يەرشارىلىىشىش جەريانىدا مىدىيا ۋە سىياسەت: مىدىيا كۈچمۇ، كۈچنىڭ مىدىياسىمۇ؟

ئورنى Wikipedia

ئابدۇللاھ ئۆزكان

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

مۇقەددىمە

دىمۇكراتىك جەمىئىيەتنىڭ ۋاز كىچىلمەس بىر كۈچى بولغان مېدىيا، يەرشارىلىشىش جەريانى بىلەن بىللە جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر كۈچكە ئايلاندى. مېدىيانىڭ خەلىقنى قايىل قىلىش كۈچىدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەرخىل كۈچ مەزكەزلىرى، مېدىيا ئورگانلىرى بىلەن ئاخبارات ئەخلاقىغا زىت بولغان مۇناىسۋەتلەرنى قۇرۇشقا باشلىدى. مېدىيا ساھەسىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى، بۇ بىنۇرمال مۇناسىۋەتكە ئاسانلىق تۇغدۇردى. ئەمەلىيەتتە، ميدىيا كۈچىنى خەلىق مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلىتىىشى، مۇستەقىل، ئەركىن ۋە دادىل بولۇشى كىرەك. ھاكىمىيەت ۋە يەرشارىۋى شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىچقانداق كۈچ بىلەن مىديا قۇرۇلۇشلىرى ئارىسىدا ئىقتىسادى ۋە سىياسى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولماسلىقى كىرەك. كۈچكە ئەمەس،چۈنكى خەلىقكە خىزمەت قىلىدىغان مېدىيا، گۈزەل بىر دۇنيانىڭ ئىنشاسى ئۈچۈنمۇ ھەسسە قوشالايدۇ.

1. كىرىش سۆز

دىمۇكراتىك جەمىئىيەتلەردە مېدىيا ناھايتى مۇھىم ۋەزىپلەرنى ئۆتەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەييارلىغان مەشھۇر مىكبىرىد دوكلاتىدا، مىديانىڭ ۋەزىپىلىرىنى رەتكە تىزغاندا ئەڭ باشتا «خەۋەر ۋە مەلۇمات يەتكۈزۈش» ۋەزىپىسى ئورۇن ئالىدۇ. «شەخىسلەرنىڭ ئىجتىمائى ھاياتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىش، يەنى ئىجتىمائىيلىشىشىقا ياردەم بىرىش، ئىجتىمائى مەقسەتلەر ۋە ئىجتىمائى قىممەت قاراشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» قاتارلىقلارمۇ مېدىيانىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى قاتارىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مېدىيا شەخسلەرنىڭ ۋاقتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىشىگە ياردەم بىرىش، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆسۈشى، كۈلتۈرەل قىممەت قاراشلارنى قوغداش…قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئورۇندايدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك، مېدىيا ئاساسى جەھەتتىن ھاياتىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ بولاي دەپ قالدى. يەرشارىلىشىش جەريانى بىلەن بىللە، مېدىيانىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى ساھەلەردىكى تەسىركۈچىمۇ ئىشىشقا باشلىدى. مېدىيا جەمىئىيەتكە باشلامچىلىق قىلىدىغان بىرئۇنسۇرغا ئايلاندى.

2. مىدىيانىڭ سىياسەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

سىياسەتنى، جەمىئىيەتتىكى ھەرخىل ئىجتىمائى سىنىپلار، مەنپەئەتلەر ۋە ئىھتىياج ئىگىلىرى ئارىسىدىكى ئورتاقلىشىش ۋە بۆلۈشۈش كۆرىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. سىياسەتنىڭ ئۇلىنى ھەرخىل پايدا-مەنپەئەت ۋە ئىدىيە ئىقىملىرىنىڭ رىقابىتىدىن تۇغۇلغان توقۇنۇش مۇتەشەككىل قىلىدۇ. بۇ توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى جەمئىيەتتىكى بايلىقلارنىڭ «ماددى ۋە مەنىۋى» ۋە قىس مەنبەلەرنىڭ تەقسم قىلىنىش جىددىيىتىدۇر. تەقسىماتنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ يولى ھاكىمىيەتكە ئىگە بولۇشقا بىرىپ تاقىلىدۇ. سىياسەت پەقەتلا «بايلىقلارنىڭ تەقسىمات» كۆرىشى بولۇپ قالماستىن مەنىۋى بايلىقلارنىڭمۇ بۆلۈنىشىگە خىزمەت قىلىدىغان ۋاستە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. سىياسەت جەمىيەتتە باراۋەرلىق ۋە پۈتۈنلۈنكنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەنپەتى ئۈچۈن بىر جەمىيەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك سىياسەت، كۆز-قارشىڭىز، چۈشەنچىڭىز ۋە قايسى مەقسەتكە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا ئاساسەن شەكىللىنىدىغان بىر جەرياندۇر. سىياسەتشۇناس ۋان دىيك سىياسەتكە: «جامائەت پىكرىگە مۇناسۋەتلىك مەسىللەردە ئۆزىنىڭ تاللىشىنى قوبۇل قىلدۇرۇش، تەتبىقلاش، باشقىلارنىڭ تاللىشىنڭ روياپقا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل ئاكتىيۇلار تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلىدىغان كۆرەش» دەپ تەبىر بىرىدۇ. داۋىد ئېستون بولسا «ماددى ۋە مەنىۋى قىممەتلەرنىڭ ھوقۇققا ئاساسەن تەقسىم قىلىنىش جەريانىغا» سىياسەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىدۇ. نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بىريەردە ياشىشىغا قاراپلا سىياسەت مەۋجۇتكەن دىگىلى بولمايدۇ. ئېلتەر تۇران، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەرخىل ئامىللارئارقىلىق بىر بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى سىياسەتنىڭ تەلىپى دەپ قارايدۇ. جەمئىيەت ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە تۇرۇغلۇق، ئۆز-ئارا بىقىندىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقان نۇرغۇن كىچىك جەمىيەتلەر مەۋجۇت. بۇيەردە جەمىيەتنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولغان «پەرىقلىق بولۇش» قارشىمىزغا چىقىدۇ. پەرىقلىق بولۇش سەۋەبلىرى سىياسەتنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغان بولۇشى ئۈچۈن مەزكۇر تىمىدىكى مەنپەئەتلەرنى پەرىقلىق چۈشىنىدىغان، پەرىقلىق تۇتۇملارغا ئەھمىيەت بىرىدىغان جەمىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بۇ جەمىئىيەتنىڭ سىياسى سىستىمىدىن يىڭى قارارلارنىڭ ئىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى شەرىت قىلىنىدۇ. پەرىقلىق بولۇش، خەلىقنىڭ پۈتۈنلەي رىئايە قىلىشى شەرىت قىلىنغان قارارلارغا نىسبەتەن توقۇنۇشلارغا يول ئاچىدىغان بولغاچقا سىياسەتنىڭ ۋاز كىچىلمەس بىرپارچسىنى تەشكىل قىلىدۇ. پەرىقلىق بولۇشنىڭ نەتىجىسى، جەمىيەتتە ئوتتۇرغا چىققان چۈشەنچە ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ بىر- بىرىگە قارشى بولۇپ قىلىشىنىمۇ تەبىئى ئەھۋال دەپ قارىشى لازىم. ئەگەر ھەربىر پايدا- مەنپەئەتنى بەدەلسىز قولغا كەلتۈرگىلى بولغان بولسا، سىياسەت دىگەن بىر ئۇقۇم توغرىىسدا مۇلاھىزە قىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

ئالاقە ۋاستىلرىدا ئۇچۇرلىشىش ئارقىلىق كىشلەر ئارىسىدا ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىنسانلار ئۆزىدە بار بولغان مەلۇمات، چۈشەنچە ۋە تۇتۇملارنى ھەرخىل يوللار بىلەن باشقىلارغا ئاغدۇرۇش ئارقىلىق جەمىيەتتە ئوخشاشلىق ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. سياسەتشۇناس دان نېمگومۇ خەۋەرلىشىشنى، «ئىنسانلارنىڭ ئىش ھەركىتىگە ئاساس سالىدىغان، دۇنياۋى ئوبراز يارىتىدىغان چۈشەنچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋە بۇ ئوبرازلارنىڭ سىمىۋۇللارنىڭ ياردىمىدە ئۆزگەرتىلىدىغان، يىڭىلىنىدىغان بىر ئىجتىمائى ھەركەت جەريانى»-،دەپ قارايدۇ. خەۋەرلىشىش ئنساننىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىگە كىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىنى بىر ھەرىكەت شەكلى سۈپىتىدە ئىپادىلىشدۇر. ئىنسانلار ۋە گۇرۇپلار ئارىسىدا مەيدانغا كىلىدىغان خەۋەرلىشىش ئىجتىمائى بىردائىرىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ. خەۋەرلىشىش جەريانىدىكى مۇناسىۋەت پەقەت مەلۇمات بىرىش بولۇپلا قالماستىن تەشۋىق قىلىش، قايىل قىلىش ۋە تۇيغۇلارغا خىتاپ قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سياسەت ئاخباراتنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ مەقسىتىگە يىتىشكە تىرىشىدۇ. ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، بىرىلگەن ئۇچۇرغا ئىشەندۈرۈش ۋە ئاممىنى ھىس تۇيغۇلىرى بىلەن ھەركەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاخبارات ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. دىمۇكراتىك سېىستىمىنىڭ ئاكتىيۇرلىىرى ئارىسىدا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە سىياسى كادرولار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى پەقەت سىياسى كادرولارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خەلىقكە يەتكۈزۈش بىلەنلا قالماستىن، سىياسى سېسىتىمىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئورۇندايدۇ. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى سىياسى مەلۇماتقا ئىرىشىش ۋە سىياسى مۇناسىۋەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ. بولۇپمۇ سايلام مەزگىلىدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان سىياسى ئۇچۇرلار تىخىمۇ ئىغىر بولىدۇ. ئاممىېۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جەمىئىيەت ۋە سىياسەتتىكى تەسىر كۈچىنى، ئامىرىكىلىق سىياسەتشۇناس رېچارېد فاگېن كۆرسەتكەن مىسال ئىشەنگۈسىز بىر شەكىلدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئەگەر ئىككى مىڭ كىشىنى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلېرىدا ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر شەكلۋازلىق تورىنى قۇرغىلى بولىدىغان بولسا، پۈتۈن ئامرىكىنى ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قىسىمىنى ئامرىكا پىرزىنىتىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش ھىچقانچە تەس ئىش ھىساپلانمايدۇ». ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى كەڭ قوللىنىلىۋاتقان نامى بىلەن مېدىيا مانا مۇشۇنداق ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ سىياسەتنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە تەشۋىق قىلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رولنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

«مېدىيا دىمۇكراتىيەسى» ناملىق كىتابىدا مېدىيا بىلەن سىياسەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختالغان سوماس مېيېرنىڭ، سىياسەتنىڭ مېدىيانىڭ قولى بىلەن شەكىللەندۈردىغانلىقىغا دائىر پىكرى كىشىنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغايدۇ:

«سىياسەت مەيدانى مېدىيا سېستىمىسىنىڭ تەسىرىدە زور دەرىجىدە ئۆزگىرەيدۇ. سىياسەت مېدىيا سېستىمىسىنىڭ قائىدىلىرىگە بويسۇنىدىغان ھالەتكە كىلىدۇ. مېدىيا سېستىمىسنىڭ مەنتىقىسى سىياسەتنى مۇستەملىكە قىلغان چىغىدا يالغۇز سىياسىيلارنىڭ ئوبرازىنى ياكى باشقا سېستىمىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ؛ سىياسى جەرياننى يىڭىدىن تەرتىپلەپ باشقا بىر ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. مېدىيا مەنتىقىسىنىڭ قۇراللىرى سىياسەتنى، سىياسى مەنتىقىدىكى قۇرغۇچى تەرەپكە (سىياسىيلارغا) يىڭىدىن چۈشەنچە بىرىش ۋە مېدىيا قانۇنلىرىدىن ئىلىنغان يىڭى پىرىنسىپلارنى ئىلاۋە قىلىش ئارقىلىق يىڭىدىن قىلىپلاشتۇرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئىيىتقاندا مۇستەملىكە بولۇش، سىياسەتنىڭ مېدىيا سىستىمىسىنىڭ مەنتىقسىىگە مەجبۇرى، شەرتسىز تەسلىم بولۇشىدىن دىرەك بىرىدۇ.»

مېدىيا سېستىمىسى سىياسەتنى مۇستەملىكە قىلغىنىدا مەجبۇرى قىلمايدۇ. سىياسەتچىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئىلىش مەقسىتىدە مېدىيانى قوللىنىش ئىستىكى مۇستەملىكىگە بويۇن ئىگىشىنى شەرىت قىلىدۇ. ئويۇننىڭ قائىدىلىرىنى مېدىيا بەلگىلەيدۇ. سىياسى سېستىمىغا پەقەت قۇرال-قائىدىلەرنى ئەمەلىيىلەشتۈرۈش ئۈچۈن كىچىك بىر پۇرسەت بىرلىدۇ.

3. مېدىيانىڭ جامائەت پىكرى قوزغاشتىكى تەسىر كۈچى

نۇرغۇن بىلىم ساھەلىرى سىياسەت بىلىمىنىڭ ئاساسى تىمىلىرىدىن بىرى بولغان جامائەت پىكرى ئۇقۇمىغا ناھايتى ئەھمىيەت بىرىدۇ. شۇڭلاشقا جامەئەت پىكرى ئۇقۇمىغا بولغان كۆز قاراشلارمۇ بۇ كاتىگورىيىدە بىر بىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. پىسخولوگلار جامەئەت رىزاسىنى «شەخسى ھەركەت»، جەمىيەتشۇناشلار «كوللىكتىپ ھەركەت»، سىياسەتشۇناسلار« ئاممىۋى ھەركەت» دەپ قارايدۇ.

جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنى «بىرخىل ئىجتىمائى گۇرۇپپىلارغا ئەزا بولغانلارنىڭ مەلۇم بىر ھەركەتكە نىسبەتەن تۇتقان پوزىتىسيسى» دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھارۋارد چېلدىس، جامائەت پىكرىنى «رازىقىلىقنىڭ يىغىندىسى» دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇنىڭغا ئىلاۋەن گۇرۇپ ئىچى ۋە گۇرۇپلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقىگە (ئىنتىراكتىفلىق) سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.» ھەرقانداق بىر تىمىدا كۆپ سانلىقنىڭ چۈشەنچىسى (رازىلىقى دىيىشىكىمۇ بولىدۇ) دەپمۇ ئاتىلىدىغان جامائەت پىكرى توپلۇمنىڭ ئورتاق قارارىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان چۈشەنچە ۋە نەزەرىيەلەرنىڭ يىغىندىسىنى نامايەن قىلىدۇ، جامائەت پىكرىنى «پىكىرلەرنىڭ ۋە رازىلىقنىڭ خەلىق ئىچىدە ئوتتۇرغا قويىلىشى» دەپ ئاتىغان ۋېلھەم باۋئېر، جامائەت پىكرىنىڭ «ئېستىتىك» ۋە «دىنامىك» دەپ ئىككى يۆنلىشى بارلىقىنى قەيىت قىلىدۇ. جامائەت پىكرىنىڭ ئېستىتىك تەرىپىنى «ئۆرىپ-ئادەت، ئەنئەنە، ئەھدىنامىلەر» تەشكىل قىلىدۇ. دېنامىك تەرىپى بولسا «قايىل قىلىش ۋە تەشۋىقات قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللارنىڭ بىشىدا شەخسى پوزىتىسيە، جەمئىيەت تەسىرى، ئىدولوگىيەلەر، نوپۇس، كۈلتۈر، سىياسى ئورگانلار ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى كىلىدۇ. جامائەت پىكرىنىڭ بارلىققا كىلىشىدە بىرىنچى باسقۇچ: ئاممىۋى مايىللىق جەريانىدۇر. مايىللىق بۇ مەزگىلدە بىرىنچى قاتلامدىكىلەر ئچىدە شەكىللىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ: ئومۇميۈزلۈك بەس- مۇنازىرە، تالاش-تارتىش قىلىش جەريانىدۇر. بۇ مەزگىلدە پەيدا بولغان مايىللىق ۋە رازىلىق ئىككىنچى قاتلامدىكىلەرگە ئاغدۇرلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ: ئومۇميۈزلۈك قارار قىلىش` باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچنىڭ نەتىجىسىدە سەلبى ياكى ئىجتىمائى بىر ھەرىكەت ئوتتۇرغا چىقىدۇ. جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشدە شەخىس ۋە گۇرۇپپىلارغا ياندىشىپ، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. جامائەت پىكرى، ئۇچۇر- ئالاقە ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىنتىراكتىفلىق جەرياندا بارلىققا كىلىدىغان بولغاچقا، مېدىيا ۋاستىسى بىلەن ئىرىشىلگەن مەلۇماتلار، مايىللىقنىڭ شەكىللىنىشدە تۈرىتكىلىك رول ئوينايدۇ. مېدىيادىن خەۋەر ئالغان شەخىس، خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن مايىللىقىنى كۈچەيتىدۇ ياكى قارارسىز تۇرغان بولسا بىر قارارغا كىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

مىېديانىڭ «كۈنتەرتىپ يارىتىش» كۈچىمۇ جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆزى خالىغان خەۋەرنى كۆپتۆرۈپ چوڭايىتىپ تارقىتىدۇ، يەنە ئۆزى خالىغان خەۋەرلەرنى كىچىكلىتىپ ئىتىبارسىزلاشتۇرىدۇ. مېدىيا جامائەت پىكرىنى يىتەكلەش ۋە جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىشتە دائىم بۇ تاكتىكىدىن پايدىلىنىدۇ . جامائەت پىكرى بىلەن مېدىيا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئېلزابىت نېيۇمان، «سۈكۈتنىڭ ئايلىنىشى» پىرىنسىپنى تەكىتلەيدۇ. سۈكۈتنىڭ ئايلىنىشى ئانومىن بىرجەمىيەتتە قىممەت قاراشلار ۋە مەقسەتلەردىكى مۇرەسسە كۈچى بىلەن زۆرۈ ئىھتىماللىقلارغا تايىنىپ قۇرۇلغان. بۇ مۇرەسسەنى جامائەت پىكرى دەپ ئاتىغان نېيۇمان، «سۈكۈتنىڭ ئايلىنىشى» نىڭ دائىرىسىنى ۋە مىخانىزمىسىنى مۇنداق ئىزايلايدۇ:

«بۇ خىلدىكى مۇرەسسە پەقەتلا سىياسى تىمىلاردا ئەمەس، ئەنئەنىلەر ۋە مودېرنىزىمغا ئوخشاش تاشقى كۈچلەر نۇقتىسىدىنمۇ ئانالىز قىلىنىدۇ. سۈكۈتنىڭ ئايلىنىشى نەزەرىيىسى، مەلۇم بىر خىل (جەمىئىيەت، تەشكىلات، پارتىيە) ئەزالىرىىغا ياكى بىر بىرىنى توتۇيدىغان گۇرۇپپىلارغا ئەمەس، جەمىيەتتىكى ھەمكارلىقنىڭ تىشىدا قالغان شەخىسلەرگە تەھىدىت شەكىللىنىپ قىلىش ئىھتىماللىقىغا تايىنىدۇ. جەمىئيەت بۇلارغا يەكلەش ۋە سىقىپ چىقىرىش بىلەن تەھدىت سالىدۇ. شەخىسلەرمۇ پىلانلىق بىر شەكىلدە تۈزۈلگەن چۈشنىكسىز بىر چەتكە قىقىلىش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ چەتكە قىقىلىش ئەندىشىسى، ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىدا قايسى پىكىرلەرنىڭ ۋە پوزىتىسيەنىڭ بازار تىپىۋاتقانلىقىنى ياكى رەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە قايسى پىكىرلەنىڭ ۋە پوزىتىسيەنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ياكى ئازايغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىشكە ئۈندەيدۇ. ئەگەر كىشىلەر پىكرىمنى خەلىق ئىتراپ قىلىدۇ دەپ قارىسا، شەخسى ۋە ئاممىۋى مۇنازىرلەردە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇش جۈرئىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلارئۆزىنى ئاز سانلىق دەپ قارىسا، ئىغىر بىسىقلىق بىلەن تەمكىن ھەركەت قىلىدۇ…»

