يەرشارى ھەققىدە

ئورنى Wikipedia

يەرشارىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئېغىرلىقى : 5.974×1024kg 

ئوتتۇرچە رادىئۇسى: 5515kg/m3

ھەجىمى: 1.083×1012km3

ئىكىۋاتۇر رادىئۇسى  :6378km

قۇتۇپ رادىئۇسى:6357km

يەر قاتلام بۆلۈنىشى:يەر مەركىزى ,مانتىل 、يەرپوستى

دېڭىز قۇرۇقلۇق نېسبىتى:قۇرۇقلۇق 29.2% ,دېڭىز 70.8%

يەرشارىنىڭ تارىخى[تەھرىرلەش]

يەرشارى4مىليارد600مىليون يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە. بۇ پۈتكۈل تەرەققىيات تارىخىغا نەزەرسالغىنىمىزدا،تەدرىجىىي ئۆزگىرىش ھامىنى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يەنە تەدرىجىي ئۆزگىرىشكە قايتقان .

پۈتكۈل يەرشارى پەقەت 90خىل ياكى 94خىل ئېلېمېنتنىڭ باشقۇرشىدا بولىدۇ. راديوئاكتىپلىقئىزوتوپنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى يەرشارى ئىچكى ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى .مىليارد ياشقا كىرگەن كائىناتقا نىسبەتەن ، ھازىر تېخى 4مىليارد600مىليون ياش يەرشارىنىڭ قىران مەزگىلى .

تارىخ بىر ئەينەك ،ئۇ قايتىلىنامدۇ ؟ تەبىئەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ كىشىنى چۆچۈتكىدەك ئوخشاشلىقى ۋە قايتىلىنىشى بار .گەرچە بەزى جانىلىقلار،مەسىلەن،دىنازاۋۇر قايتا پەيدا بولمىسىمۇ،لېكىن تەبىئىي ئاپەت،كىلىمات ئۆزگىرىشى دەۋر قىلىپ تۇرىدۇ . كۈچلۈك قۇياش بورىنى پىلانېتىلاردىكى ئاتموسمىفېرا بىلەن سۇنى ئېلىپ كېتەلەيدۇ،لىكىن يەرشارى ماگىنىت مەيدانى قۇياش بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىغانلىقتىن ،پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم سۇ ۋە ئاتموسفېرالا جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپقا قېچىپ كېتىپ ، ئىنتايىن چىرايلىق ،ئۆزگىرىشچان قۇتۇپ نۇرىنى شەكىللەندۈرگەن.

يەرشارىنىڭ سىرتقى قەۋىتى[تەھرىرلەش]

قۇرۇقلۇق يەر پوستى ھەم دېڭىز – ئوكيان يەر پوستى قەۋىتىگە بۆلۈنگەن . قۇرۇقلۇق يەر پوستىنىڭ ئوتتۇرچە قېلىنلىقى 30كىلومېتىر كېلىدۇ ، ئوكيان يەر پوستى بولسا تەخمىنەن 10 كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ . يەرپوستىنىڭ

ئاستى


قىسمىدىن 2900كىلومېتىر چوڭقۇرلۇققىچە بولغان دائىرە مانتل قەۋىتىدۇر .

ئامېرىكا بىلەن ئاۋىسترالىيە گېئولوگلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىدىكى جاك تېغىدىن ئازراق زىركون تېپىۋالغان ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4مىليارد 400 مىليون يىل ئاۋۋال پەيدا بولغانلىقى ئېنىقلانغان . زىركون ئاسان ئېرىمەيدۇ،

قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقۇرى ،كىرستاللاشسىلا ئاسان يوقالمايدۇ ،يەر پوستى دەۋرىنى ئېنىقلاشتىكى ياخشى ئۈلگە .

يەرشارى <<ئۆسمۈرلۈك >>چېغىدا دائىم تاياق يەپ تۇرغان . ھەرقېتىملىق چوڭ يوقىلىش ئەمەلىيەتتە بەزىبىر ئاجىز جانلىقلار توپىغا تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىش پۇسىتى يارتىپ بەرگەن .

مۇبادا يەرشارىنىڭ تارىخىنى24سائەت دەپ قارىساق ، ئۇنداقتا ھايۋانلار ئەڭ ئاخىزقى 6 سائەتتە پەيدا بولغان ،قۇرۇقلۇقتىكى ھايۋانلار ئەڭ كەينىدىكى 2 سائەتتە پەيدا بولغان ، ئۆمۈلگۈچى ھايۋانلار پەيدا بولغىنى يېرىم سائەت بولغان ،ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى پەيدا بولغىلى نەچچە مىنۇت بولغان بولشى مۇمكىن . 1884-يىلى 10- ئايدا ئېچىلغان خەلقئارالىق مېرىدىيان سىزىقى يىغىنىدا ، ئۆلچەملىك ۋاقىت رايونى بىكىتىلگەن .

ەرشارىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى[تەھرىرلەش]

يەرشارى ئىچكى قۇرۇلمىسى خام تۇخۇمغا  ئوخشايدۇ . يەرتەۋرەشتىن ھاسىل بولغان دولقۇندىن پايدىلىنىپ يەرشارىنىڭ ئىچكى قىسىم تۈزۈلىشىنى تەسۋېرلەپ بەرگىلى بولىدۇ . تەبئىىي يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان ئېنىېرگىيە غايەت زور بولۇپ ، نەچچە ئون مىنۇتتىلا يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىگە بارالايدۇ .  

يەرتەۋرەش دولقۇنىنىڭ سۈرئىتى ئۇ ئۆتكەن ۋاستىچى جىسىمنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .يەر تەۋرەش دولقۇنى تىك دولقۇن ۋە توغرا دولقۇن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ ، تىك دولقۇن (پ دولقۇن)قاتتىق جىسىم ۋە سۇيۇق جىسىم ئارسىداتارقىلالايدۇ ،لىكىن توغرا دولقۇن (ئېس دولقۇن )سۇيۇق جىسىملاردا تارقىلالمايدۇ .تەۋرەش دولقۇنىدا قايتما دولقۇن ۋە سۇنغان دولقۇن پەيدا بولىدۇ .  يەر ئاستىدىكى ئوخشىمىغان چوڭقۇرلۇقتىكى تەۋرەش دولقۇنىنىڭ تېزلىكىنى ھىسابلاپ چىقىش ئارقىلىق ،يەرشارىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدۇ . 1970-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە مىنىستىرلىقى كولا يېرىم ئارىلى قاتالىق جايلاردا بۇرغۇلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ ئەڭ چوڭقۇر بۇرغىلانغان قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12261 مېتىرغا يەتكەن .شىۋېتسارىيەدەئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي بۇرغىلاشتا ،جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش چوڭقۇرلۇقى 4200 مېتىرغا يەتكەن ، تېمپېراتۇرىسى℃110 بولغان . بۇيۇقىرى تېمپېراتۇرغا چىداملىق ئانايروبىك جانلىقلار يەرشارى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە پەيدا بولغان بولشى مۇمكىن .