يەجۇج ۋە مەجۇج

ئورنى Wikipedia

يەجۇج ۋە مەجۇج (ئەرەبچە: يَأْجُوج وَ مَأْجُوج، ئىبرانىيچە: גּוֹג וּמָגוֹג\Ye'cûc ve Me'cûc) دەپ ئاتالغان مەۋجۇداتلار (جەمئىيەت، ئىنسانلار ياكى پارپالار). ئىنجىلدە ۋە قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغاندۇر. بۇ مەۋجۇداتلار، تۈرلۈك ئەفسانە ۋە مەدەنىيەتلەردە پارپا ياكى دېۋە، شەيتان، مەلۇم قەۋىم ياكى مەلۇم ئەل سۈپىتىدە بىلىنمەكتە.

رىۋايەتلەردىكى «يەجۈج - مەجۈجلە» ھەققىدە[1][تەھرىرلەش]

«يەجۈج-مەجۈجلەر»رىۋايەتلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر پەۋقۇلئاددە قەۋم بولۇپ، مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم»دە، «ھەدىس شەرىف» تە ۋە «ئىنجىل»دا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. جۈملىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ئۆتكەن ماكېدونىيەلىك ئىسكەندەرنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىش جەريانىدا، شەرىقتىكى تولىمۇ يىراق بىر جايدا ئىنتايىن مۇستەھكەم بىر سېپىل ياساپ، ياۋايى قەۋملەردىن، يەنى  «يەجۈج-مەجۈجلەر»دىن مۇداپىئە كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر زامان–زامانلاردىن بۇيان شەرىق ۋە غەرىپ دۇنياسىدا كەڭ تارقىلىپ، «يەجۈج-مەجۈجلەر»بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىپ، دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەپسانە تۈسى قۇشۇلۇپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىپ، بۇ ۋەقە تېخىمۇ قۇيۇق ئەپسانە- رىۋايەت تۈسىگە ئىگە قىلىنغان. «قۇرئان كەرىم»،«ھەدىس شەرىف» ۋە «ئىنجىل»قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلارغا ئاساسلانغاندا، «يەجۈج-مەجۈجلەر» قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن تاغ ئىچىگە بەند قىلىنىپ باشقا ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ؛ قىيامەت كۈنى كېلەي دىگەندە بولسا تاغدىن چىقىپ ئىنسانلارنى ھالاك قىلىدۇ. قەدىمدىن بۇيان مەيلى شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىدا بولسۇن ياكى غەرب خىرىستىيان دۇنياسىدابولسۇن، مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلگەن دەھشەتلىك«بەدەۋى» قەۋملەرنى «يەجۈج-مەجۈجلەر»بىلەن باغلاپ قارايدىغان ئەھۋال بولغان.مەسىلەن، قەدىمكى غەربلىكلەر ئۆزلىرىگە دەھشەت سالغان سىكىتايلار(ساكلار)،ھۇنلار،شۇنداقلا ھەتتا كېيىنكى تۈركلەرنى ، مۇسۇلمانلار بولسا ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇڭغۇللارنى مۇشۇنداق قارىغان. ئەمما، ئۇلارنى «يەجۈج-مەجۈجلەر»بىلەن باغلاش پەقەت ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن دەھشىتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، يۇقىرىدىكى مۇقەددەس كىتابلاردا ئېيتىلغاندەك  «يەجۈج-مەجۈجلەر»پەقەت قىيامەت كۈنىلا ئاندىن پەيدا بولۇپ ئىنسانلار ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا، «يەجۈج-مەجۈجلەر»زادى قانداق قەۋم؟ ئۇلار دۇنيانىڭ قەيېرىدە؟ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ياساتقان سېپىل زادى قەيەردە؟ بۇ مەسىلىلەر توغرۇلۇق دەۋرلەردىن بۇيان كىشىلەر نۇرغۇن ئىزدەنگەن بولۇپ،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىش جەريانىدا بارغان ئەڭ يىراق جايىنىڭ ھىندى دەرياسى ۋادىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قۇشۇنىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، «ئىسكەندەر سېپىلى»نى ۋە «يەجۈج-مەجۈجلەر» زېمىنىنى ئەرمەنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئارىلىقىدا، يەنى كافكاز تېغىدا دەپ قاراپ كەلگەن.ئەمما كېيىن تەتقىقاتچىلار مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ بېشىدىن 10-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە، يەنى تەخمىنەن مىلادىيە820-يىلىدىن 911-يىلىغىچە ياشاپ  ئۆتكەن ئەرەپ  جۇغراپىيەشۇناسى ئىبنى خوردادبىھنىڭ  « al-Masālik al-Mamālik »(يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى)دېگەن ئەسىرىدە خاتىرىلىگەن سالام ئىسىملىك تەرجىماننىڭ شەرىققە سەپەر قىلىش جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىىسدە بۇ توغرىدا باشقىچە قاراشقا كەلگەن.

مۇقەددەس«قۇرئان كەرىم»دە «يەجۈج-مەجۈجلەر»[تەھرىرلەش]

مۇقەددەس«قۇرئان كەرىم»(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى) دە «يەجۈج-مەجۈجلەر» ھەققىدە مۇنداق بايانلار بار: «زۇلقەرنەيىن (اللە ئۇنىڭغائاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن) يولغا ماڭدى(85).ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز :‹ئى زۇلقەرنەيىن!سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن› دېدۇق(86).زۇلقەرنەيىن ئېيتتى:  ‹كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا ، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ(87). كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز›(88). ئاندىن زۇلقەرنەيىن (اللەئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى(89). زۇلقەرنەيىن كۈن چىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز (كۈننىڭ ھارارىتىدىن )ساقلىنىدىغان(كىيىم،ئىمارەت قاتارلىق)نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق(90).ئەھۋال شۇنداق بولدى(يەنى زۇلقەرنەيىن كۈنچىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ قۇلىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق(91). ئاندىن ئۇ(اللە ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن)يولغا ماڭدى(92). زۇلقەرنەيىن ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان ) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى(93). ئۇلار:‹ئى زۇلقەرنەيىن ! يەجۈج بىلەن مەجۈج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن (ساڭا بىرقىسىم مېلىمىزنى(باجغا ئوخشاش ) تۆلىسەك بولامدۇ؟›دېدى(94). زۇلقەرنەيىن ئېيتتى:‹اللەنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ-قۇۋۋەت ۋەپادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي(95).ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار›. تۆمۈرپارچىلىرى  (قىزىپ)ئوتتەك بولغاندا، ئۇ:‹ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي›دېدى(96).ئۇلار(يەجۈج-مەجۈج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى(97).  زۇلقەرنەيىن ئېيتتى:‹بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى)پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۇز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر›(98)»(18-سۈرە كەھف).«بىز ھالاك قىلغان شەھەر(ئاھالىسى)نىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس(95).يەجۈج-مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ(96)» (21- سۈرە ئەنبىيا).[2]

«سالامنىڭ شەرققە سەپەر قىلىش خاتىرىسى»دىكى«ئىسكەندەر سېپىلى»[تەھرىرلەش]

ئىبنى خوردادبىھنىڭ «al-Masālik al-Mamālik »(يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى)دېگەن ئەسىرىدە خاتىرىلىگەن سالام ئىسىملىك تەرجىماننىڭ شەرىققە سەپەر قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ۋاسىق بىللاھ (Al-Wāthiqbillāh، مىلادىيە 842-يىلى تەختتەئولتۇرۇپ 847-يىلى ۋاپات بولغان ) چۈشىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن «يەجۈج-مەجۈجلەر»نى توسۇش ئۈچۈن سالدۇرغان سېپىلنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، پايتەختتىكى 30خىل تىلنى بىلىدىغان سالام ئىسىملىك تەرجىماننى ئەھۋالنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم، ئات-ئۇلاغ ۋە پۇل –مال بىلەن كۈنچىقىشقا ــــ شەرققە ئەۋەتكەن. سالام خەلىپىنىڭ مەكتۇبىنى ئېلىپ ، 16 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ شۇ سېپىلغا بارغان ۋەسېپىلنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سېپىلنىڭ قوۋۇقىدىن بىرپارچە تۆمۈرنى ئېلىۋالغان ھەم يەنە 12 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ پايتەختكە قايتىپ كېلىپ ئۇ تۆمۈرنى خەلىپىگە كۆرسەتكەن. ئىبنى خوردادبىھ نەق مۇشۇ سالامنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ شەرققە سەپەر قىلىش جەريانىدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى تەپسىلىي خاتىرىلىۋالغان بولۇپ، بۇنى ئۆز ئەسىرىگە كىرگۈزگەن.« al-Masālikal-Mamālik »(يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى)دېگەن بۇ ئەسەردە  بۇتوغرىدا مۇنداق بايانلار بار:

«تەرجىمان سالام ماڭا شۇلارنى ئېيتىپ بەردى: ۋاسىق بىللاھ چۈشىدە زۇلقەرنەيىن سالدۇرغان ، بىز بىلەن يەجۈج-مەجۈجلەرنىڭ ئارىسىنى توسۇپ تۇرىدىغان سېپىلنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ،ئەھۋالنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە كىشى ئەۋەتمەكچى بولغانىكەن.... شۇنىڭ بىلەن مېنى چاقىرتىپ:‹مەن سېنى ئۇ سېپىلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتمەكچى،  قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىسەن›دېدى ۋە ماڭا 50 قاۋۇل يىگىتنى قۇشۇپ بەردى. ماڭا تاپان ھەققىم ئۈچۈن بەش مىڭ دىنار، ئون مىڭ دەرھەم، 50 يىگىتنىڭ ھەربىرىگە مىڭ دىنار ۋە بىر يىللىق تەمىنات بەردى... بىز  ۋاسىق بىللاھنىڭ ئەرمەنىيە  ۋالىيسى ئىسھاق  بىننى ئىسمايىلغا  يازغان خېتىنى ئېلىپ   ساماررا  ( Samarra ، ئابباسىيلارخەلىپىسىنىڭ 836-يىلى بىنا قىلدۇرغان يېڭى پايتەختى)دىن ئاتلاندۇق.....كېيىن بىز ۋەيران قىلىنغان شەھەر-بازارلارغا كەلدۇق ۋە ئۇيەرلەردە 20 كۈن ماڭدۇق.سۈرۈشتۈرسەك، بۇ شەھەر-بازارلارنى يەجۈج-مەجۈجلەر بېسىپ كىرىپ ۋەيران قىلغان ئىكەن.....بىز يەنە ‹ايكە›دېيىلىدىغان بىر شەھەرگە كەلدۇق. شەھەرنىڭ ئايلانمىسى 10 فەرسەخ (بىر فەرسەخ تەخمىنەن 6 كېلومېتىرغا تەڭ) بولۇپ، بىرنەچچە تۆمۈر قوۋۇقى بار ئىكەن. قوۋۇقلار يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېچىلىدىكەن (يەنى ئاسما قۇۋۇق دېمەكچى). شەھەردە ئېتىز، باغلار ھەم تۈگمەنلەر بار ئىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇرۇن مۇشۇ شەھەردە قۇشۇنىنى چۈشكۈن قىلدۇرغانىكەن.