شەخىسلەر بىر قارارغا كىلىشتە ھەممىدىن بەك مېدىيادىن تارقالغان خەۋەر ۋە مەلۇماتلارغا تايىنىدۇ. شەخىسلەر مېدىيانىڭ جەمىيەتكە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ خەلىق ئارىسىدا قانداق تەسىر قوزغاۋاتقانلىقى، جامائەت پىكرىنىڭ قايسى شەكىلدە شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ بۇنىڭغا ئاساسەن قارار چىقىرىدۇ. گەرچە شەخىسنىڭ مېدىيا شەكىللەندۈرگەن «جامائەت پىكرى» گە زىت كۆز قاراشلىرى بولسىمۇ، چەتكە قىقىلىش، يەكلىنىش ئەندىشسى بىلەن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەتتا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قەتتى بىر نەرسە دىمەسلىكنى تاللايدۇ. چۈنكى چەمىيەت مېدىيا ياراتقان مۇھىت سەۋەپلىك كۆپ سانلىق قوبۇل قىلغان چۈشەنچىلەردىن باشقا پەرىقلىق بىر چۈشەنچىنى رەت قىلىدۇ، چەتكە قاقىدۇ. مېدىيا بەرگەن پىروگىراممىلىرى ئارقىلىق «جامائەت پىكرى يارىتىدۇ، جەمئيەتتە ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان بۇ مەۋھۇم مۇھىتنى كونتىرۇل قىلىدۇ. مېدىيانىڭ مەھسۇلى بولغان مەۋھۇم كۈنتەرتىپلەرگە قارشى چىققۇچىلار بولسا «سۈكۈتنىڭ ئايلىنىشى» نەزەرىيەسىنىڭ تىمىغا ئۈسۈۋالىدۇ. مېدىيانىڭ جامائەت پىكرى يارىتىشتىكى كۈچى ھەممىگە ئايان. بۇ كۈچ خاتا ئىشلىتىلسە ياكى ئەھلى بولمىغانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالسا، چوڭ زىيانلارغا سەۋەپ بولىدىغانلىقى ئۇنتۇلماسلىقى كىرەك.

4. مېدىيانىڭ خەلىقنىڭ باياناتچىسى بولۇش رولى ۋە مىدىيۇكراتىيە

مېدىيانىڭ ۋەزىپىلرىگە قارايدىغان بولساق، ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىكى كۆزىمىزگە چىلىقىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى مېدىيانىڭ «خەلىقنىڭ باياناتچىسى» بولۇش رولىدۇر. مېدىيا خەلىقنىڭ باياناتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت قانۇنىنىڭ تەتبىقلىنىش ئەسناسىدىكى ناچار سىياسەتلىرىنى ئاشكارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. مېدىيانىڭ خەلىقنىڭ باياناتچىسى بولۇش رولى بىر تەرەپتىن مېدىيانىڭ گۇرۇھلىشىش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى خەلىقنىڭ كۈچىدىن مۇستەسنا گۇرۇھلىشالمىغان، ئىقتىسادى جەھەتتە ئەركىن بولالمغان ھىچقانداق مېدىيا قۇرلىشى خەلىق باياناتچىسى بولۇش رولىنى ئورۇندىيالمايدۇ. ئەپسۇس، مېدىيانىڭ خەلىق باياناتچىلىقىنى قىلىش رولى يىقىنقى يىللاردا مېدىيا پىرۇگىراممىلىرىنىڭ تىجارىلىشىشى سەۋەبىدىن خىلىلا تاشلىنىپ قالدى. جېيمىس كاررېن «ئاممىۋى ئاخبارات ۋە دىمۇكراتىيە» دىگەن ماقالىسىدە مېدىيانىڭ خەلىقنىڭ باياناتچىىى بولۇش رولىنى مېدىيانىڭ سىياسى ۋە ئۆكتىچى بولغان مەزگىللەردە ئاكتىپلىشىدىغانلىقىنى قەيىت قىلىپ: «كۈنىمزدە زامانىۋى مېدىيالارنىڭ كۆپىنچىسى كۆڭۈل ئىچىش ۋاستىسىغا ئايلاندى. خەلىقكە مۇناسىۋەتلىك ۋەقە- ھادىسلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان خەۋەرلەر مېدىيا پىروگىراممىلىرىنىڭ ئازغىنە بىر قىسىمنى تەشكىل قىلىۋاتىدۇ. راسىت گەپنى دىگەندە مېدىيانىڭ رولى قىلمىغان ئىشلىرىنى قىلغاندەك، قىلىدىغاندەك قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە»-، دەپ تىلغا ئالىدۇ.

كاررېنن ئوتتۇرغا قويغان «مېدىيانىڭ قىلمىغان ئشىلىرى» تىمىسى مۇھىم ئەھممىيەتكە ئىگە. مېدىيانىڭ نىمىنى قىلغانلىقىغا ئەمەس، نىمىنى قىلمىغانلىقىغا قاراش كىرەك. چۈنكى بىرىلىمىگەن خەۋەرلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا چوقۇم بىر مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بەزىدە ھاكىمىيەتتىن كىرېدى ۋە مۇكاپات ئىلىش شەكلىدە نامايان بولسا، بەزىدە چوڭ گۇرۇھلارنىڭ ياكى شىركەتلەردىن ئىلان قوبۇل قىلىش ياكى باشقا پايدا- مەنپەئەتلەرنىڭ كۆزلىنىشى شەكىلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا مېدىيانىڭ «خەلىقنىڭ باياناتچىسى» بولۇش رولى ماھيىتىدىن يىراقلاپ كىتىپ بارىدۇ. مېدىيا بۈگۈن ھەم ئۆزىنىڭ ھەمدە سىياسى ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىر نۇقتىغا كىلىپ قالدى.

مېدىيانىڭ باشقا بىر رولى بولسا «خەۋەرلەندۈرۈش» رولىدۇر. مېدىيانىڭ خەۋەرلەندۈرۈش رولى ئۆزىنى قولاي بىر شەكىلدە ئىپادىلەش، خەلىقنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە توپلۇمنى ئۆز ئىستىقبالىنى ئورتاق بەلگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرلىدۇ. مېدىيانىڭ خەۋەرلەندۈرۈش رولى دىمۇكراتىيە كۈلتۈرىنىڭ راۋاجلىنىشىغىمۇ ھەسسە قوشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار، ئەمما سىياسەتتە، مېدىيانىڭ خەۋەرلەندۈرۈش رولى قانداق خىزمەت قىلىۋاتقاندۇ ئەجىبا…

