يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى

ئورنى Wikipedia

يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى[تەھرىرلەش]

يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى(Global Positioning System – GPS) بولسا ئامىركا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، 20يىل تەتقىق قىلىنىپ ۋە 200مىرلىياد ئامىركا دوللىرى سەرىپ قىلىنىپ 1994-يىلى بارلىققا كەلگەن سۈنئى ھەمرا ئورۇن بىكىتىش سىستىمېسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سېستىما قۇرۇقلۇق، دېڭىز، بوشلۇق تولۇق قاپلانغان ئورۇن بېكىتىش رولىغا ئىگە. يېقىنقى 10يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچەش تارماقلىرى مەزكۇر تېخنىكىنى يەر ئۆلچەش ، قۇرلۇش ئۆلچەش ، بوشلۇقتا سۆرەتكە ئېلىش ، يەر پوستىنىڭ يوتكىلىشىنى كۆزىتىش ، قۇرلۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، ۋە بايلىقلارنى تەكشۇرۇش قاتارلىق ساھالەرگە ئىشلىتىپ، ئولچەش ساھەسىدە بىر مەيدان چوڭقۇر تېخنىكىلىق ئىنقىلاپ قوزغىدى. يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى(Global Positioning System – GPS) ئامىركىنىڭ 2-ئەۋلاد سۇنئىي ھەمراھ يولباشلاش سېستىمىسى. بۇ سېستىما تىرانزىت ھەمراھىنىڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ تىرانزىت سېستىمىسنىڭ مۇۋاپىقىيەت تەجىربىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ تىرانزىت سېستىمىسىغا ئوخشاش، يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى، بوشلۇق قىسمى ، يەر يۈزىدىن كۆزىتىش ۋە ئابونتلار قوبۇل قىلىش ئۈسكىنىسى قاتارلىق 3قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. ھازىرقى لايىھەدە يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسىنىڭ، بوشلۇق قىسىمى ئېگىزلىگى 20000مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى 24 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەشكىل تاپقان. 24+3 دانە سۈنئىي ھەمراھ يۇمۇلاق ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ. بىر قېتىم ئايلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 11سائەت 58 مىنۇت، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 ئوربىتا يولىغا بۆلۇنگەن(ھەر بىرسىدە 4 دانىدىن سۈنئى ھەمراھ بار)، ئوربىتىنىڭ كۆرۇش بۇلۇڭى 55 گىرادۇس. سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ سىگىنال تارقىتىش دائىرىسى يەر شارىنىڭ ھەممە يىرىنى قاپلىغان، ھەرقانداق ۋاقىتتا 4 تىن يۇقىرى سۇنئىي ھەمراھنىڭ سىگىنالىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ ۋە ئېنقلىغى يۇقرى بولغان گىئومىتىريىلىك رەسىمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت، ھەرجايدا يولباشلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.+ l# c9 ?& ]+ k يەر ئۈستى كۆزىتىش بۆلىكى ئۆز ئىچىدىن 4 بۆلەككە بولۇنگەن. كىرگىزۇش پونكىتى ۋە ئاساسىي باش پونكىتغا بۆلىنىدۇ. كۆزىتىش پونكىتىدە GPSئابونتلار قوبۇل قىلغۇچ. ئاتوملۇق سائەت، يەرلىكنىڭ ھاۋارايى مەلۇماتلىرىنى يىغىدىغان سېزور قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆزۇتىش پونكىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى سۇنئىي ھەمراھ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ ئاساسىي پونكىتغا يوللاپ بېرىش. ئاساسىي پونكىت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرلدۇ. ئۇ يەر ئۇستى كۆزىتىش بۆلىكىنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاساسلىق پونكىتنىڭ ۋەزىپىسى ھەرقايسى كۆزىتىش نۇقتىلىرى قوبۇل قىلغان GPS سانلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىش. بۇ سانلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ھەر بىر GPS سۇنئىي ھەمراھيىنىڭ ئوربىتىسى ۋە سۇنئىي ھەمراھ سائىتىنى توغۇرلايدۇ. كىرگۇزۇش پونكىتىمۇ ھاۋا ئارمىيىسنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى- ھەربىر سۇنئىي ھەمراھ قوزغۇلۇپ بوشلۇققا چىققىچە بولغان ۋاقىتتا يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ۋە ئاساسىي پونكىتتىن چىققان بۇيرۇقلارنى سۇنئىي ھەمراھغا كىرگۇزۇش، ھەربىر GPS سۇنئىي ھەمراھىغا بۇنداق كىرگۇزۇش كۇندە بىر قېتىم ئېلېپ بېرىلىدۇ. ھەم سۇنئىي ھەمراھ كىرگۇزۇش پونكىتىنىڭ دائىرسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كىرگۇزۇلىدۇ. يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ، بۇ ھازىرقى ئەڭ ياخشى يولباشلاش ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى . ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىنىڭ ئىلغارلىشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق، يۇمشاق دېتاللارمۇ مۇكەممەللەشمەكتە. ئىشلىتىش دائىرسى ئۇزلۇكسىز كېڭەيمەكتە. ھازىر دۆلەتلەرنىڭ ئىقتساد ئورۇنلىرىمۇ ئىشلەتمەكتە. ھەم ئاستا ئاستا كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە.   , z9 J" t/ Z/ T7 `; [1 V7 U2 d

S+ E7 c7 \: B) }8 y

GPSدېگەن نېمە؟ بۇ كۆپچىلىككە ئايدىڭ. ئۇ بىر سۇنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى. بىراق بىز ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق قانداق GPS مەھسۇلاتلىرىنى تاللايمىز؟ بىز بىرلىكتە GPS نىڭ ئىجرا بولۇش قائىدىسىنى ۋە تۇرلىرىنى چۇشۇنۇپ باقايلى.    GPS يولباشلاش، ئورۇن بەلگىلەشكە دائىر مەھسۇلاتلار   GPS ئورۇن بەلگىلەش مەھسۇلاتلىرى توشۇش شەكلى بويىچە ماشندا يوتكەش،پاراخوتتا يوتكەش، ئاۋىئاتسىيەدە يوتكەش، ئالەم قاتنىشى (بومبا يوتكەش، راكىتا يوتكەش، سۇنئىي ھەمراھ يوتكەش)؛ ئېنىقلىغى بويىچە ئادەتتىكى يولباشلاش (ئېنىقلىغى 10مېتىر)، يۇقرى دەرىجىلىك يولباشلاش(ئېنىقلىغى مېتىرنىڭ ئىچىدە)، ئالىي دەرىجىلىك يولباشلاش(10سانتىنىڭ ئىچىدە)؛ بوشلۇق ھالىتىگە قاراپ تۆۋەن بوشلۇقتىكى، ئوتتۇرا بوشلۇقتىكى ، يۇقرى بوشلۇقتىكى قاتارلىق تۈرلىرى بار. كىشلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغا تەلىپىمۇ ھەرخىل بولماقتا. بىز سىلەرگە ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەمىنلەيمىز.     * `# K2 c$ I2 |; Q4 P 8 o G$ p+ d2 \: V: K' A) o+ C يولباشلاش دېگەن نېمە؟   يولباشلاش بولسا بىر تېخنىكىڭ ئومۇمىي ئاتالغۇسى. ئۇ ئايروپىلان، پاراخوت، ماشىنا ۋە ئادەملەرنى بىخەتەر، توغرا بولغان يول بويىچە، دەل ۋاقتىدا كۆزلىگەن جايىغا باشلاپ ئاپىرىشتىكى بىر خىل ۋاستە. يول باشلاشنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى جاۋاب بېرىش : ھازىر مەن نەدە؟ مەن نەگە بارىمەن؟ قانداق بارىمەن؟ يولباشلاش بولسا يولباشلاش سېستىمىسى ئارقىلىق يولباشلاشنى تاماملايدۇ. يوتكەش، قاچىلاش ئوبىكىتلىرىدىكى يولباشلاش ۋە باشقا يولباشلاش ئۇسكىنىلىرى ھەممىسى يولباشلاش ئىستانسىنى ئىشلىتىدۇ. يولباشلاش ئىستانسىنىڭ ئورنىدىن كۆرگەندە ئاساسلىق مۇنۇلار بار:

