يېسىۋېلەك
يېسىۋېلەك (ئىلمىي نامى: Brassica rapa pekinensis، باشقا ئاتىلىشى Brassica campestris pekinensis ياكى Brassica pekinensis) بىر خىل ئەسلىي ماكانى جۇڭگو بولغان كۆكتات بۇلۇپ، يەنە كۈزلۈك يېسىۋېلەك، كۈزلۈك كاللەكبەسەي، قاتكۆك، سېرىق ئاق بىخ، يېلىم ئوتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كۈزلۈك يېسىۋىلەكنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىغا باي، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم دورىلىق قىممىتى بار.
ئۇيغۇرچە نامى | يېسىۋېلەك |
---|---|
ئىنگلىزچە نامى | cabbage |
تەۋەلىكى | ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى |
سىنىپى | جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى |
ئائىلىسى | كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى |
تۈرى | كۆك يازلىق يېسىۋىلەك |
كەنجى سىنىپى | دىللېنىيە كەنجى سىنىپى |
رەڭگى | يېشىل، ئاق رەڭلىك |
ئۆزگەرگەن تۈرى | Brassica rapa var. glabra |
باشقا نامى | كۈزلۈك يېسىۋېلەك، كۈزلۈك كاللەكبەسەي، قاتكۆك، سېرىق ئاق بىخ، يېلىم ئوتى |
خەنزۇچە ئاتىلىشى | 白菜 |
---|---|
تارقالغان رايونلار | جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە كەڭ تارقالغان |
تىپى | ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى |
تۈركۈمى | كەپە تۈركۈمى |
ئۇرۇقداشلىرى | كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشى |
كەنجى تىپى | يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى |
كەنجى تۈرى | يېسىۋېلەك |
شەكلى | ئېللىپسسىمان |
لاتىنچە نامى | Brassica pekinensis Rupr. ياكى Brassica rapa var. glabra |
ھەققىدە
[تەھرىرلەش]يېسىۋېلەك ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى 40 ~ 60 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، يېسىۋېلەك پۈتۈن تۈپ بويىچە تۈكى بولمايدۇ، بەزىدە يوپۇرماقلار ئاستىدا ئوتتۇرا تومۇرى بار، ئاز ساندىكى تىكەن تۈكچىلىرى بولىدۇ. ئاساسىي يوپۇرمىقى كۆپ، چوڭ بولۇپ، كەڭلىكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، تۇخۇمسىمان كەلگەنلىرىمۇ بار، ئۇزۇنلۇقى 30 ~ 60 سانتىمېتىر، كەڭلىكى يېرىمىغا يەتمەيدۇ، تۆپە تەرىپى يۇمۇلاق دىقماق، گىرۋەكلىك، دولقۇنسىمان، گىرۋەكلىرى بەزىدە روشەن ئەمەس، ئوتتۇرا تومۇرى ئاق، ناھايىتى كەڭ؛ يوپۇرماق ساپىقى ئاق بولۇپ، تەكشى، ئۇزۇنلىقى 5-9 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2-8 سانتىمېتىر، گىرۋەكلىرى كەمتۈك، كەڭ نېپىز قانىتى بولىدۇ؛ ئۈستى قىسمىدىكى غول يوپۇرمىقى سوقىچاق تۇخۇمسىمان، سوقىچاق تېمىنە ئۇزۇن تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2.5 - 7 سانتىمېتىر، ئۇچى دىقماق-قىسقا ئۇچلۇق، پۈتۈن گىرۋەكلىك ياكى كەسكۈر چىشلىقلار ساپىقى بار. گۈلى ئوچۇق سېرىق، دىئامېتىرى 1.2 - 1.5 سانتىمېتىر؛ گۈل ساپىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4-6 سانتىمېتىر؛ گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى سوقىچاق ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ئۇزۇن 4-5 سانتىمېتىر، تىك تۇرىدۇ، سۇس يېشىل سېرىق رەڭلىك كېلىدۇ؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 7-8 سانتىمېتىر، تۈۋى تەدرىجىي تار. ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان مېۋىسى بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 3-6 سانتىمېتىر، كەڭلىگى تەخمىنەن 3 مىللىمىتىر، ئىككى يېنى ياپىلاق، تىك تۇرىدۇ، تۇمشۇقى ئۇزۇن بۇلۇپ 4-10 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر، تۆپە تەرىپى يۇمۇلاق، مېۋە ساپىقى ئۇزۇنلۇقى 2.5 سانتىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ، بىر قەدەر توم. چېچەكلەش مەزگىلى 5-ئاي، مىۋىلەش مەزگىلى 6-ئايدا.
ئۆسۈش ھاياتى
[تەھرىرلەش]يېسىۋېلەك ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئوزۇقلۇققا تايىنىپ ئۆسۈش ۋە كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئوزۇقلۇق ئۆسۈش باسقۇچى تۆۋەندىكى بىرنەچچە دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
بىخ سۈرۈش مەزگىل: ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىش مەزگىلى بولىدۇ. مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا ۋە تۇپراقنىڭ سۇ تەركىبى شارائىتى ئاستىدا تەخمىنەن 5 كۈن.
كۆچەتلەرنىڭ يۇمرانلىق مەزگىلى: 5 تال ھەقىقىي يوپۇرماق كۆرسەتكەنگە قەدەر؛ بالدۇر پىشىدىغان سورت يۇمران مايسا مەزگىلى تەخمىنەن 12-15 كۈن. سورتلارنىڭ يۇمران مايسا مەزگىلىدە يۈز بەرگەن 8 تالغىچە يوپۇرماق مەزگىلى تەخمىنەن 29 كۈن بولىدۇ.
جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى
[تەھرىرلەش]يېسىۋېلەك ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايى ئوتتۇرا يەر دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن جۇڭگو، ھازىر ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ، شەرقىي شىمال ۋە شىمالىي جۇڭگونىڭ قىش، ئەتىياز پەسىللىك ئاساسلىق كۆكتاتلىرىنىڭ بىرى. چاڭجياڭ دەرياسى جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا ئاساسەن ئۆستۈرۈلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى كۈزدە، قىش، ئەتىيازلىق كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 40%-60%. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى تېز كېڭەيگەن، ھەرقايسى جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىگەن. ئۇنىڭ تۈرلۈك كۆكتات ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ئىستېمال مىقدارى جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا
مەنبە
[تەھرىرلەش]- ئىزدە قامۇسى