بۇ تىمىدا «مۇخبىرلىق ئەخلاقى ۋە دىمۇكراتىيە» دىگەن ماقالىسىدا مانۇئېل نۇنېز ئېنكابو: «مېدىيانىڭ ئەسلى مەقسىدى خەلىقنى يىتەكلەش ياكى سوت مەھكىمسىدەك ھۆكۈم قىلىش ئەمەس. شۇڭلاشقا، مېدىيانىڭ مەقسىدى جامائەت پىكرىنى دەسلىپىدىلا بىكىتىش ياكى شەكىللەندرۈش بولماسلىقى لازىم» دەيدۇ. ئېنكابو، مېدىيانىڭ ئەسلى مەقسىتىنى «خەلىقنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئۇچۇر ۋە مايىللىقلارنى ئاغدۇرۇش» دەپ ئىزاھلايدۇ. يەنى، مېدىيا« خەۋەرلەندۈرۈش» رولىنى ئورۇندىغان چىغىدا، جامائەت پىكرى يارىتىشى، ھەرگىزمۇ جامائەت پىكرىگە باشلامچىلىق قىلماسلىقى ۋە ئۆزىنى خەلىقنىڭ باشقۇرغۇچىسى دەپ قالماسلىقى كىرەك. ھابېرىسنىڭ سۆزى بىلەن ئىيتىساق «مېدىيا جامائەت پىكرىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» مېدىيادا تارقىتىلغان «رازىلىق» بىلەن «جامائەت پىكرى» ئارىسىدا كەسكىن بىر پەرىق شەكىللىنىشى كىرەك. جامائەت پىكرى خەلىقنىڭ كوللىكتىپ ياكى شەخسى ھالدا ئۆز رازىلىقىنى خۇلاسلەپ توغرىلىغىلى بولىدىغان بىر ئۇسلۇپتا ۋە كۆپسانلىق قوبۇل قىلىدىغان بىر شەكىلدە تىلغا ئىلىش تەرزىدۇر. جامائەت پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى قانۇنىيلاشتۇرىدىغان بىردىنبىر ئامىل خەلىقنىڭ ئۆزىدۇر. رازىلىق ۋە جامائەت پىكرى ئۇقۇملىرىنىڭ خاتا ئشىلىتىلىشى، مېدىيانىڭ رولىغا مۇناسۋەتلىك خاتالىقلارنىڭ مەنبەسىگىمۇ يول ئاچىدۇ. مانۇئېل نۇنېز ئېنكانىڭمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك مېدىيا جامائەت پىكرى يارىتىش ئۈچۈن خەۋەر ئويدۇرماسلىقى ياكى مېدىيانى شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىكى كىرەك. چۈنكى مېدىيا بۇنداق قىلسا«خەۋەرلەندۈرۈش» رولى يامان تەرەپكە بۇرۇلۇپ كىتىدۇ. ئەممد كۈنىمىزدە مېدىيا خەلىقكە خەۋەر تارقىتىشىنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا تەشىۋىقات قىلىۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆڭۈلىدىكىدەك جامائەت پىكرى يارىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. مېدىيا، خەۋەرلەندۈرۈش رولىدىن تىيىپ جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش رولىنى ئۈستىگە ئىلىۋالغان چاغدا، ئۆزىنى خەلىق ھوقۇقىنىڭ ياكى مەھكىمنىڭ ئورنىغا قويىۋالدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا خەلىقنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى بولغان دىمۇكراتىيە نىڭ ئورنىغا «مىدىيۇكراتىيە» دەسسەۋاتىدۇ.

مانۇئىل نۇنىز ئىنكانبو، «مىدىيۇكراتىيە» نىڭ شەخىسلەرنىڭ تارتىۋىلىشقا بولمايدىغان ھەقلىرىنى پايخان قىلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ئۈچ ئاساسى ئۇنسۇرى بولغان قانۇن چىقرىش، ئىجرا قىلىش ۋە سوتلاش كۈچىنىڭ قانۇنىيلىقىنى قوغدايدىغان ۋە بۇ كۈچلەرنى يامان غەرەزدە ئىشلىتىىشىكە يول قويمايدىغان كۈچلەردىن شەكىللىنىدىغان دىمۇكراتىڭ جەمىئيەتكە زىيان سالغانلىقىنى قەيىت قىلىدۇ. بۈگۈن مېدىيا كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىللەرنىڭ تىگىدە «مىدىيۇكراتىيە سەندىرۇمى» نىڭ يۇشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. خەلىققە ۋەكىللىك قىلمايدىغان، ئۆز مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىدىغان ۋە بۇلارنى دىمۇكراتىك جەمىئيەتكە زىيان سلىش بەدىلىگە قىلىدىغان بىر مېدىيا چۈشەنچىسى چوقۇم كۆزدىن كەچۈرىلىشى كىرەك.

5. يەرشارىلىشىش جەريانىدا مىدىيا قۇرۇلمىسى

يەرشارىلىشىش جەريانى سىياسى ۋە ئىقتىسادى ساھەلەرگە ئوخشاش «مېدىيا قۇرۇلمىسى» دىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئۆزگىرىش ۋە يىڭىلىقلارنىڭ شەكىللىنىشگە تۈرتكە بولماقتا. يەرشارىلىشىش جەريانى بىلەن بىرلىكتە بىلىم ۋە سىن نۇقتىلىرى يىڭىدىن شەكىللەنمەكتە. يىڭى بىر «ئاخبارات جۇغراپىيسى» مەيدانغا كەلمەكتە. بۇ جەرياندا يەرشارىۋى تورلار ۋە خەلىقئارالىق ئۇچۇر ئىقىش شەكلى بارلىققا كەلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ماكان ۋە زامان تۇيغۇلىرىمىز يىڭىدىن شەكللەنمەكتە. تىخنىكىلىق تەرەققىياتلار يىڭى يەرشارىۋى مېدىيا سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. كۆرىلىدىغان ۋە ئاڭلىنىدىغان پىرۇگىراممىلار مۇئەييەن بىر ماكانغا قاپسىلىپ قىلىشتىن قۇتۇلدى. يەنى، يەرسىز يۇرتسىزلاشتى. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، يىڭى يەرشارىۋى مېدىيا بازىرى پۈتۈن دۇنيادۇر. يەرلىك كۈلتۈرلەر ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش دەۋىرى ئاخىرلاشتى. بۈگۈن نېيۇرۇكتىن دىھلىغىچە بارلىق كۈلتۈرلەر ئىستىلمالچى كاتىگورىيەسگە ئىلىندى. يەرشارىۋى مېدىيا قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسىنى تىجارەتتىن كىرىم قىلىش ئارزۇلىرى تەشكىل قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن يەرشارىۋى ئاخبارات قۇرۇلۇشلىرى دىمۇكراتىيە، كىشلىك ھوقۇق، ھۆرلۈك، خەلىق مەنپەئەتى ۋە مىللى كۈلتۈرگە ئوخشاش ھىچبىرئىجتىمائى ئەندىشەگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ۋە بەرمەيۋاتىدۇ. يەرشارىۋى مېدىيا قۇرۇلمىسىدا شەخىسلەر «ئىستىمالچى» سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ قۇرۇلۇشلار ئىستىمالچىلارنىڭ تاللاش ئىستىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. داۈېد مورلې ۋە كېۋىن روبېىنس «كىملىك ماكانلىرى» دىگەن كىتابىدا يەرشارىۋى مېدىيا چۈشەنچىسىنى مۇنۇ شەكىلدە بايان قىلىدۇ:

«مەنپەئەت ۋە رىقابەت مەنتىقىسى بىلەن ھەركەت قىلىدىغان يىڭى مېدىيا شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى-مەھسۇلاتلىرىنى مۈمكىنقەدەر ئەڭ كۆپ ئىستىمالچى ئاممىغا يەتكۈزۈشتۇر. بۇ ئەھۋالدا ئىزچىل بىر تەرەققىپەرۋەر يۈزلىنىش مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يۈزلىنىش توختاۋىسىز زورىيىۋاتقان ئىستىمالچىلار بازىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. نۆۋەتتە، مىللىي جەمىئىيەتلەرنىڭ كونا چىگرالىرى ۋە توسالغۇلىرىنىڭ ئىلىپ تاشلىنىشى ناھايتى مۇھىم. چۈنكى، بۇ چىگرالار تىجارى ئىستىراتىگىيەنىڭ يىڭىدىن گۇرۇھلىشىشى ئالدىدىكى ئاساسسىز ۋە ئىرراسيونال توسالغۇلاردۇر. ئىستىمالچىلار جۇغراپىيەسى مىللى كۈلتۈرنىڭ سىمىۋۇللۇق ماكانلىرىدىن ئۇراقلىشىۋاتىدۇ، شۇنداقلا خەلىقئارا ئىستىمالچىلار كۈلتۈرىنىڭ تىخىمۇ ئالەمشۇمۇل بولغان پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا يىڭىدىن تۈزىتىلىۋاتىدۇ. پىرۇگىرامىلارنىڭ ئەركىن ۋە توسالغۇسىز ئىقىشى، يىڭى مېدىيا قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىددىئاسىدۇر. بۇ شۇنداق بىر ئىددىئاكى، بۇنىڭ لوگىكىسى ئەڭ ئاخىرىدا يەرشارىۋى پىرۇگىراممىلار ۋە يەرشارىۋى بازارلارنى شەكىللەندۈرۈىشكە بىرىپ تاقىلىدۇ. ۋە ھازىردىن باشلاپ بۇ ئىدىئانى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تەسىرىنى كۆرىۋاتىمىز. يىڭى مېدىيا قۇرۇلمىسى، ئەمدى يەرشارىۋى بىر قۇرۇلمىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ…»

داۈېد مورلې ۋە كېۋىن روبېىنسنىڭ نەخ ئون يىل ئىلگىرى بايقىغان بۇ يىڭىلىقى، بۈگۈن ئاللىبۇرۇن رىئاللىققا ئايلىنىپ بولدى. ئەمدى بىز بۈگۈنكى بۇ دۇنيادا يەرشارىۋى مېدىيا شىركەتلىرىنىڭ ھاكىمىيتىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ يەرشارىۋى مېدىيا شىركەتلىرى: يا ستۈديو قۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى (پىروگىراممىلىرىنى) ئىشلەپ چىقرىدۇ ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ مەھسۇلاتلارنى تارقىتىدۇ، ياكى ئۈسكۈنلەرنى تەمىنلەيدىغان بىر قۇرۇلما قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان (تەييارلانغان) مەھسۇلاتلارنىڭ (پىرۇگىراممىلارنىڭ) پۈتۈن دۇنياغا تىز سۈرئەتتە ئېقىشىغا ئىمكان يارىتىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بەزى يەرشارىۋى مېدىيا شىركەتلىرى مەۋجۇت كۈچىنى يىتەرسىز دەپ قاراپ باشقا يەرشارىۋى شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىش كويىغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈچىگە كۈچ قوشۇپ بازار پايلىرىنى كۆپەيتىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ. بولۇپمۇ كۆڭۈل ئىچىش ۋە ئۇچۇر خىزمەتلىرىنى ئاساس قىلىدىغان شىركەتلەر كۈچلىرىنى تىلىگىراف سانائىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن چېىغىدا «كۆپ مېدىيا» شىركەتلىرى ئوتتۇرغا چىقىدۇ، بۇ شىركەتلەر كابلولۇق تىلىۋۇزۇرلارغا تارقىتىش قىلىش بىلەن بىللە ئۆيدە تۇرۇپلا ئىلىم- سىتىم قىلىش، بانكىچىلىق خىزمەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلىش ئىمكانىيتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە يەرشارىلىشىش جەريانى مېدىيا ھاكىم بولغان ئىقتىسادى كۈچنى پەيدا قىلماقتا.

6. مېدىيادا مونۇپۇل قىلىش ھادىسىسى

كىيىنكى يىللاردا مېدىيا ساھەسىدە ئىشىۋاتقان مونۇپۇللۇق ۋە مەركەزلىشىش ھادىسىسى جىددى شەكىلدە مۇنازىرە تىمىسىغا ئايلاندى. رادىئۇ ۋە تىلىۋۇزۇر، مېدىياچىلار ئارىسىدا ئىگىدارچىلىق ۋە سەرماينىڭ پۈتۈنلىشىشى شەكلىدە بارلىققا كەلگەن مۇناسىۋەت ئۆلچىمى «پارالىل مېدىيا مەزكەزلىشىشى» دەپ ئاتالدى، بۇنىڭغا ياندىشىپ تىلىۋۇزۇر ۋە رادىئۇ، مېدىياچىلار بىلەن پىرۇگىرامما ھازىرلىغان فىرمىلار ۋە تارقىتىش بازىرى ئارىسىدىكى ئىگىدارچىلىق ۋە سەرمايە مۇناسىۋىتى «گورزىنتال مېدىيا مەزكەزلىشىشى» دپ ئاتالدى. تىلىۋۇزۇر ۋە رادىئۇ، مېدىياچىلار بىلەن مەتبەئە ۋە ئېىنتىرنىت مۇھاپىزلىرىغا ئوخشاش مېدىيا ئۇنسۇرلىرى ئارىسىدىكى ئىگىدارچىلىق ۋە سەرمايە بولسا «ئارىلاش (پارالىل ۋە گورزىنتال) مېدىيا مەركەزلىىششى» دەپ ئاتالدى. دۇنيا مېدىياسىمۇ يۇقاردا رەتكە تىزىلغان ئۈچ مەركەزلىشىش ۋە مونۇپۇللۇق ئۆلچىمى بىلەن ئۇچراشماقتا. تۈركىيەدىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، مېدىيا خوجايىنلىرىنىڭ ھەممە ساھەدە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرىمىز. تىلىۋىزىيە ئىستانىسلىرىغا ئىگە بولغان مېدىيا خوجايىنلىرىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا رادىئۇغىمۇ ئىگە بولۇشى، گىزىت ۋە ژۇرناللارنىمۇ قول ئىلكىدە تۇتىشى، بولۇپمۇ تارقىتىش شىركەتلىرىگىمۇ ئىگىدارچىلىق قىىلىشى دىققەت تارتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېدىيا خوجايىنلىرىنىڭ، بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن پىرۇگىرام ئىشلەپ چىقارغان، تارقاتقان شىركەتلەر، ئورگانلار، ئىلان قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا قەدەر ھەددىدىن زىيادە بىرىلىپ كىتىشىمۇ مېدىيا ساھەسنىڭ مەركەزلىشىىشنى تىزلىتىۋىتىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا ياندىشىپ، مېدىيا خوجايىنلىرىنىڭ مېدىيا ساھەسىدىن سىرىت ئاكسىيەدىن تارتىپ ئىستىراتىگىيەلىك ساھەلەرگىچە مەبلەغ سالغانلىقىنىمۇ كۆرىۋاتىمىز. مېدىيانىڭ مۇھىم بىر كۈچكە ئايلانغانلىقى دىققەتكە ئىلىنغاندا، مېدىيا خوجايىنلىرىنىڭ ھەم مېدىيا ساھەسىدە ھەم مېدىيادىن باشقا ئىستىراتىگىيەلىك ساھەلەردە نۇرغۇن ئىقتىسادى كۈچكە ئىگە بولۇشى بىرقاتار سەلبى ۋەزىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ھەممىدىن بۇرۇن، مېدىيادىن باشقا ساھەلەرگە مەبلەغ سالغان مېدىيا ساھىپلىرىنىڭ چوقۇم سىياسى كۈچلەر بىلەن «ئىش مۇناسىۋىتى» بولىدۇ. بۇنداق بىر مۇناسىۋەت ئۆلچىمىدە، يا مېدىيا ساھىپلىرى قولىدىكى «مېدىيا كۈچىنى» ئىشلىتىپ نەپكە ئىرىشىش يولىغا چاپىدۇ ياكى سىياسى كۈچلەر «مېدىيانى كونتىرۇللىقى ئاستىدا تۇتۇش مەقسىتىدە» مېدىيا ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان بىر قاتار ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ. ھەر ئىككىلى ئەھۋالدا مېدىيا ۋە سىياسەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئەخلاققا زىت بولغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ. مېدىيادا مونۇپۇللۇق ھادىسىسى ئىشۋەرسە ۋە مېدىيا ساھىپلىرىنىڭ مېدىيادىن باشقا ساھەلەردە پائالىيەت قىلىشى داۋاملىشىۋەرسە، بۇ ئەخلاقى پىرىنساىپلارغا زىت ھەركەت شەكلىنىڭمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇنتۇلماسلىقى كىرەك. تۈركىيەدىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، دۆلىتىمىزدە (تۈركىيەدە) مېدىيانىڭ دىمۇكراتىك جەمىئيەتلەردە بولۇشقا تىگىشلىك كۈچىدىن كۆپرەك بىر كۈچنى قولدا تۇتۇۋاتقانلىقى، ھەم سىياسى ھەم ئىقتىسادى ساھەدە ناھايتى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. تۈركىيەدە مېدىيا ساھەسىنىڭ، بولۇپمۇ كىيىنكى يىللاردا پۇللۇق بىر ساھە بولۇشتىن چىققانلىقى، ئىلان كىرىملىرىنىڭ ئازايغانلىقى، ھەتتا بەزى مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ زور مىقداردا قەرىزگە بوغۇلغانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. شۇنداق تۇرۇغلۇق بەزى مېدىيا ساھىپلىرى، پۇل تاپالمىسىمۇ مېدىيا ساھەسىنى تەرك ئەتمەيۋاتىدۇ. ئەكىسچە چىڭ تۇرۇپ ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، قولىدىكى مىديا كۈچىنى مىديادىن باشقا ساھەلەردە قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزچىللىقى ئۈچۈن ئۈچۈن سىياسى كۈچكە قارشى بىر«ئىمبارگۇ ۋاستىسى» قىلىپ قوللىنىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇر. ميدىيا ساھەسى 1990-يىللاردىن كىيىن سىياسى ھاكىمىيەت بەرگەن كېرىدى ۋە مۇكاپاتلار بىلەن ساھەسىگە ئىنتايىن چوڭ مەبلەغلەرنى سالغان. ئەڭ مۇھىمى قۇرۇلۇشلىرىنى ئەسلىھەلەشتۈرىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يىڭى تىخىنىكىلارنى ميدىيا ساھەسىدە ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇلارغا پارالىل ھالەتتە، توختاۋىسىز بىر رىقابەت مۇھىتى راۋاجلانغان، رېكلام پائالىيەتلىرى تەشۋىق قىلىنغان، نەتىجىدە ميدىيا ساھەسى چوڭ بىر پاتقاقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ قالغان. ميدىيا پىتىپ قالغان پاتقاقنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئەڭ ئاۋۋال ميدىيانىڭ جەمىيەتتىكى ئىشەندۈرۈش كۈچى ئازالغان. رېكلام (ئىلان) پائالىيەتلىرى گېزىتلەرنى قاچا- قۇچا ساتىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. يىقىندىن بۇيان گېزىتلەر كۈلتۈرلەرنى ئاساس قىلغان رېكلام (ئىلان) لارغا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئۆتمۈشتە ئىچىلغان يارىنىڭ سەلبى تەسىرىنىڭ تىخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. ميدىيا چۈشۈپ قالغان پاتقاقلار ئاخبارات ساھەسسىدە مېدىيانىڭ ئالغان مۇكاپات ۋە كىرېدىلىرى تۈپەيلى «ھۆكۈمەت بىقىندىسى» غا ئايلىنىپ قىلىشى بىلەن زاھىر بولىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپتىىن ميدىياغا بىرىلگەن ئىتىۋارلار ۋە مۇھىم ئىمكانىيەتلەر بىر مەزگىلدىن كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ ميدىيانى باشقۇرىشىغا، كونتىرۇل ئاستىغا ئىلىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بىرىدۇ. ھەتتا تارقىتىش تۈزۈلمىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەتبىقاتلار، ميدىىانىڭ خەلىقنى خەۋەرلەندۈرۈش، خەلىقنىڭ باياناتچىسى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتۇش ۋەزىپىسىنى غۇۋالاشتۇرىىتىدۇ.

7. خۇلاسە

يەرشارلىشىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن تىخنىكىلىق تەرەققىياتلار، جامائەت پىكرىگە يىتەكچىلىك قىلىش، ئىشەندۈرۈش ۋە رازى قىلىش خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتقان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھاياتىمىزدىكى مۇھىملىقىنى كۆرسەتمەكتە. ميدىيا جامائەت پىكرىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم بىر كۈچكە ئايلانغانچە، ميدىياغىمۇ رەھبەرلىك قىلىدىغان باشقا كۈچلەر مەيدانغا كەلمەكتە. چۈنكى ناھايتى مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىغا ئىگە جامائەت پىكرىگە نۇپۇز تىكلەشنىڭ ئەڭ كەسكىن ۋە جانلىق يولى مېدىيانى مونوپۇل قىلىشقا بىرىپ تاقېلىدۇ. ميدىياغا رەھبەرلىك قىلىش ياكى ميدىيانى كونتىرۇل ئاستىغا ئىلىشنى كۆزلەيدىغانلارنىڭ ئەڭ بىشىدا سىياسەت ساھەسى ئورۇن ئالىدۇ. بولۇپمۇ ھۆكۈمەتلەر، ميدىيانىڭ كۈچىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ. سىياسى كۈچلەر داۋاملىق ھاكىمىيەتتە تۇرالىشى ئۈچۈن ميدىيانىڭ كۈچىگە ئىھتىياچلىق بولىدۇ. ئىقتىسادى ساھەدىمۇ ميدىيانىڭ كۈچىگە مۇھىم دەرىجىدە ئىھتىياج چۈشمەكتە. بولۇپمۇ خەلىقئارالىق شىركەتلەر، يەرشارىۋى بازارلاردا نۇپۇز تىكلەش، ماركىلىرىنى كىشىلەر ئارىسىدا ئىتىبارغا ئىرىشىتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ميدىيانىڭ كۈچىدىن پايدىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

ميدىيا پەقەت ئەركىن، مۇستەقىل ۋە ھىچكىىم بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىغان شارائىت ئاستىدا ئەسلى ۋەزىپىسىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بۇ نۇقتا ئايدىڭلاشتۇرلىشى كىرەك. ميدىيا سىياسى، ئورگانلاردىكى سىياسى كۈچلەرنىڭ ئىجرائىيەتلىرىدىكى خاتا ۋە كەمچىلىكلەرگە دىققەت تارتالىشى، تەنىقىدى ھەقلىرىدىن پايدىلىنالىشى ۋە خەلىقنى خەۋەرلەرندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كىرەك. ئەمما سىىياسى كۈچلەر بىلەن «مەنپەئەت مۇناسىۋىتى» پىشىگە چۈشكەن ميدىيا، ئەسلى ۋەزىپىلىرىدىن ئاستا-ئاستا ئۇزاقلىشىقا باشلايدۇ. ميدىيانىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى، تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ پىرىنسىپلىرىغىمۇ سەلبى تەىسر كۆرسىتىدۇ.

تۈركىيە ميدىياسىغا قارايدىغان بولساق، تۈرك مېدىيا ساھەسىنى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلغان ۋە باشقۇرۇلغان بىر ساھە دىيىشكە بولمايدۇ. مۇشۇ كەمگىچە ميدىيا ساھەسىگە سىلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ياخشى پىلانلانمىغانلىقى، بۈگۈن ئىرىشكەن نەتىجىلەردىن ۋە كىلىپ قالغان نۇقتىدىن كۆرىۋاتىمىز. تۈركىيەدە ميدىيا ساھەسى، ميدىيا ساھىپلىرىنىڭ ميدىيادىن باشقا ساھەلەردىن تاپقان پايدىلىرىغا مۇھتاچ بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. ميدىيا ساھىپلىرى، بۇئىقتىسادى تولۇقلىمىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىقتىسادى ئىھتىياجىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئەخلاق قۇراللىرىغا مۇخالىپ مۇناسىۋەتلەر ئىچىگە كىرىشىكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ نۇقتىغا كەلگىنىمىزدە رېكلام (ئىلان) ئۈستىدە توختىلىشىمىز كىرەك. ميدىيانىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسىنى رېكلام (ئىلان) دىن قىلىنىدىغان كىرىملەر تەشكىل قىلىدۇ. گېىزىتلەر مۇئەييەن نىسبەتتە گىزىت تىراژلىرىدىن كىرىم قىلالايدۇ. ئەمما تىلىۋۇزۇر ۋە رادىئۇلار تىخىمۇ كۆپ رېكلام كىرىمىلىرى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىمكانىغا ئىگە. مۇشۇنداق بولغاچقا، ھاياتى رولغا ئىگە بولغان رېكلام توغرا ئىشلىتىلمىگەندە، خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئىھتىمالى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بەزى ئىلان بەرگۈچىلەر قولىدىكى ئىلان كۈچىنى، ميدىيا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تارقىتىش پىرىنسىپلىرىنى باشقۇرۇش مەقستىدە ئىشلىتەلەيدۇ. مەسىلەن، ئىلان بەرگۈچىلەر زىتىغا ياقمىغان خەۋەرلەر سەۋەبىدىن ميدىيالاردا بىرىۋاتقان ئىلانلىرىنى توختىتىپ قويىدىغان ئىشلار پات-پات ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئىلان بەرگەن شېركەت ياكى گۇرۇھ ئۆزىگە مۇناسۋەتلىك سەلبى خەۋەرنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن رېكلامنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىدۇ.

بەزى ميدىيا قۇرۇلۇشلىرىنىڭمۇ رېكلام ئالالمىغان شىركەتلەرنى قولىدىكى مېدىيانىڭ كۈچى ئارقىلىق «ئىشەندۈرۈش» يولىنى تاللىغانلىقى مەلۇم. رېكلام بەرمىگەن شىركەتلەر سەلبى تارقىتىشلار ئارقىلىق تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. رېكلام بىرىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. پۈتۈن بۇ سەلبى ئەھۋاللار، مېدىيانىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش شارائىتلىرىنىڭ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن ئىىشىپ بىرىۋاتىدۇ. مېدىيا مۇستەقىل، ئەركىن ۋە دادىل بولۇشى كىرەك. مېدىيا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سىياسى كۈچلەر ۋە يەرشارىۋى شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىچقانداق بىر كۈچ بىلەن ئىقتىسادى ۋە سىياسى بىر مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولماسلىقى كىرەك، مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇشى، ئىقتىسادى جەھەتتىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجلىق بولۇپ قالمالسىقى كىرەك. مېدىيا ساھىپلىرىمۇ يالغۇز مېدىيا ساھەسىدە خزمەت قىلىشى، بولۇپمۇ ئىقتىسادى ۋە سىياسى كۈچلەر بىلەن ئالاقە باغلاشغا مەجبۇر بولۇپ قالىدىغان ساھەلەردىن يىراق تۇرىشى كىرەك.

مەنبەلەر:

Sean MacBride, Bir Çok Ses, Tek Bir Dünya, UNESCO Uluslararas› Komisyon Raporu. Ankara: UNESCO Türkiye Milli Komisyonu Yay›n›, 1993, s.15.

Münci Kapani, Politika Bilimine Girifl. Ankara, 1998, s.17.

David Easton, A Systems Analysis of Political Life. New York: John Wiley, 1965, bkz. ‹lter Turan, Siyasal Sistem ve Siyasal Davran›fl. ‹stanbul: ‹stanbul Üniversitesi ‹ktisat

Fakültesi Yay›nlar›, 1997, s.7

Turan, s.7.

Dan Nimmo, Political Communication and Public Opinion in America. California, 1978, s.4.

Oya Tokgöz, Siyasi Haberleflme ve Kad›n. Ankara: Ankara Üniversitesi Siyasal Bilgiler Fakültesi Yay›n›, No:429, 1979, s.4

Richard Fagen, Communicat›on and Politics. Boston: Little, Brown and Co. 1966, s.42

Thomas Meyer, Medya Demokrasisi: Medya Siyaseti Nas›l Sömürgelefltirir. ‹stanbul: ‹fl Bankas› Kültür Yay›nlar›, 2002, s.72.

Harwood Childs, An Introduction to Public Opinion. New York: Wiley And Sons, 1940, s.44

Wilhelm Bauer, “Public Opinion”, The ‹nternational Encyclopaedia of Social Sciences. New York: MaçMillan, 1948. Vol.12, s.669

Arsev Bektafl, Kamuoyu, ‹letiflim ve Demokrasi. ‹stanbul: Ba¤lam Yay›nlar›, 1996, s.96.

Abdullah Özkan, Siyasal ‹letiflim: Partiler, Seçimler, Stratejiler. ‹stanbul: Nesil Yay›nlar›, 2004, s.215.

Elisabeth Noelle Neumann, The Contribution of Spiral of Silence Theory to an Understending of Mass Media. New York: Paragon House, 1992, s.75; bkz. Süleyman ‹rvan

(der.) Medya, Kültür, Siyaset. Ankara: Ark Yay›nlar›, 1997, s.226.

14 James Curran, “Medya ve Demokrasi: Yeniden De¤er Biçme”, içinde Süleyman ‹rvan (der.) Medya, Kültür, Siyaset. Ankara: Ark Yay›nevi, 1997, s.145.

Curran, s.146.

Manuel Nunez Encabo, “Gazetecilik Eti¤i ve Demokrasi”, içinde Süleyman ‹rvan (der.) Medya, Kültür, Siyaset. Ankara: Ark Yay›nevi, 1997, s.291

Encabo, s.292

David Morley & Kevin Robins, Kimlik Mekanlar›: Küresel Medya, Elektronik Ortamlar ve Kültürel S›n›rlar. ‹stanbul: Ayr›nt› Yay›nlar›, 1997, s.32.

Cihaneri Erciyes, “Medya-Siyaset ‹liflkilerinde Etik Sorunlar ve Türk Bas›n›”, Türkiye ve Siyaset Dergisi, Eylül 2001.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى