Jump to content

يەتتە قىزلىرىم مازىرى

ئورنى Wikipedia

يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مۆلچەر تاغ باغرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا بۇ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى ۋە زۇلۇمىغا قارشى، مىلادى 1765 - يىلى 2-ئايدا ، ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭ ( جىگدە يېغىلىقى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر .