يېڭى كارفاگېن

ئورنى Wikipedia

قەدىمقى ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەر.بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى(مىلادىدىن ئىلگىرىكى264-241) دىن كېيىن كارفاگېنلىقلار (شىمالىي ئافرىقىدا)دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيىنى ئىدارە قىلىۋالغان؛مىلادىدىن ئىلگىرىكى228-يىلى،كارفاگېننىڭ قوماندانى خاسدرۇبا بۇ شەھەرنى سېلىپ،رىم بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدىغان بازا قىلغان.بۇ شەھەردە ياخشى پورت بار بولۇپ،سودا ئىشلىرىغاقولايلىق بولۇپ،تېز تەرەققىي قىلىپ،غەربىي يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەرگە ئايلانغان.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 218-يىلى، گاننىبال بۇ يەردىن سەپەرگەئاتلىنىپ، ئىتالىيەگە ھۇجۇم قىلغان.بۇ ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى(مىلادىدىن ئىلگىرى218-201) نىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مىلادىدىن ئىلگىرىكى209-يىلى،رىم سەردارى چوڭ سىپىئوس تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.شۇنىڭدىن كېيىن رىم ئۇزاققىچە ئىدارە قىلغان ھەمدە رىم ئەمەلدارىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىلىرىنى باشقۇرۇشتىكى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ قالغان. بۇ يەرلەردىن چىققان كۆمۈش رىم دۆلىتىنىڭ مېتال پۇل قۇيۇشىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.ئىمپرىيە دەۋرىگە كەلگەندە يەنىلا ئاۋات بولغان،شەھەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان رىمچە ئىبادەتخانا ۋە قۇرۇلۇشلار بار.5-ئەسىردەغەربىي گوتلار بېسىپ كىرگەندە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

新迦太基----

ئېنگىلىزچە: Carthage