يۈشۇ شەھىرى

ئورنى Wikipedia

يۈشۇ شەھىرى (خەنزۇچە: 玉樹市) چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بولۇپ، يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.

جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

يۈشۇ شەھىرى چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى قارىمىقىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.

يۈشۇ شەھىرى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەربى جەنۇب تەرىپىگە،چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرىق تەرىپىگە، يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان.

شەرقىي جەنۇبى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربىي جەنۇبتا ناڭچيەن ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەرىپ تەرىپى

زادو ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى جىدو ناھىيەسى بىلەن چېگرا، شىمالىي ۋە شەرقىي شىمال بىلەن چۈمالەي، چىندۇ 

ناھىيەسى ۋەسىچۈەن ئۆلكىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. غەربتە شەرقىي ئۇزۇنلۇقى 40'41°95، شەرقتە شەرقىي ئۇزۇنلۇقى 34'44°97، پەرقى 54'02°2، جەنۇب شىمالىي كەڭلىكى 44'44°33، شىمالى شىمالىي كەڭلىكى 44'46°33، كەڭلىك پەرقى 10'01°1، شەرىقتىن غەربكە ئۇزۇنلىقى 189.5 كىلىومىتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە 194.3 كىلومىتىركىلىدۇ.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]