بۇ شەھەر بىلەن سېپىلنىڭ (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن سالدۇرغان سېپىلنى دېمەكچى)ئارىلىقى ئۈچ كۈنلۈك يول ئىكەن. ئارىلىقتا بەزى قەلئەلەر ۋە كەنتلەر بار ئىكەن. 3-كۈنى بىز سېپىلنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق.ئۇ يەردە بىر يۇمىلاق تاغ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،يەجۈج-مەجۈجلەر ئاشۇ تاغنىڭ ئىچىدە تۇرىدىكەن. يەجۈجلەر بىلەن مەجۈجلەر ئايرىم بولۇپ، يەجۈجلەر  مەجۈجلەرگە قارىغاندا ئېگىزرەك ئىكەن، بويى ئالاھەزەل بىر بېلەكتىن بىر يېرىم بېلەككىچە (بېلەك ـــ شۇ زاماندىكى ئەرەپ ــ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق بىر بېلەك بولىدۇ، تەخمىنەن ھازىرقى 54.04 سانتىمېتىرغا توغرا كېلىدۇ) كېلىدىكەن.

ئاندىن بىز بىرئېگىز تاغقا كەلدۇق. تاغنىڭ چوققىسىدا قەلئە بار ئىكەن. زۇلقەرنەيىن سالدۇرغان سېپىل دەل ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى كەڭلىكى 200 بېلەك كېلىدىغان ئېغىزغا قوپۇرۇلغانىكەن. يەجۈج-مەجۈجلەر (كەلگۈسىدە) سىرىتقا چىقماقچى بولسا مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىكەن.

ئۇ(زۇلقەرنەيىن) بۇ جايدا (سېپىلنىڭ ئۇلى ئۈچۈن) يەرنى 30 بېلەك چۇڭقۇرلۇقتا كولاپ،تاكى يەر يۈزىگىچە تۆمۈر ۋە مىس بىلەن قۇيۇپ چىققانىكەن. ئاندىن تاغ ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ھەربىرىنىڭ كەڭلىكى 25 بېلەك ، ئېگىزلىكى 50 بېلەك كېلىدىغان ئىككى قۇۋۇق تۈۋرۈكى ئورناتقانىكەن. تۈۋرۈكنىڭ تەگلىكى تۈۋرۈكتىن ئون بېلەكچە كەڭ ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىس ئارىلاشتۇرۇلغان تۆمۈر كېسەكلەردىن قۇيۇلغان بولۇپ ، ھەربىر پارچە تۆمۈر كېسەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 1.5 بېلەك ، قېلىنلىقى 4 ئۇسبا (بىر ئۇسبا 3.12سانتىمېتىرغا تەڭ)كېلىدىكەن. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈسىتىگە قۇيۇلغان لىممۇ تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 120 بېلەك كېلىدىكەن. تۈۋرۈكلەرگە تېگىشىپ تۇرىدىغان يېرىلا 10 بېلەك ئۇزۇنلۇقتا ، 5 بېلەك كەڭلىكتە ئىكەن. لىمنىڭ ئۈستىدە مىس ئارىلاشتۇرۇلغان تۆمۈر كېسەكتىن قۇيۇلغان بىر ئىمارەت بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 60 بېلەك كېلىدىكەن، تاكى تاغنىڭ كۆز يېتىدىغان چوققىسىغىچە سۇزۇلغانىكەن. بۇ ئىمارەتنىڭ ئۈستىدە تۆمۈردىن ياسالغان نۇرغۇن كۈنگۈرىلەر بولۇپ،...ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5بېلەك ، كەڭلىكى 4 بېلەك كېلىدىكەن. (سېپىلنىڭ ) ئۈستىدە جەمئىي 37 كۈنگۈرە بارئىكەن.

قۇۋۇق قوش قاناتلىق ھىم ئېتىلگەن قۇۋۇق بولۇپ، ھەربىر قانىتىنىڭ كەڭلىكى 50 بېلەك ،ئېگىزلىكى 75 بېلەك ، قېلىنلىقى 5 بېلەك كېلىدىكەن. ... مەيلى قۇۋۇقتىن بولسۇن ياكى تاغنىڭ ئۈستىدىن بولسۇن شامالمۇ ئۆتەلمەيدىغان بولۇپ، (سېپىل ) نىڭ ئاجايىپ پۇختىلىقىغا گەپ كەتمەيدىكەن.

قۇۋۇقتا يەريۈزىدىن 25 بېلەك ئېگىزلىكتە  ئۇزۇنلۇقى 7بېلەك ،كەڭلىكى 1   بېلەك ،توملۇقى 1 غۇلاچ(تەخمىنەن 166.65 سانتىمېتىرغا تەڭ) كېلىدىغان بىر تاقاق (دەم) بولۇپ، ئىككى ئادەمنىڭمۇ قۇچىقى يەتمەيدىكەن. تاقاقنىڭ 5 بېلەك ئۈستىدە بىر قۇلۇپ بولۇپ،...ئىككى تال تىلىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 بېلەك كېلىدىكەن. قۇلۇپقا ئۇزۇنلۇقى 1.5بېلەك كېلىدىغان ، 12 چىشى بار بىر ئاچقۇچ ئىلىغلىق بولۇپ، ... قۇۋۇققا كەپشەرلىۋېتىلگەن، ئۇزۇنلۇقى 8 بېلەك كېلىدىغان تۆمۈر زەنجىرگە ئېسىلغانىكەن...

قۇۋۇقنىڭ بۇسۇغىسى 10 بېلەك كەڭلىكتە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 100 بېلەككە يېتىدىكەن...

قۇۋۇق بار يەردە ئىككى قەلئە بولۇپ، ھەربىر قەلئەنىڭ كۆلىمى 200×200 بېلەك كېلىدىكەن...

بۇ قەلئەلەرنىڭ بەگلىرى ھەر دۈشەنبە ۋەپەيشەنبە كۈنلىرى ئاتلىق چىقىپ، نۆۋەتلىشىپ قۇۋۇقنى باقىدىكەن. ... ھەربىرى چىققاندا ئۈچ ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىدىكەن. بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ھەربىرى مۈرىسىگە كىچىك تۆمۈر توقماقنى ئېلىۋالىدىكەن. قۇۋۇققا چىقىدىغان بىر پەشتاق بولۇپ، بەگ مۇشۇ پەشتاقنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ، كۈن چىققاندا قۇۋۇقتىكى قۇلۇپنى بىر قېتىم شاراقشىتىدىكەن، بۇچاغدا ئۇلار (يەجۈج-مەجۈجلەر) تەرەپتە خۇددى  سېرىق ھەرىلەرنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلغاندەك  شاۋقۇن-سۈرەن ئاڭلىنىپ بىردەمدىن كېيىن جىمىپ قالىدىكەن. كۈن چۈش بولغاندا، بەگ 2- قېتىم قۇلۇپنى شاراقشىتىپ ، قۇلىقىنى قۇۋۇققا يېقىپ ئۇ تەرەپتىكى ئاۋازغا قۇلاق سالىدىكەن، بۇ چاغدا ئۇلار  (يەجۈج-مەجۈجلەر) ئالدىنقى قېتىمكىدىنمۇ بەكرەك شاۋقۇن-سۈرەن قىلىپ، يەنە بىردەمدىن كېيىن جىمىپ قالىدىكەن. دىگەر ۋاقتى بىلەن بەگ يەنە بىر قېتىم قۇلۇپنى شاراقشىتىدىكەن، بۇ چاغدا قۇۋۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىن يەنە شۇنداق شاۋقۇن-سۈرەن كۆتۈرۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بەگ تاكى قاش قارايغۇچە ئولتۇرۇپ ئاندىن كېتىدىكەن. ئۇنىڭ قۇلۇپنى شاراقشىتىپ قۇۋۇقنى قېقىشتىكى مەقسىتى قۇۋۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكىلەرگە (يەجۈج-مەجۈجلەرگە) بۇ يەرنى بېقىۋاتقان ئادەم بارلىقىنى،قۇۋۇقنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ئەھۋالنىڭ ھېچ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئىكەن....

سالام شۇلارنى ئېيتتى: مەن ئەتراپتىكى قەلئەدىكى كىشىلەردىن :‹ئەجىبا بۇ قۇۋۇقنىڭ ئازراقمۇ نۇقسانى يوقمۇ ؟› دەپ سورىسام، ئۇلار :‹ كىچىككىنە بىر يېرىقىدىن باشقا ھېچقانداق نۇقسانى يوق، بۇ يېرىق بەك كىچىك›دېدى. مەن يەنە :‹سىلەر بىرەر چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرىمەمسىلەر ؟› دېسەم، ئۇلار :‹ياق! بۇ قۇۋۇقنىڭ قېلىنلىقى 5 بېلەك كېلىدۇ،يەنە كېلىپ بۇ ئىسكەندەرنىڭ بېلىكى بىلەن ئۆلچەنگەن › دېدى. ..

ئۇ (سالام) يەنەشۇلارنى ئېيتتى: مەن قۇۋۇققا يېقىن بېرىپ، قىلىچىمنى چىقىرىپ قۇۋۇقنىڭ ھېلىقى يېرىقىدىن چوڭلۇقى يېرىم دەرھەمچىلىك كېلىدىغان بىر پارچە تۆمۈرنى كېسىۋېلىپ ، (خەلىپە) ۋاسىق بىللاھقا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى قولياغلىقىمغا مەھكەم ئورىۋالدىم.

قۇۋۇقنىڭ ئوڭ قانىتىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە مۇقەددەس يېزىق(«قۇرئان كەرىم»نىڭ يېزىقى، يەنى ئەرەپ يېزىقىنى دېمەكچى) بىلەن تۆمۈردە نەقىشلەپ يېزىلغان « پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۇز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»(«قۇرئان كەرىم»18-سۈرە كەھف) دېگەن ئايەت بار ئىكەن. ...

مەن ئۇيەردىكىلەردىن:‹سىلەر بىرەر يەجۈج-مەجۈجنى كۆردۈڭلارمۇ ؟›دەپ سورىسام، ئۇلار بىر قېتىم تاغ ئۈستىدە كۆرگەنلىكىنى ، ئەمما شۇچاغدا قارابوران چىقىپ كېتىپ ئۆزلىرىنى بۇ تەرەپكە ئۇچۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، قارىماققا ئۇلارنىڭ (يەجۈج-مەجۈجلەرنىڭ) ئاران بىر يېرىم بېلەكچە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سىرتىدىن قارىغاندا بۇ تاغنىڭ قىرىمۇ، بېلىمۇ يوق ، ھېچقانداق دەل-دەرەخ، ئوت-گىياھ ئۆسمىگەن بولۇپ، تاپتاقىر، يېتىم تاغ ئىكەن.

قايتىدىغاندا،يول باشلىغۇچىلار بىزنى خۇراسان تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. بىز( ئاۋال ) «اللب»دېگەن پادىشاھنىڭ يېرىگە باردۇق....ئاخىرىدا نىشاپۇرغا يېتىپ كەلدۇق.

ماڭا ئەگىشىپ ماڭغانلارنىڭ بەزىلىرى قازا قىلدى: باراشىمىزدا 22 ئادەمگە كېسەل تېگىپ،ئۆلگەنلەرنى كېپەنلەپ كۆمۈپ قويدۇق، كېسەللەرنى بەزى كەنتلەردە قالدۇرۇپ قويدۇق؛ ياناشىمىزدا يەنە 14 ئادەم ئۆلدى. نىشاپۇرغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا قول ئاستىمدا ئاران 14 ئادەم قالدى......

(ئاخىرىدا) بىزسامارراغا يېتىپ كەلدۇق.مەن ۋاسىق بىللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدىم ھەم ھېلىقى كېسىۋالغان تۆمۈرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم. ئۇ ئاللاھقا ھەمدۇ-سانائېيتىپ، سېپىلغا بارغان ھەربىرەيلەنگە مىڭ دىنار ئىنئام قىلدى.

بىزنىڭ بېرىشىمىزغا 16 ئاي، قايتىشىمىزغا 12ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى.

تەرجىمان سالام ماڭا بۇ ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى ھەم ۋاسىق بىللاھقا يازغان مەلۇماتنامىسىنى ئوقۇپ بەردى.»

ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىقاتچىلار 9-ئەسىردە شەرىقتىكى مەلۇم جايغا بېرىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن سېپىلىنى كۆرگەن بۇ سالامنىڭ سەپەر خاتىرىسىنىڭ بىر ھەقىقىي خاتىرە ياكى بىرئەپسانىۋى رىۋايەت ئىكەنلىكى توغرۇلۇق كۆپ ئىزدەنگەن. ئەڭ ئاۋۋال شۇنىڭغا دىققەتقىلىش لازىمكى، بۇ خاتىرىنى  « al-Masālik al-Mamālik »(يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى)دېگەن بۇ ئەسىرىدە بايان قىلغان ئىبنى خوردادبىھ خۇراساندىكى بىر ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى ئابباسىيلار خەلىپىسى مەئمۇن دەۋرىدە تەبەرىستاننىڭ ۋالىيسى بولغان. ئۆزى بولسا باشتا جەبىل ئۆلكىسىنىڭ(ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى) پوچتا ئەمەلدارى، كېيىن باغداد ۋە ساماررانىڭ پوچتا ئەمەلدارى بولغان. مەنسىپىدىكى بۇ قولايلىق ئۇنىڭغا ئابباسىيلار ئوردىسىغا ھەرتەرەپتىن كېلىپ تۇرىدىغان بەزى خەۋەرلەردىن ۋاقىپلىىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇ سالامنىڭ شەرىق سەپىرى جەريانىدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇنى ئۆز ئەسىرىدە خاتىرىلىگەن. يەنە كېلىپ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاپتۇرلار، مەسىلەن،  ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن ئىبنى رۇستا، ئۇنىڭدىن سەل كىچىك بولغان ئىبنى فازىخ، مۇقەددەسى، جەيھانى، قازۋىنى، ياقۇتى، ئىدىرىس قاتارلىقلار  بۇ ۋەقەنى ئۆز ئەسىرىگە كىرگۈزگەن.ئەمما ئۇلارلا ئەمەس ، ئۇلاردىن كېيىنرەك ئۆتكەن بەزى ئاپتۇرلارمۇ بۇ ۋەقەدىن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى زاماندىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سالامنىڭ بۇ سەپەر خاتىرىسىنى تەتقىق قىلىشىنى گوللاندىيەلىك داڭلىق ئەرەبشۇناس دې گويې ( M.J.de Goeje،  1909- 1836 )دىن باشلانغان دېيىشكەبولىدۇ. ئۇ ئىبنى خوردادبىھ، قۇدامە، ئىبنى رۇستا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ، «ئەرەپ جۇغراپىيەشۇناسلىق مەجمۇئەسى» نى تۈزگەن چېغىدا، ھەرقايسى ئەسەرلەردىكى سالامنىڭ شەرىققە سەپەرقىلىش خاتىرىسىنى سېلىشتۇرۇپ دەلىللىگەن ھەم 1888-يىلى «يەجۈج-مەجۈجلەر سېپىلى ھەققىدە » دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ماقالىسىدە مۇقەددەس«قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل»دىكى مۇشۇنىڭغا دائىر ئايەتلەرنى، شۇنداقلا ئىسلام دىنى،يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنىنىڭ باشقا كىتابلىرىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەتقىق قىلىپ، سالامنىڭ شەرىققە سەپەر قىلىش خاتىرىسىنىڭ چىنلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەم بەزى يەر ناملىرىنى دەلىللىگەن. مەسىلەن، ئۇ سالام كۆرگەن ئىسكەندەر سېپىلىنى جۇڭگونىڭ گەنسۇدىكى «قاشقوۋۇق»(玉门关) دەپ، سېپىلغا بېرىش جەريانىدا ئۆتكەن «ايكە»شەھىرىنى «Igu،ئىۋىرغول»(يەنى قۇمۇل) دەپ،قايتىش يولىدا ئۆتكەن «اللب»دېگەن يەرنى «لوپ»(تۇغرىسى لوپنۇر) دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بەزى داڭلىق تەتقىقاتچىلارمۇ ، مەسىلەن رۇسىيەلىك ئەرەبشۇناس كوۋالىۋىسكىي، ئەنگىلىيەلىك ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس مىنورىسكىي قاتارلىقلارمۇ سالامنىڭ بۇ سەپەر خاتىرىسى ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن . ئومۇمەن يېقىنقى زاماندىكى تەتقىقاتچىلار بۇ خاتىرىدىكى بەزى زىددىيەتلىك ، ئىشەنگۈسىز جايلارنى بايقىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چىن ئاساسى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.جۇڭگولۇق تەتقىقاتچىلاردىن جاڭ گۇاڭدا، خۇا تاۋ قاتارلىقلارمۇ بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ھەم خۇا تاۋ بۇ خاتىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ شەرھلىگەن.[3]

بۇيەردە دې گويېنىڭ «ئىسكەندەر سېپىلى» نىڭ ئورنىنى «قاشقوۋۇق»   (玉门关)دەپ، ئۇنىڭغا يېقىن «ايكە»شەھىرىنى « ئىۋىرغول»(يەنى قۇمۇل) دەپ بېكىتىشى تولىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. ئەلۋەتتە ، ئورۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەينى زاماندا قۇمۇل بىلەن قاشقوۋۇقنىڭ ئارىلىقىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يول بولۇشى ئەقىلگە سىغىدۇ.ئۇنداقتا، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن تەقدىردە، ئۇ يەردىكى ئاشۇ «بويى بىر بېلەكتىن بىر يېرىم بېلەككىچە كېلىدىغان» پاپا«يەجۈج-مەجۈجلەر» كىملەر؟ جۈملىدىن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى «قاشقوۋۇق»نىڭ ئەھۋالى قانداق ئىدى؟

جۇڭگودىكى«قاشقۇۋۇق»(玉门关)[تەھرىرلەش]

بۇنىڭدا ئاۋال گەپنى «قاشقوۋۇق» (玉门关)تىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى«قاشقوۋۇق»(يەنى قاشتاش قوۋۇق)جۇڭگونىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، جۇڭگو تارىخنامىلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىن 2- ئەسىرگىچە دۇنخۇاڭ ئەتراپى توخرىلارنىڭ (ياۋچىلارنىڭ ) ۋە ئۇيسۇنلارنىڭ ماكانى بولغان. تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 177-يىلىدىن سەل ئىلگىرى توخرىلار ئۇيسۇنلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، قېپقالغان ئازغىنە ئۇيسۇنلار ھۇنلارنىڭ قېشىغا پاناھ تارتىپ بارغان. تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 176-174-يىللىرى ھۇنلار توخرىلارنى ئىككى قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ،ئۇلارنى ئىلى دەرياسى ۋە ئىسسىقكۆل بويلىرىغا قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەن ھەم غەربىي يۇرتتىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ-شىمالىنى تېخىمۇ مەھكەم تىزگىنلىگەن، شۇنداقلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەن سۇلالىسى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى202-يىلىدىن مىلادىيە220-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن )گە قاتتىق تەھدىت سالغان.شۇنىڭدىن كېيىن خەن سۇلالىسى ھۇنلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە غەربىي يۇرتنى تىزگىنلەش ئۈچۈن پادىشاھ  ۋۇدى دەۋرىدە ھۇنلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، مىلادىيە 121-يىلى ھۇنلارنىڭ ئوڭ قانىتىغا قاتتىق زەربە بېرىپ ، خېشى كارىدۇرىدا ۋۇۋېي، جيۇچۈەن ئىككى ۋىلايەتنى تەسىس قىلغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 111-يىلى يەنە جاڭيې، دۇنخۇاڭ ۋىلايەتلىرىنى تەسىس قىلغان ھەم «玉门关» (قاشقوۋۇق)، «阳关»(كۈنگەي قوۋۇق) نى ياساتقان، شۇنداقلا يۇقىرىقى ۋىلايەتلەرگە ئاھالە كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، ئۇ جايلارنى مەھكەم ساقلىغان ھەم بۇ يەرلەرنى بازا قىلىپ تۇرۇپ غەربىي يۇرتقا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. بۇنىڭدا بۇ ئىككى قوۋۇق ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا،«قاشقوۋۇق»نىڭ تارىخىنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى2-ئەسىرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما ، ئەگەر دې گويېنىڭ  «قاشقوۋۇق»نى«ئىسكەندەر سېپىلى» شۇ دەپ بېكىتىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن تەقدىردە، ئۇ ھالدامۇقەددەس «قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل» قاتارلىق  كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان  «ئىسكەندەر سېپىلى » بىلەن بۇ «قاشقۇۋۇق»نىڭ ئارىسىدا مەيلى ئۇنى ياسىغۇچى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ياسالغان ۋاقتى جەھەتتىن بولسۇن زور پەرق كېلىپ چىقىدۇ. يەنى مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل» قاتارلىق  كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان،كۈنچىقىشتىكى مەلۇم بىر جايدا ئىنتايىن مۇستەھكەم بىر سېپىل ياساپ، «يەجۈج-مەجۈجلەر»دىن مۇداپىئە كۆرگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەمەلىيەتتە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ئۆتكەن ماكېدونىيە پادىشاھى بولۇپ ، ئۇنىڭ  شەرقتە ياساتقان سېپىلىمۇ تەبىئىيكى شۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ياسالغان بولىدۇ.بۇنداقتا، ئۇ ياساتقان سېپىل بىلەن خەن سۇلالىسى ياساتقان «قاشقۇۋۇق»نىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 200 يىل پەرق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ياساتقان سېپىل بۇ «قاشقۇۋۇق» ئەمەسمۇ؟ ياكى خەن سۇلالىسى «قاشقۇۋۇق» نى ياسىتىشتىن بۇرۇنلا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بۇ جايدا قۇۋۇق ياكى سېپىل ياساتقانمۇ؟ئەگەر شۇنداق بولغان دېسەك، بۇ يەر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرىققە يۈرۈش قىلغاندابارغان ئەڭ يىراق جاي بولغان ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىن خېلىلا يىراق جايغۇ؟ مانا بۇ  مەسىلىلەر كىشىنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ.

ئەمدى 9-ئەسىردىكى «قاشقوۋۇق»نىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، 9– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاشقوۋۇق جايلاشقان دۇنخۇاڭ ئەتراپى ، تېخمۇ كەڭرەك مەنىدىن ئېيتقاندا خېشى رايونى بەزىدە ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ، بەزىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ، بەزىدە تۈبۈتلەرنىڭ  قولىغا ئۆتۈپ تۇرغان. 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈبۈتلەر ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ خېشى رايونىنى تىزگىنلىۋالغان. شۇچاغدا بۇ رايونغا بۇرۇنلا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى تۈبۈتلەرگە ئىتائەت قىلغان، بىرقىسىمى مۇستەقىل تۇرىۋېرىپ، تۈبۈتلەرنىڭ تېررىتورىيىسىنىڭ ئەڭ ئۈنۈمسىز چۆل ۋە يېرىم چۆل يەرلىرىدە كۆچۈپ يۈرگەن.[4] يەنە «يېڭى بەش دەۋىر تارىخى.تۈبۈتلەر تەزكىرسى »دىكى خاتىرىلەردىن قارىغاندا، تۈبۈتلەر خېشى رايونىغاھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا،  «خۇاشيا(خەنزۇ) لاردىن مىليون كىشى تۈبۈتلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان»بولۇپ، شاجۇ(دۇنخۇاڭ ئەتراپى)دىمۇ نۇرغۇن خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان.[5] مىلادىيە 840-يىلى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن جەنۇپقا ۋە غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى گەنجۇ( ھازىرقى گەنسۇدىكى جاڭيې ئەتراپى) غىلا ئەمەس، بەلكى چىنجۇ( تيەنشۈي ئەتراپى)، لياڭجۇ ( ۋۇۋېي ئەتراپى) ، لەنجۇ، گۇاجۇ، شاجۇ ( دۇنخۇاڭ ئەتراپى)،  سۇجۇ ( ھازىرقى گەنسۇدىكى جيۇچۇەن ئەتراپى) قاتارلىق جايلارغىمۇ كەلگەن.[6] ئۇلار خېشى رايونىغا ماكانلىشىپ تۈبۈتلەرگە بېقىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچراپ كەلگەن. بۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك  نارازىلىغىنى ۋە قارشلىقىنى قۇزغىغان. نەتىجىدە مىلادىيە 848-يىلى(ياكى 850– يىلى)تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇرۇنقى شاجۇ ئايمىقىنىڭ ھىراۋۇلى جاڭ يىچاۋ بۇ جايدا ياشايدىغان خەنزۇلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا خەلقلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ، تۈبۈت ئاقسۇڭەكلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە تۈبۈت ئاقسۇڭەكلىرىنى گەنجۇ، لياڭجۇ، شاجۇ، يىجۇ(ئىۋىرغول، يەنى قۇمۇل) رايونلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان.[5] دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، ناۋادا دې گويېنىڭ  «قاشقوۋۇق»نى «ئىسكەندەر سېپىلى»شۇ دەپ بېكىتىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن تەقدىردە، ئۇ ھالدا 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سالام كۆرگىلى كەلگەن چاغدىكى «ئىسكەندەر سېپىلى»نىڭ، يەنى «قاشقوۋۇق»نىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر خەنزۇ، تۈبۈت ، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئاشۇ سېپىل (ياكى قوۋۇق) تۇسۇپ تۇرغان تاغنىڭ ئىچىدىكى«يەجۈج-مەجۈجلەر»، شۇنداقلا سېپىل ئەتراپىدىكى ھەم «ايكە»دېيىلىدىغان شەھەردىكى ئاھالىلەرنى مۇشۇ خەلقلەرگە باغلاش ئېھتىماللىقى بارمۇ-يوق؟ ياكى بولمىسا ئۇ«يەجۈج-مەجۈجلەر»نىڭ بويىنىڭ ئاران « بىر بېلەكتىن بىر يېرىم بېلەككىچە كېلىدىغان»لىقىنى(يەنى تەخمىنەن 54.04 سانتىمېتىردىن 81.06 سانتىمېتىرغىچە) ھېسابقا ئالغاندا، بۇ مەزگىلدە مۇشۇ جايدا خەنزۇ، تۈبۈت ،  ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەردىن باشقىمۇ «پەۋقۇلئاددە بىر پەتەك قەۋم » ياشىغانمۇ؟مانا بۇلارمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە «يەجۈج-مەجۈجلەر»[تەھرىرلەش]

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يەنە بىر كاتتا ئەسەرمۇ بىزگە  «يەجۈج-مەجۈجلەر» ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ بۈيۈك تىلچى ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ « دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئەسىرىدىكى يۇمىلاق خەرىتىدە «يەجۈج-مەجۈجلەر»نىڭ ئورنىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسەتكەندىن سىرىت، يەنە ئۇلار ھەققىدە مۇنداق توختالغان:«چىن ۋە ماچىن خەلقلىرىنىڭ ئايرىم تىللىرى بولسىمۇ، شەھەرلىكلىرى تۈركچىنى ياخشى بىلىدۇ. بىزگە يازغان خەتلىرىنى تۈركىي يېزىق بىلەن يازىدۇ. شۇنىڭدەك ئارىدا چوڭ سېپىل ۋە چىن يېنىدىكى تاغ –دېڭىزلاربولغىنى ئۈچۈن ، يەجۈج ۋە مەجۈجلەرنىڭ تىللىرىمۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس. تۈبۈتلەرنىڭ ئايرىم تىلى بار، شۇنىڭدەك خوتەنلىكلەرنىڭمۇ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۈركىي تىلدا چىرايلىق سۆزلىيەلمەيدۇ».[7] بۇ يەردە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «يەجۈج-مەجۈجلەر»نى چىن، ماچىن،تۈبۈتلەر ۋە خوتەنلىكلەر بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالغىنىدىن قارىغاندا، شۇنداقلا «ئارىدا چوڭ سېپىل ۋە چىن يېنىدىكى تاغ –دېڭىزلار بولغىنى ئۈچۈن» دېگىنىدىن قارىغاندا، ئۇلارنى مۇشۇ خەلقلەر بىلەن قوشنا ياشايدىغان ياكى مۇشۇلارنىڭ ئارىسىداياشايدىغان بىر قەۋم دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. يەنى مۇشۇنداق قارىغاندا، ئۇلار مەھمۇد كاشىغەرى ياشىغان شۇ 11-ئەسىردە تەخمىنەن لىياۋ سۇلالىسى(قىتان خانلىقى )، سۇڭ سۇلالىسى، تۈبۈتلەر ۋە ئۇدۇن(خوتەن) نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر يەردە ياشىغان بولىدۇ.شۇ زاماندا مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك دائىرىگە توغرا كېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغان يەر خېشى كارىدورى بولۇپ، بۇ مەلۇم جەھەتتىن مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ زامانىدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن سالام كۆرگەن «ئىسكەندەر سېپىلى»،  يەنى دې گويې بېكىتكەن «قاشقوۋۇق» نىڭ جايلاشقان ئورنىغا توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇمەلۇم مەنىدىن 9ـــ11-ئەسىرلەردىكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ «يەجۈج-مەجۈجلەر»نىڭ  قەيەردە ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن خېلى ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»ئەسىرىدىكى يۇمىلاق خەرىتە، خەرىتىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىدىكىسى دەل «يەجۈج-مەجۈج»لەرنىڭ ئورنى

ئومۇمەن،«يەجۈج-مەجۈجلەر» ۋە «ئىسكەندەر سېپىلى»نىڭ ئورنى ھەققىدە  ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە، ھەرقايسى خەلقلەر ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار ساقلانغان بولۇپ، بۇ تۈگۈننىڭ يېشىلىشى يەنىمۇ چۇڭقۇر تەتقىقاتقا مۇھتاج.

پايدىلانمىلار[تەھرىرلەش]

  1. ئەخمەت مۆمىن تارىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرىرى ، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى
  2. «قۇرئان كەرىم»، مۇھەممەد سالىھ داموللا تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخاسى 304-،305-،331-بەتلەر، سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە شەھىرى ھىجرىيە 1413-يىلى باسمىسى.
  3. خۇا تاۋ: «‹سالامنىڭ شەرىققە سەپەر قىلىش خاتىرىسى› نىڭ تەرجىمىسى ۋە شەرھىيسى ھەم بۇ توغرىدا تەتقىقات»، «يۈەن دەۋرى تارىخى ۋە مىللەت-چېگرا رايون تەتقىقاتى مەجمۇئەسى»( 26-قىسم) 118ـــ 132-بەتلەر، شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى2014-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
  4. ئا. گ. مالىيېۋكىن(سوۋېت ئىتتتىپاقى) يازغان، ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان: «9ـــ 12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى16-،17-بەتلەر.
  5. 5.0 5.1 چېن بىڭيىڭ: «يەنە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى»1990-يىللىق 2-سان(ئومۇمىي 18-سان).
  6. لۇ چىڭفۇ :«بەيئەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلىشىشى ۋە شاجۇ ئۇيغۇرھاكىمىيىتى »، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1998 ـ يىللىق 1 ـ سان (ئومۇمىي 33 ـسان).
  7. مەھمۇد كاشىغەرى: «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى 39-،40-بەتلەر.