قۇرۇقلۇق يولباشلاش سېستىمىسى- يولباشلاش ئىستانسى قۇرۇقلققا قۇرۇلدۇ. يولباشلاش ئۈسكىنىسى بىلەن يولباشلاش ئىستانسىسى رادىئو دولقىنى ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقە قىلىدۇ.   + I2 Y3 Q8 E2 s( R8 F6 Y B سۈنئى ھەمرا يول باشلاش سىستىمىسى- يولباشلاش ئىستانسى سۇنئىي ھەمراققا قۇرۇلدۇ. قاپلاش دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ. يولباشلاش ئىنسانلارنىڭ ئىجدىمائى ئىشلىرى، ئىقساد ۋە ھەربىي ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان قىسمىغا ئايلاندى. بۇگۇنكى كۇندە كىشلەرنىڭ يولباشلشقا بولغان تەلىپى بارغانسېرى ئاشماقتا.   / p5 |9 U# [ O3 f; q يولباشلاش سېستىمسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى:   ئادەملەرنىڭ دەسلەپتىكى يولباشلاشى تاش، دەرەخ، تاغ تىزمىسى، قاتارلىقلارنى بەلگە قىلغان. ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ ئاستىرونومىيەلىك كۆزىتىشكە يەتتى. يەنى ئاسماندىكى قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاغا قاراپ ئورۇن بېكىتكەن. جوڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى بولغان كومپاس ئىنسانلارنىڭ يولباشلاش ساھەسىدىكى بىر ئۇلۇغ كەشپىيات.   3 o0 s- n: Z0 r) n سىمسىز يولباشلاش كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنسانلار سەپىرىدە يولباشلاش سېستمىسىغا يىڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.       GPS سېستمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى.  4 @6 y0 e! r( ^6 S- j GPS - ئاساسلىقى 3بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. يەريۇزى كونتىرول پونكىتى، سۇنئىي ھەمراھ ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىكى قوبۇللىغۇچتىن تەركىپ تاپقان.' i4 j9 k% K& x; y# K3 M5 @

ئالدىدا بىز ئۈسكىنىلەرنى دەپ باقايلى. يەردە بىر ئاساسىي پونكىت بار. بۇ پونكىت ئامىركىنىڭ كولورادو دا. 3 دانە يەر يۈزى ئانتىناسى، 5 كۆزىتىش پونكىتى، يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورۇنلاشقان. ئاساسلىقى سانلىق مەلۇمات يىغىش، يولباشلاش ئۇچۇرلىرىنى ھېسابلاش، سېستىمىغا دىئاگونوز قويۇش، سۇنئىي ھەمرانىڭ مۇرەككەپ ئىشلىرىنى تەڭشەش قاتارلىقلار.    1 o9 u4 K/ b) A H; X8 ~3 ~ بوشلۇقتا 27 سۇنئىي ھەمراھ بار. يەر بىلەن بولغان ئارلىقى 20200 كېلومېتىر 27 سۇنئىي ھەمراھنىڭ ئىچىدە 24 ى خىزمەت قىلىدۇ. قالغان ئۈچى بولسا زاپاس سۈنئى ھەمرا بولۇپ لازىم بولغاندا ئىشلىتىدۇ. بۇ سۇنئىي ھەمراھلار 3 ئەۋلاد 5 خىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇنئىي ھەمراھ ئىككى خىل سىگىنال تاقىتىدۇ: L1ۋە L2. L1نىڭ چاستۇتىسى 1227.60MHZ. L2 نىڭ چاستۇتىسى1575.42MHZ . سۇنئىي ھەمراھنىڭ سائىتىگە سىزىي ئاتاملۇق سائەت ياكى رۇبىدىي ئاتوملۇق ئىشلىتىلىدۇ. كەلگۈسىدە ھىدىروگىن ئاتوملۇق سائەت ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا، بۇ سائەتلەر بىزنىڭ قولىمىزدىكى كۇۋارتىس سائەتتىنمۇ توغرا ماڭىدۇ.   قولىمىزدا بولسا GPS قوبۇللىغۇچ بولىدۇ. بۇنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكىلىرى بار. قول تاقايدىغان، ماشنلارغا قويىدىغان، پاراخوتلارغا قويىدىغان... قاتارلىقلار. ئادەتتە قولدا تاقايدىغانلىرىنىڭ سىگىنالى L1بولىدۇ. يەنە قوش سىگىناللىق قوبۇللىغۇچلار ئىنچىكە ئورۇن بېكىتىدۇ.   9 Z$ t, _# B4 X( m3 P. A3 g6 g 7 I: u$ k! h% X5 q

GPSقوبۇللىغۇچ توغرىسىدا[تەھرىرلەش]

GPS لارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە 12 قاناللىق بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 12 سۇنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇرۇنقى تىپدىكىلەر مەسلەن : GARMIN 45cبولسا 8 قاناللىق، بىر ۋاقىتتا 3 سۇنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ. چىقىرىدىغان ئۇچۇرى ئىككى ئۆلچەملىك ئۇچۇر. پەقەت ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى بار. ئېگىزلىكى يوق. ئەگەر 4 تىن يۇقرى سۇنئىي ھەمراھ ئۈچۈرىنى قوبۇل قىلسا 3 ئۆلچەملىك ئۇچۇر چىقىرىدۇ. يەنە دېڭىز يۇزى ئېگىزلىگىنىمۇ تەمىنلەيدۇ. بىراق جۇغراپىيەلىك ئامىل تۈپەيلى چىقىرىپ بەرگەن دېڭىز يۇزى ئېگىزلىكى ئانچە ئۆلچەملىك ئەمەس. ھازىر بەزى GPS قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئىچىگە بارومېتىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسلەن: etrex نىڭ SUMMIT ۋە VISTA . بۇ ئۈسكىنلەر ئىككى قانال بىلەن ئۇنۋىرسال دېڭىز يۇزى ئېگىزلىكىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئۆلچەملىك . 6 q1 W! s5 f+ I

GPS قوبۇللىغۇچنى تۇنجى قېتىم ئاچقان چاغدا ياكى ئالدىنقى قېتىم ئاچقان ئارلىقى بىلەن 800 كېلومېتىر ئېشىپ كەتسە قوبۇللىغۇچنى يېڭىدىن تەڭشەيمىز.

ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىغى[تەھرىرلەش]

/ ?1 x6 q5 U& [ x4 f بىز بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئورۇن بەلگىلەش ئىنىقلىغى SA ۋە AS نى كۆرسىتىدۇ.    0 K1 T' [( a0 P* x SA ۋە AS دېگەن نېمە؟ بۇنى باشتىش سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.  / l# j" n" D6 p0 t

{( K5 \) c
A% o. G% N

GPSنىڭ C/Aكودى ۋە P كودى دىن ئىبارەت ئىككى خىل سىگىنالى بولىدۇ .C/Aكودىنىڭ خاتالىق پەرقى 29.3m~2.93m بولدۇ. ئادەتتىكى قوبۇللىغۇچلار C/Aكودى ئارقىلىق ھېسابلايدۇ. ئامىركا 90 يىللاردا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىگىنى ئويلىشىپ SA سىگىنالىنى قوشتى. قوبۇللىغۇچنىڭ ئېنىقلىغى 100mدىن ئېشىپ كەتتى. 2000 يىلى 5 ئاينىڭ 2 كۈنى SA نى ئەمەلدىن قالدۇردى. بىز ئىشلىتىۋاتقان قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئېنىقلىغى 20m ئىچىدە. P كودىنىڭ ئېنىقلىغى 2.93m~0.293 غىچە. C/Aكودىنىڭ 10دەن 1رىغا تەڭ. بىراق p كودىنى ئامىركا ئارمىيىسى ئىشلىتىدۇ. AS بولسا P نىڭ ئۇستىگە كاشىلا سىگىنالى ئورناتقان.   قىسقىسى، ئامىركىمۇ ناھايتى ھارغانىدى. بىرپاتمان ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسنى كەشىپ قىلىپ، ئاخىرسىدا ئەرزىمىگۇدەك دەپ ھېس قىلىپ، پۇل تاپماقچى بولغان. خەلق ئىشلىرىغا سىگىنالنىڭ ئېنىقلىغى بەك يۇقرى بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. بىراق بەك تۆۋەن بولسا كۆپچىلىك تىللاۋاتقان. GPS سېستىمىسى ئامىركىنىڭ قولىدا بولغاچقا،گەرچە ھەقسىز دېگەن بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەر يەنىلا خاتىرجەم بولالمايدۇ.  : p3 p7 f7 N+ j: T+ ]2 G3 G / n; i5 _6 D! v) h4 }* d0 ` ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئامىركا شۇ رايوننىڭ GPS سىگىنالىغا ھىيلە ئىشلەتكەن، ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىغنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. شۇڭا ھەممىسى ئۆزىنىڭ GPSسېستمىسىنى كەشىپ قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئامىركىنىڭ تىزگىنلىشىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.   روسىيەنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېستمىسى- يەرشارى سۈنئى ھەمرا يولباشلاش سىستېمىسى (GLObal NAvigation Satellite System) بار. ياۋرۇپانىڭ ئورۇن بەلگىلەش - NAVSAT. جوڭگونىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېستمىسى بار. ئىسمى- چوڭ چۈمۈچ يۇلتۇزى (北斗). پەقەت ئۆز دۆلەت دائىرسى ۋە قوشنادۆلەتلىرىنىڭ ئورنىنى بېكىتىدۇ ۋە يەنە جوڭگو ئارمىيسى ئىشلىتىدۇ. GPS ئىشلىتىش بىلىملىرى GPSنى قولغا ئالغان ۋاقىتتا، ئەگەر يېڭى بولسا ئورۇن بەلگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزىبىر تەڭشەكلىرى بار. ئادەتتە كوردىنات سېستمىسى خەرىتىنى توغۇرلاش، پايدىلىنىش يۈنۈلىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ڧورماتى، ئۇزۇنلۇق بىرلىكى. كوردىنات سېستمىسى: LAN/TOP,UTM . lan/top ئىپادلىگىنى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك، UTM - ۋاقىت. خەرىتىنى توغۇرلاش: ئادەتتە WGS84. پايدىلىنىش يۈنۈلىشى: شۇ شىمالنى كۆرسىتىدۇ، شىمال قەيەردە؟ ئەمىلىيەتتە ئىككى شىمال بار. ماگىنىتلىق شىمال ۋە ھەقىقىي شىمال (CB ۋە ZBY) كومپاس كۆرسەتكەن بولسا ماگىنىتلىق شىمال. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى كۆرسەتكىنى بولسا ھەقىقىي شىمال. ئىككىسىنىڭ ئوخشىمىغان رايوندىكى بۇلۇڭ پەرقى ئوخشىمايدۇ. خەرىتىدىكى شىمال ھەقىقىي شىمال. مېتىر سېستىمىسى ۋە ئىنگىلىز سېستىمسى : مەن مېتىر سېستىمىسنى تاللىدىم. ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ڧورماتى : بۇيەرە تەپسىلىي سۆزلەي، GPS راس ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرلىرىنى باشقا ئەسۋابلارغا چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە چېتىلىدۇ. بارلىق ئىشلىتىۋاتقان GPS قوبۇللىغۇچلانىڭ ھەممسى بىردەك ئامىركا دېڭىز ئوكيان ئېلىكتىرون بىىرلەشمىسى (National Marine Electronics Association) بېكىتكەن ئاساسىي ئۆلچەمنى بىرلىك قىلىدۇ. بۇ ئۆلچەم دېڭىز ئوكياندا ئىشلىتىدىغان ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى ئۆزئارا ئۈچۇر ئالماشتۇرۇشتىكى ئۆلچىمى. بۇنىڭ ئىچىدە ماتىريال يەتكۇزۇش شەكلى شۇنداقلا ماتىريال يەتكۇزۇشتىكى ئالاقە كېلىشىمى. NMEA كېلىشىمىنىڭ 0180،0182ۋە 0183 قاتارلىق 3 خىلى بار. 0183 بولسا ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ ئقىتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن. ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە. 0183 نىڭ بىر نەچچە خىل نەشىرى بار، v1.5 ۋە v2.1 . شۇڭلاشقا، كۆپچىلىك خاتىرە كومپىيۇتىرغا GPS قوبۇللىغۇچ ئۇلىغان چاغدا ئورتاق ئىشلىتىدىغان GPS يولباشلاش سېستمىسنى ئىشلىتىش كېرەك، مەسلەن OZIEXPLORER ۋە GPSRECEIVER. شۇنداق بولغاچقا v2.0 NEMA دىن يۇقرى بولغان كېلىشمنى تاللىشىمىز كېرەك. NEMA بەلگىلىگەن ئالاقە سۇرئىتى 4800b/s. ھازىرقى بەزى قوبۇللىغۇچلار بۇنىڭدىنمۇ تېز سۇرئەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.بىراق بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. 4800بولسىلا كۇپايە.   GARMIN نىڭ ئۆزىنىڭ بىر mapsource دېتالى بار. باشقا ماركىدىكى GPS لانىڭ بۇنى ئىشلىتىۋلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس GARMIN كېلىشىمى لايھىلىگەن. پەقەت GARMIN قوبۇللىغۇچلارلا بۇنداق ئۇچۇرنى چىقىرالايدۇ. ھالبۇكى MAPSOURCE پەقەت GARMIN كېلىشمىنىلا قوبۇل قىلالايدۇ،بۇنداق بولغاندا MAPSOURCE نى GARMIN نىڭ ئەسۋاپلىرىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.   ئۈزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى   بىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئىپادىلىنىشنى دەپ باقايلى. ئادەتتىكى GPS قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكنى ئىپادىلىشى نەچچە خىل بولىدۇ 1.) ddd.ddddd 2.) ddd.mm.mmm 3.) ddd.mm.ss (بۇنىڭدىكىd-گىرادۇس، m- مىنۇت، s- سىكۇنت) ! U# M8 s* z3 [, `; t. X' i 4 u; R: \$ q! d @4 V بارلىق GPS قوبۇللىغۇچلار بۇنداق ئەمەس. 1 گىرادۇس قانچىلىك يىراقلىق بولىدۇ؟ LAN/TOP كوردىنات سېستمىسىدا كەڭلىك گىرادۇسى ئوتتۇرچە بۆلىنىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە 180 گىرادۇس، يەرشارىنىڭ دېئامىتىرى 12756 كېلومېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى *pi12765 بىر كەڭلىك گىرادۇسى 12756×PI /360 = 111.133 KM.   ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى ئوخشىمايدۇ. پەقەت كەڭلىك گىرادۇسى 0 بولغاندا. دېمەكچى بولغىنىم ئېكۋاتورنىڭ ئۇستىدە- بىر ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى ئارسىدىكى ئارلىق 111.319KM. مېردىئان سىزىقى ئارىسىدىكى ئارلىق كەڭلىك گىرادۇسىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ كىچىكلەيدۇ. جەنۇبى ۋە شىمالى قۇتۇپقا بارغاندا ئارلىق 0 بولىدۇ. مېردىئان 1گىرادۇس ئۇزۇنلۇق=111.413cosφ (ئىپادىمۇ ئانچە توغرا ئەمەس ، ئادەم ئالداشقا بولىدۇ). مىسال ئىشلەش : بېيجىڭنىڭ مېردىئان گىرادۇسى 119گىرادۇس، كەڭلىك گىرادۇسى 40گىرادۇس. ئورۇن مېردىئان گىرادۇسى ۋە ئورۇن كەڭلىك گىرادۇسى قانچە؟ جاۋاب: ئورۇن مېردىئان گىرادۇسى 111.133KM، ئورۇن كەڭلىك گىرادۇسى 111.413×COS 40 = 85.347KM  ' v: Z4 l1 F* y , @- f, x. ^) ~' |, x% y! U y بۇلارنى دېيىشتىكى مەقسەت مېردىئان گىرادۇسى ۋە كەڭلىك گىرادۇسىنى ئوڭاي چۇشىنىش ئۈچۈن. 1) ddd.ddddd ،بېيجىڭدا،بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز ؟   تەخمىننەن m 1.1 مېردىئان سانىغا 1نى قوشسىڭىز ؟ يەنە ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 0.85m 2) ddd.mm.mmm، بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 1.85m مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ 1.42m 3)ddd.mm.ss بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچىلىك ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 30.9m مېردىئان سانىغا 1خانە قوشىلسا سىز نەچچىلىق ماڭدىڭىز؟ تەخمىنەن 23.7m .

GPS توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

GPS – يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى Global Position System دېگەن نېمە؟ GPS ئاتالغۇسى ۋە ئۇقۇمى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ GPS كە بولغان قىزىقىشىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. GPS نىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدىكى قوللىنىلىشىدىن تارتىپ نەچچە يۈز سوملۇق ئەقلىفونلارغىچە كېڭىيىشى، بىزنىڭ بۇ يۇقىرى ھازىرقى زامان تېخنىكىسىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ باردى، تۆۋەندە «GPS دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئال ھەققىدە توختىلىمىز.

GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيەلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەيدىغان سىستېما. GPS يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.

بوشلۇقتىكى قىسىمى_ GPS سۈنئىي ھەمراھى يەر يۈزىدىكى قسىمى_ يەر يۈزىدىكى كونترول سىستېمىسى ئابونتلار ئۈسكۈنە قىسمى_ GPS سىگنال قوبۇللىغۇچى

GPSنىڭ بوشلۇقتىكى قىسمى 24 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىپ تاپقان. ئۇ يەر يۈزىدىن 20مىڭ 200كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا بولۇپ، ئالتە ئوربىتا تەكشىلىكىگە ئايرىلىدۇ، ھەربىر ئوربىتا تەكشىلىكىدە تۆت سۈنئىي ھەمراھ بولۇپ، ئېكۋاتور تەكشىلىكى بىلەن °55 بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە تۆت زاپاس سۈنئىي ھەمراھ بار. بۇ خىل ھالەتتە يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ پۇچقىقى بىرلا ۋاقىتتا تۆت سۈنئىي ھەمراھنى كۆرەلەيدۇ. تۆت سۈنئىي ھەمراھتىن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇن بەلگىلىگەندە ئېنىقلىق دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. GPS سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىككى خىل كودى بار، بىرى C/ Aكودى ( Coarse/ Acquisition Code11023MHz) ، يەنە بىرى P كودى (Procise Code 10123MHz). بۇنىڭ ئىچىدە P كودىنىڭ چاستوتىسى ، ئېنىقلىق دەرىجىسى يوقىرىراق بولۇپ،ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. C/ A كودى ئەل ئىچىدە ئورتاق ئىشلىتىشكە قويىۋېتىلگەن، لېكىن بۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن.

GPS نىڭ يەر يۈزىدە بىر ئاساسىي كونترول قىلىش مەركىزى (ئامېرىكا كولورادو شىتاتى باھار شەھىرىدە)، بەش ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزى، ئۈچ يەر يۈزى كونترول مەركىزى بار. سۈنئىي ھەمراھ ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي كونترول قىلىش مەركىزىگە يوللاپ بېرىدۇ. ئاساسىي كونترول قىلىش مەركىزى ھەرقايسى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركەزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ، سۇنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتاسىنى ۋە ۋاقىت پارامېتىرىنى ھېسابلاپ، بۇنى قالغان ئۈچ يەر يۈزى كونترول قىلىش مەركىزىگە يوللاپ بېرىدۇ. يەر يۈزى كونترول قىلىش مەركەزلىرى بۇ ئورۇن بەلگىلەش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە بۇيرۇقلارنى سۈنئىي ھەمراھقا كىرگۈزىدۇ. بۇ خىل كىرگۈزۈشنى ھەربىر GPS سۈنئىي ھەمراھى كۈندە بىر قېتىم ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر يەر يۈزىدىكى مەركەزدە چاتاق كۆرۈلسە، سۈنئىي ھەمراھتىكى ئورۇن بەلگىلەش مەلۇماتلىرىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنرەك.

ئابۇنتلار ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنە GPS سىگنالى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى دېيىلىدۇ. ئاساسلىق ئىقتىدارى ئۆلچەشنى كۈتۈپ تۇرغان سۈنئىي ھەمراھنى تېپىش ھەمدە سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەركىتىنى ئىز قوغلاش. قوبۇللىغۇچ ئىز قوغلاپ تۇتقان سۈنئىي ھەمراھنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، قوبۇل قىلىش ئانتېنناسى بىلەن سۈنئىي ھەمراھقىچە بولغان نىسپىي ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ھېسابلاپ، سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتاسىنىڭ پارامېتىرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى دىمودۇلياتسىيەلەيدۇ ( تەقلىدى سىگنالنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ ھېسابلاش ماشىنىسىغا يوللاشنى كۆرسىتىدۇ). قوبۇللىغۇچتىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ئورۇن بەلگىلەش ھېسابى ئېلىپ، ئابونت تۇرغان ئورۇننىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى يەنى مېردىئان، كەڭلىكلىرى، ئېگىزلىكى، سۈرئىتى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ھېسابلاپ چىقىرىدۇ. قوبۇللىغۇچ قاتتىق دېتال قىسمى، يۇمشاق دېتال قىسمى ۋە GPS سانلىق مەلۇماتىنى بىرتەرەپ قىلغۇچى يۇمشاق دېتال بوغچىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ. قۇرۇلما جەھەتتىن ئانتېننا بۆلىكى ۋە قوبۇللىغۇچ بۆلەكتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلىنىدۇ.

GPS ھاۋارايىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق، قاپلىنىشى يوقىرى (پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلايدۇ)، ئېنىقلىق دەرىجىسى يوقىرى، سۈرئىتى تېز، ئۈنۈمى يوقىرى، ئىشلىتىلىشى كەڭرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.


GPS ئاساسىي ئىشلىتىلىش دائىرىسى:[تەھرىرلەش]

قۇرۇقلۇقتىكى ئىشلىتىلىشى- ئاپتۇموبىللارنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش، جىددىي ئەھۋاللار، ئاتموسفېرانى فىزىكىلىق كۆزىتىش، يەرشارى بايلىقلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئۆلچەش، شەكىل ئۆزگىرىشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، يەر پوستى ھەركىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانلاش قاتارلىقلار.

دېڭىزدىكى ئىشلىتىلىشى_ يىراق مۇساپىلىك پاراخوتلارنىڭ ئورنىنى تېپىش، يول باشلاش، دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش، دېڭىز-ئوكياندا بايلىق ئىزدەش، گىدرو-گىئولوگىيەلىك ئۆلچەش، دېڭىز يۈزى تەكشىلىكىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. ئاۋىئاتسىيەدىكى ئىشلىتىلىشى_ ئايرۇپىلانلارغا يول باشلاش، يىراقتىن كونترول قىلىش، تۆۋەن ئوربىتالىق سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئوربىتاسىنى بەلگىلەش، باشقۇرۇلدىغان بومبىنى كونترول قىلىش، ئاۋىئاتىسيەدىكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى، ئادەم چۈشكەن ئالەم كېمىلىرىنى قوغداش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.

ھازىر ئامېرىكىنىڭ GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىغا يۆلىنىش ھالىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، روسىيەنىڭ «GLONASS »، ياۋروپانىڭ« گالىلىي»، جۇڭگونىڭ «يەتتە تىكەن » دەپ ئاتىلىدىغان يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىشقا باشلىدى. ياۋروپا 1999-يىلى «گالىلىي» پىلانىنى باشلىدى. بۇ جەمئىي 30دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، ئەل ئىچىدە ئىشلىتىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن (GPSنىڭ 10مېتىر ئەتراپىدا). 2005-يىلى 12-ئاينىڭ28-كۈنى تۇنجى سىناق سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى.

روسىيە بۇ ساھەدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن تارتىپلا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، 1993-يىلدىن تارتىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. بىراق بۇ ئاساسەن ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلدى. بۇ 24 سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىپ تاپقان. روسىيەنىڭ GLONASS سىستېمىسى ئامېرىكىنىڭ GPS سىستېمىسىغا ئوخشىمايدىغان ئوربىتا ۋە چاستوتىلارنى ئىشلەتكەن. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن روسىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان ، روسىيە بۇ جەھەتكە ئانچە ئېتىبار بېرەلمىدى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، روسىيە GLONASS سىستېمىسىنى يېڭىلاش پىلانىنى باشلىدى، 2010-يىلغىچە سۈنئىي ھەمراھلار ئاساسىي جەھەتتىن تولۇقلىنىپ بولىنىدىكەن. روسىيە يەنە GLONASS سىستېمىسىنى ئەل ئىچىدە ئىشلىتىشكىمۇ يول قويىدىكەن. ئەل ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى 30 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن (GPSنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 مېتىر، گالىلىينىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 1 مېتىر) .

يوقىرىقى دۆلەتلەر ئوخشاش تۈردىكى سىستېمىلارنى يېڭىلاپ، ياساۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكىمۇ ئەسلىدە بار بولغان GPS سىستېمىسىنى يېڭىلاپ تېخمۇ ئىلغارلاشتۇرماقچى بولدى. بۇ جەمئىي 30 سۈنئىي ھەمراھ (تۆتى زاپاس) تىن تۈزۈلگەن. GPS چىققان ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ئامېرىكا ئەل ئىچىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 100 مېتىر ئەتراپىدا تەڭشىگەن ئىدى، 2000-يىلىغا كەلگەندە 10 مېتىرغا كۆتۈردى. گالىلىي پىلانىنىڭ ئىجرا بولىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ئېنىقلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۆتۈرىشى مۇمكىن. ئالدىنقى بەتكېيىنكى بەت 0