىن 48 گرامنى يۇمشاق سوقۇپ، قەلەمپۇر يېغى بىلەن زىماد تەييارلاپ كېسەل تەرەپتىكى يۈزگە چېپىلىدۇ.

كاۋاۋىچىن، ئاقىر قەرھا، قەلەمپۇر، جوز، داچىن 12 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن يېغى بىلەن زىماد تەييارلاپ كېسەل تەرەپتىكى يۈزگە چېپىلىدۇ.

گرېلكا ياكى تاش تۇزنى قىزىتىپ كېسەل ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەگەر بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى، مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئاسارۇن، ئۇدسەلىپ، ئۈستققۇدس، پەرەنجىمىشكى، بىخ كەبىر، قەلەمپۇر، دارچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن، 9 ~ 7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىرىدن  60 ~ 53 كۈن ئىچىشكە بېرىپ ئارتۇق بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدن كېلىپ چىققان بولسا، گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭە ۋە نېرىپلارنى كۈچلەندۈرگۈچى، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى دورىلاردىن ئاسارۇن، ئۇد سەلىپ، پەرەنجىمىشكى، مەرزەنجۇش، بىخ كەبىر، دارچىن، قەلەمپۇر قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىرىدن 45 ~ 15 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، مادداپىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن 60 ~ 53 كۈنگىچە بېرىپ گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

كاۋاۋىچىن، ئاقىرقەرھا، قەلەمپۇر، جوز، دارچىن 15گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن يېغى بىلەن زىماد تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

مەرزەنجۇش، سۆئىتەر، ئاقىرقەرھا، قىچا، بىخ كەبىر، ئاچچىق ئانار پوستى، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى 10 گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە سىركەنجىۋىل ئەنسىلىنى قوشۇپ غار-غار قىلىنىدۇ.

قىچىدىن 30 گرامنى كۈنجۈت يېغى ياكى زەيتۇن يېغىدا ئېزىپ، كېسەل تەرەپتىكى يۈزگە چېپىلىدۇ.

سىياداندىن بەش گرامنى يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.

قۇستە يېغى، سىيادان يېغى، زەيتۇن يېغى، قەلەمپۇر يېغى بىلەن كېسەللەنگەن تەرەپ ياغلاپ بېرىلىدۇ.

ھىڭ 50 گرام، ئاقىرقەرھا 20 گرام، قۇستە يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ كېسەل تەرەپكە چېپىلىدۇ.

ئاق موم 12 گرام، بىدەنجىر يېغى 36 مىللىلىتىر، پەرفىيۇن، قۇندۇز قەھرى، مەستىكى، سۆرۈنجان ئۈچ گرام، بۇ دورىلاردىن قائىدە بويىچە ياغ تەييارلاپ كېسەل تەرەپتىكى يۈز ياغلىنىدۇ.

قوتاز گۆشىنى ئوبدان پىشۇرۇپ، تېرە كۆيمىگەندەك ھالدا بويۇن ۋە يۈز ئەتراپىغا تېڭىلىدۇ.

ھەببى ئازاراقى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3 ~ 2 دانىدىن، ھەببى قوقىيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~5 دانىدىن، ھەببى جەدۋار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~32 دانىدىن، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھە رقېتىمدا ~32 دانىدىن، مەجۇنى سوم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا  105 گرامدىن، مەجۇنى ئازاراقى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5 گرامدىن، مادەتتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھە رقېتىمدا 10 گرامدىن، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

مېڭە، نېرۋا پەي-مۇسكۇل ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلە شمەقسىتىدە ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 ~ 30مىللىلىتىردىن؛ بادرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 ~ 30مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى داۋائى مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5 گرامدىن، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىرىدن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك پەرۋىشى[تەھرىرلەش]

سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن ۋە چۈشكۈرۈشتىن، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلاشتىن بۇرۇن غار-غار قىلىشتىن، كېسەللىك باشلانغاندا ئۆتكۈر تەسىرلىك دورىلارنى بېرىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاش ۋە غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئەگەر مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، ئەينەككە قاراپ ئېغىزنى رۇسلاش مەشىقى قىلىش، ئىسسىق سۇغا لۆڭگىنى چىلاپ، كېسەل تەرەپكە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، مەنزىرىلىك جايلارنى سەيلە-ساياھەت قىلىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئەگەر مېڭىگە قان چۈشكەن بولسا، مۇتلەق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

يىمەكلىك ساغلاملىقى[تەھرىرلەش]

كېسەل باشلىنىپ ئۈچ كۈنگىچە تاماق بېرىشتىن چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك، مايلىق، غىدىقلىغۇچى، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

كېسەل باشلىنىپ ئۈچ كۈنگىچە پەقەت مائۇلھەسەللا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن كەپتەر گۆشى، توخۇ گۆشى، كەكلىك گۆشى، شورپا، مائۇللەھمى، ئۈگرە قاتارلىقلار تاللاپ بېرىلىدۇ

مەنبە: ئىزدە قامۇسى