يۈيلىن

ئورنى Wikipedia

يۈيلىن(خەنزۇچە: 玉林市) شەھىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمال تەرىپى، قەدىمكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ يېنىغا جايلاشقان داڭلىق قۇملۇق شەھەر. يۈيلىننىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي تاپقان، خەلق مۇزىكىسى «يۈيلىن كۈيى» كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

يۈيلىن شەھىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمال تەرىپى، قەدىمكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ يېنىغا جايلاشقان داڭلىق قۇملۇق شەھەر. يەر مەيدانى 12 مىليون 838 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر، ئاھالىسى71 مىليون 73 مىڭ (2015). قەدىمدە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مۇھىم بازار ۋە موڭغۇل-خەنزۇ خەلقلىرى سودا ئالاقە قىلىدىغان جاي بولغان. يۈيلىننىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي تاپقان، خەلق مۇزىكىسى «يۈيلىن كۈيى» كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

تارىخى[تەھرىرلەش]

قەدىمدە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مۇھىم بازار ۋە موڭغۇل-خەنزۇ خەلقلىرى سودا ئالاقە قىلىدىغان جاي بولغان. قەدىمىي شەھەر مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنغان، شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قىسمى ساقلىنىپ قالغان، شەھەر ئىچىدە قەدىمي قۇرۇلۇشلار بەك كۆپ بولۇپ، شىنمىڭ راۋىقى، ۋەنفۇ راۋىقى، دەيشىڭ ئىبادەتخانىسى، گۇەن يۆ ئىبادەتخانىسى ۋە خاتىرە راۋىقى قاتارلىقلار بار. شەھەرنىڭ شىمالىدا قەدىمكى سېپىل، جېنبېي شىپاڭى، يىماچېڭ، قىزىل تاش جىلغىسى شۇڭشەن بۇتخانىسى، شۇنداقلا لىنشياۋ مۇنارى، چىڭيۈن ئىبادەتخانىسى، يۇڭجى كۆۋرۈكى قاتارلىقلار بار.

جۇغراپىيىلىك ئورنى [تەھرىرلەش]

يۈيلىن شەھىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى نەننىڭ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 190 كىلومېتىر، يۈيلىن شەھىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى. شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′39°109 دىن ′18°110 غىچە. شىمالى كەڭلىك ′19°22 دىن′01°23 غىچە. شەرقىي تەرىپى گۇاڭدۇڭ ماۋمىڭ شەھىرى. غەربى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايۇنىنىڭ چىنجۇ شەھىرىدە، غەرب تەرىپى چىنجۇ شەھىرىدىن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بېيخەي شەھىرى بىلەن قوشنا، شىمالدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيگاڭ شەھىرى، شەرقىي شىمال تەرىپى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەھەر ئومۇمىي كۆلىمى 12838 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ گۇاڭشىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 236661 كۇۋادىرات %5.42 ئىگىەللەپ ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر قاتارىدىن 8-ئورۇندا تۇرىدۇ.

كىلمات ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

يۈلىن تىپىك سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتىغا تەۋە.ھاۋا كىلىماتى ئىللىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃22؛ ھۆل-يېغىن مىقدارى يېتەرلىك ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 1650 مىللىمېتىر. نۇر ۋە ئىسسىقلىق يېتەرلىك، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 1795 سائەت. قىروسىز مەزگىلى ئۇزۇن، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز كۈن سانى 346 كۈن. چېكىگە يەتكەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2-، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃38. يىللىق ھۆل-يېغىن مەزگىلى 160 كۈن. ھەر ئايلىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى مۇۋاپىق سېكۇنتىغا 1.8~1.3 مېتىرغىچە كېلىدۇ.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]