يېڭى گۇلاگلار: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيىلىشى» ۋە بۇنىڭ دۇنياغا بېرىدىغان سىگنالى

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەت بۇغرا

كاتو (CATO) ئىنستىتۇتى 1997 – يىلدىن بويان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مۇستەقىل ئاممىۋىي سىياسىي تەتقىقات ئورگىنىدۇر. بۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 28 – نويابىر كۈنى «يېڭى گۇلاگلار: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى <قايتا تەربىيىلىشى> ۋە بۇنىڭ دۇنياغا بېرىدىغان سىگنالى» نامىدا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ «دۇنياۋى ئەركىنلىك ۋە تەرەققىيات مەركىزى» تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئادۋوكات ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمى مۇدىرى سوفى رىچاردسۇن ۋە ئاتلانتىك ژۇرنىلى دىنىي مەسىلىلەر تەھرىرى سىگال سامۇئېل خانىملار سۆز قىلدى.

مۇستافا ئاقيول دىكتاتور كۈچلەرنىڭ ئىسلام ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا مۇسۇلمانلارنى ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان سوۋېت دەۋرىدىكى گۇلاگلارغا ئوخشاش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەل شۇ خىل باستۇرۇشلارنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ نۇرى ئەپەندىنى بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۆز كەچۈرمىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى نامىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەرخىل كىشىلەرگە قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تېررورغا قارشى تۇرۇش نامىدا زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بەزىبىر ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماي، ئۇيغۇرلارنى تېررور بىلەن باغلاپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى قىسقىچە ئاڭلاتتى.

نۇرى ئەپەندى خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە قارىتا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانىي، روھىي، ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

سىگال خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى دىنغا ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم خەۋەر نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى، يەھۇدىي جەمئىيىتىدە چوڭ بولۇش جەريانىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ۋەقەلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدە لاگېرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە سۆزلەشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلىغانلىقى تىلغا ئالدى.

سىگال خانىم يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارلا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زۇلۇم ئىچىدە بولماستىن، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوز ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىگەنلىكى ياكى ئۆزى سەۋەبلىك ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى سەۋەبلىك ئېغىر ۋىجدان ئازابى ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، پسىخىكىلىق مەسىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ بۇ خىل سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقان تېخنىكىنى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتىنى كېڭەيتىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر تەجرىبە رايونىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جىددىي ئەھۋالغا قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

سوفى رىچاردسۇن بولسا، لاگېرلار ھەققىدىكى ھەر خىل قىيناش، ئازابلاش ئۇسۇللىرى، لاگېر سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ھەر كۈنى تەقىب ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ ھېچبىر قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئورنى تۈپەيلى مەسىلىلەر يېتەرلىك دەرىجىدە سىياسىي سەھنىلەردە ھەل قىلىنىشقا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇنازىرە قىسمىدا نۇري تۈركەل ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا قانۇنىي، پسىخىك ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن ياردەم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەندىن بۇيان ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جىددىي ئىقتىسادىي ۋە كىملىك، سالاھىيەت مەسىلىسى جەھەتتە ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، جىددىي ياردەمگە موھتاجلىقىنى تىلغا ئالدى.

سىگال خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاكادېمىك ساھەدىكىلەرنىڭ كۆپرەك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى. سوفى رىچاردسون بولسا، بۇ زۇلۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان شىركەتلەرگە بولغان جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

سوئال سورىغۇچىلاردىن بىرى، خىتاينىڭ رادىكال ئىسلام تېررورلۇققا قارشى تېخنىكىسىغا غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ قىزىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەب بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. يەنە بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغانلىرىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا كۆچمەنلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋالنى تىلغا ئېلىپ قويمىدىڭلار،- دېدى. نۇرى ئەپەندى بۇلارغا، زىيالىيلار، ھەتتا بالىلارنىمۇ تۇتۇلغانلىقىنى، بۇنى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، تۇتۇلغانلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئىمكانى يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتىن ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ كۆچمەنلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن خىتاي ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا جاۋاب بەردى. يەنە بىر سوئال سورىغۇچى خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى ئارىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە سوئال سورىدى. بۇ سوئالغا قارىتا نۇرى تۈركەل ئەپەندى، خىتاينىڭ ھازىرقى قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر يول بىر بەلباغ پىلانىنىڭ ئىستىراتىگىيلىك يېرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقلىق مەدەنىيەت ۋە كىملىككە ئىگە بۆلۇشى تۈپەيلى ئىكەنلىكىنى، دىننىڭ پەقەت بۇ پەرقلىق مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا دىنىي باستۇرۇشنىڭمۇ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى

سوئال جاۋاب قىسمىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەملەر بېرەلىشىمىز مۇمكىن، دېگەن تېمىدا مۇنازىرە بولدى. ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ كىملىك سالاھىيەت مەسىلىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى، پسىخىكىلىق ياردەم، ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسىنى ۋە خىتايغا بولغان جازا تەدبىرىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بېسىم قىلىش .. دېگەندەك تېمىلاردا قىممەتلىك تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى