يەر ئۈستى ماھارىتى

ئورنى Wikipedia

موللاق ئېتىش: يەرنى تۇتماي موللاق ئېتىش، يەرنى تۇتۇپ موللاق ئېتىش، تەپكە تاختىدا ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. (2) جەڭۋازلىق: يەكمۇ يەك ئېلىشىپ كۆرسىتىدىغان بىر خىل ماھارەت بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، باتۇر ئوغلان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. جەڭۋازلىقتا ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ قول، پۇت، باش قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان چامباشچىلىق دەپمۇ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەر ئۈستى ماھارىتىدە جەڭۋازلىق مۇھىم ھەرىكەت تۈرى بولغان، جەڭۋازلىقتا يەنە ئۈچ ئاچىلىق ياغاچ دەستىلەنگەن تەلىۋەر ئارقىلىق ماھارەت كۆرسىتىلىدۇ. تەلىۋەردە ئىككى قولداپىرقىرىتىش، بويۇن، دۈمبە قاتارلىق ئەزالار ماھارەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ. (3) قىلىچۋازلىق: رقىبى بىلەن قىلىچۋازلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىدە ئاساسىي ماھارەت ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ھەر خىل چېپىش، سانجىش، قىلىچ مۇداپىئەسى قاتارلىق ھەرىكەتلەر كۆرسىتىلىدۇ. (4) تاش چېقىش: يەل گۇمپىسىنى نامايان قىلىدىغان ماھارەت بولۇپ، بۇ ماھارەتكە ئىگە بولغان كىشى تاشنى مەيدىسىگە قويۇپ بازغان بىلەن ئۇرۇپ چاقىدۇ. (5) پىچاقۋازلىق: بە دانە پىچاقنى بەلگىلەنگەن نىشانغا قارىتىپ ئاتىدۇ. پىچاق ئېتىش جەھەتتىكى تەلەپ: بەش دانە پىچاق باشنىڭ يۇقىرى، يان، قۇلاقنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن تەرەپلىرىگە قادىلىشى شەرت قىلىنىدۇ. (6) توپبازلىق: دىئامېتىرى بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان، ياغاچتىن قىرىپ ياسالغان تۆت دانە ياغاچ پومزەكنى ئاسمانغا ئېتىپ يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇش. (7) غىڭ - غىڭ ئوينىتىش: 80 سانتىمېتىرلىق ئىنچىكىرەك كەلگەن ئىككى دانە تاياقنى چوكا بىلەن بوشلۇقتا چۆرۈپ يەرگە چۈشۈرمەي پىرقىرىتىش. (8) ئاتەشۋازلىق: ئاتەش ماھىرى بىر چىنىگە ئىسى تۈگىگەن چوغنى ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىپ چايناش بىلەن بىللە ئاغزىدىكى چوغنى سىرتقا پۈركۈيدۇ. پۈركۈش جەريانىدا پەيدا بولغان ئوت يالقۇنى ئېغىزنىڭ سىرتىدا يورۇق چىقىرىدۇ. (9) چىنە ئويناش: بىر مېتىرلىق ئىنچىكە ئۈچ تال تاياقنى بىر - بىرىگە تىرەپ، ئاندىن ئۈستىگە تۆت دانە چىنە قويۇلىدۇ. چىنە تاياقنىڭ ئۇچىغا كىيدۈرۈلۈپ ئوينىتىلىدۇ. (10) كۆز باغلاش: ھەر خىل نەرسىلەر كۆز باغلاش ئارقىلىق يوق قىلىنىدۇ. (11) سەنئەتكارلىق: دارۋازلىق ھەرىكىتى ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، دارۋازلىق ھەرىكىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشتا، ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات - سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا، مۇزىكا بايلىقىنى ساقلاپ قېلىشتا ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. دارۋازلار <12 مۇقام> مۇزىكىلىرىنى چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلاپ، دارۋازلارنىڭ نەپىس ماھارىتىگە تەڭكەش قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دارۋازلىق ھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. دارۋازلار خېلى بۇرۇنلا دارۋازلىق ھەرىكىتى بىلەن مۇزىكىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلغان ۋە دارۋازلىق ھەرىكىتىگە تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا رىتىمى ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان. يېقىنقى دەۋرلەردىن بۇيان، دارۋازلىق مۇزىكىسى تۆت خىل ئاھاڭدىن تەشكىل تاپقان. دارۋازلىق مۇزىكىسى دارۋازنىڭ مەيدانغا كىرىپ دارغا چىقىشتىن دار ئۈستىدىكى ئۈچ پەللىدىن ئۆتۈپ چىغرىق ھەرىكىتىنى تاماملاشقا قەدەر ئورۇنلىنىدۇ. ئۇ ھەر قايسى دار پەللىسى، چىغرىق ھەرىكىتى قاتارلىق ئەمەلىي ماھارەتلىرىنى ئېلىپ بارغاندا، ھەرىكەت ئۆزگىرىشى بويىچە ئورۇنلىنىدۇ[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]