يېڭى يىل بايرىمى

ئورنى Wikipedia

ئوتتۇرا ئەسر مابەينىدە كۆپلىگەن ئەللەر خىرىستىيان چىركاۋى تەئسىرىدە يىل بېشىنى بىرەر-بىر خىرىستىيان بايرىمى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. مەسىلەن: 25- دېكابر، 1- مارت ۋە ھەتتا پاسخا كۈنى ئۆتكۈزگەن. شەرقىي ياۋرۇپا ئەللىرى بولسا پراۋىسلاۋ مەزھىبىدە بولغاچقا يىل بېشىنى 988- يىلىدىن بېرى 1- سېنتەبىر دەپ قەبۇل قىلىشقان.

ئەنگىلىيەدە 1. قەھرىتان يېڭى يىل سۈپىتىدە تەبىرىكلەنگەن، لېكىن 12- ئەسردىن 1752- يىلىغىچە يېڭى يىل 25- مارت كۈنى باشلانغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنگىلىز پارلامېنتى ئارخىۋىدىكى ھۆججەتلەردە كارل I قەتل قىلىنغان كۈن 1648- يىلىنىڭ 30- يانۋارى دەپ يېزىلغان. ھازىرىقى ئالىملار بولسا كارل I قەتل قىلىنغان كۈننى 1649- يىلى 30- يانۋار دەپ قەبۇل قىلىشماقتا.

كۆپلىگەن غەربىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرى يىل بېشىنى 1- قەھرىتانغا گرگورىيان تەقۋىمىگە ئۆتمەستىن بۇرۇنلار كۆچۈرۈشكەن. مەسىلەن: شوتلاندىيە 1600- يىلى 1- يانۋارغا ئۆتكەن. ئەنگىلىيە، ئېرلاندىيە ۋە بېرىتان مۇستەملىكىلىرى يىل بېشىنى 1752- يىلى 1- يانۋا كۈنى تەبرىكلىگەن. كېيىنچە شۇن يىلى مىزان\سىنتەبىر ئېيىدا گرىگورىيان تەقۋىمىگە بېرتانىيە ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدە ئۆتىلدى. بۇ ئىككى ئىسلاھات 1750- يىلقى يېڭىچە تەچۋىم قانۇنى بويىچە ئورۇندالدى.ھەرقايسى دۆلەتلەردە 1-

قەھرىتان يېڭى يىل كۈنىگە ئايلىنىش يىل تەرتىبلىرى:[تەھرىرلەش]

1362- بۈيۈك لېتۋنىيە دۈكلىگى

1522- ۋېنىتسيە جۇمھۇرىيىتى

1544- مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورلىقى (گېرمانىيە)

1556- ئىسپانىيە، پورتىگالىيە

1559- پروسسيە قراللىقى، شىۋېتسىيە

1564- ڧرانسىيە

1576- جەنۇبىي نېدىرلاندىيە

1579- لوتارىنگىيە

1583- شىمالىي نېدىرلاندىيە

1600- شوتلاندىيە

1700- رۇسيە

1721- توسكانا

1752- بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرى

بۇگۈنكى كۈندە يەر يۈزىنىڭ ئەسكەر مەملىكەتلىرىدە 1- قەھرىتان يېڭى يىل كۈنى ياكى يىل بېشى، دەپ قەبۇل قىلىنماقتا.