يېڭى شەرق سىياسىتى

ئورنى Wikipedia

گېرمانىيە فېدراتىپ جۇمھورىيىتى يولغا قويغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپاغا قاراتقان تاشقى سىياسەت. 1969-يىلى10-ئايدا براند (1913-1992)سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغاندىن كېيىن يولغا قويۇشقا باشلىغان.براند(Willy Brandt) شىمالىي ئاتلانتك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە يارۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ فېدراتپ گېرمانىيەنىڭ تاشقىسىياسىتىنىڭ تۈۋرىكى ئىكەنلىكىنى،موشۇ شەرت ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ،ئۇنى يەنىمۇ نورماللاشتۇرىدىغانلىقىنى؛گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى گېرمانىيە دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقتىمۇ ئۇنى "چەتئەل"دەپ قارىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان."بىر مىللەت،ئىككى دۆلەت" بولۇپ،ئىككى گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ياۋروپادىكى "تىنچ شارائىت"تا دېموكراتىك گېرمانىيەگە قارىتا "يېقىنلىشىش يولى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سۈرۈش"چارىسىنى قوللىنىپ گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان.