يۈسۈپجان ياسىن

ئورنى Wikipedia

ياش تارىخچى يۈسۈپجان ياسىن

يۈسۈپجان ياسىن 1971-يىلى ئاتۇش تىجەندە مەرىپەت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى تىجەندە (77. 9-82. 7)، ئاندىن ئاتۇش شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە(82. 9-88. 7) ئوقۇغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە جۇغراپىيە، تارخ دەرسىدە مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئىدى. ھوسنىخەت جەھەتتىمۇ قالتس تالانتى بار ئىدى.

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى تارخ كەسپىدە ئوقۇغان (88. 9-93. 7).

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۇمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە تارخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ دەرس ئوتتى. شۇ مەزگىللەردە ئۇ دەرس ئوتسە ئوقۇغۇچىلار زوقلىنىپ ئاڭلايىتتى. ھەممە ئوقۇغۇچى ئۇنى ھۆرمەتلەيىتتى.

2004 – يىلى ” تۇرپان ” ژۇرنىلىدا ” مۇ مەدىنىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر” دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلغان.

ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئونىڭ داستان – مىللىي بايلىق ناملىق ئەسىرىنى سوۋغا قىلىمىز.

داستان – مىللىي بايلىق

ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى.

1. ( كىتاپ)تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا —2000 يىل ئۈرۈمچى

ئىجادي ئەسەرلەر

1. ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى

2. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ۋە ئۆمەر باي

3. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېمىزىم مەسىلىسى

4. ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن قىسقىچە بايان

5. رۇس ئەدەبىياتىدا تەسۋىرلەنگەن شەرق

6. داستان – مىللىي بايلىق

تەرجىمە ئەسەرلىرى

1. ئۇيغۇرلار [تۈركىيە] ئاپتۇرى- رەشىد رەھمەتى ئارات

2. مىللىي كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت‏ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان