يەكەن ئازنە مەسچىتى

ئورنى Wikipedia

بۇ مەسچىت يەكەن ناھىيسى بازارلىق ھۆكۈمەت چاسا 4 - ئاھاللەر كومىتېتى 8 - مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1231 مېتىر ، كۆلىمى 1420 كۋادىرات مېتىر .

شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت تۆمۈر غوجا كۆل ئاھالە كومىتېتى دائىرىسىدە ئازنا مەسچىت دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ئۇسلۇبدىكى بىر مەسچىت بار. مەن بۇ مەسچىتكە ئىككى قېتىم بېرىپ، ئۇنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى كۆزەتكەن ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغان ئىدىم.

بۇ مەسچىت مىلادىيە 1460-يىلى ئەتراپىدا شەرقى چاغاتاي خاندانلىقى دەۋرىدىكى يەكەن ھۆكۈمدارى ئابابەكرى مىرزا شاھ دەۋرىدە سېلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 550 يىلدەك تارىخقا ئىگە. ھازىر بۇ مەسچىت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى بولۇپ، يەكەن ناھىيىسىدىكى تارىخى ئۇزاق قەدىمكى مەسچىتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىتتە 7000 دەك مۇسۇلمان بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئۆتىيەلەيدۇ.

بۇ مەسچىتنىڭ ئىككى چوڭ ئۆزگىچىلىكى بار. بۇ مەسچىتنىڭ بىرىنچى ئۆزگىچىلىكى شۇكى، مەسچىتنىڭ ئۈستىدە 52 گۈمبەز بار. مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېگىز ئىككى مۇنار بار. دەرۋازىدىن كىرىش بىلەنلا، مەسچىت ئۈستىدىكى نۇرغۇن گۈمبەزلەر كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. مەسچىت ئۈستىنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي ئىككى تەرىپىدە دىئامېتىرى 2.5 مېتىر، ئېگىزلىكى 5.5 مېتىر، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولغان 9 رەت 51 گۈمبەز قۇرۇلمىسى بار بولۇپ، ئۇ دەل غەربىي تەرەپتىكى دىئامېتىرى 6 مېتىر، ئېگىزلىكى 13 مېتىر كېلىدىغان چوڭ گۈمبەز بىلەن تۇتۇشۇپ، ھەيۋەتلىك 52 گۈمبەزلىك مەسچىت ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مەسچىت ئوتتۇرىسىدا پېشايۋانلىق 300 كۋادرات مېتىرلىق سەينا بار.

چاسا شەكىلدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ ، دىئامېتىرى 2.6 مېتىر ، ئېگىزلىكى 5.5 مېتىردىن كېلىدىغان 52 دانە كىچىك گۈمبەزى دىئامېتىرى 7.9 مېتىر ، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كىلىدىغان چوڭ گۈمبەزدىن تەركىب تاپقان . گۈمبەزلەرنىڭ ئىچى گەج بىلەن سۇۋالغان. مەسچىتنىڭ چوڭ دەرۋازا راۋىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى كىچىك راۋاق مۇنارى بار . مەسچىتنىڭ ئىچىدە جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ياغاچ تۈۋرۈكلۈك كاھىۋان بار . مەسچىتنى تەشكىل قىلغان ئاساسىي قۇرۇلمىلار ، يەنى گۈمبەز ۋە گۈمبەزلەرنى تىرەپ تۇرغان تۈۋرۈكلەر ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت ئالاھىدە تېخنىكىلىق ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاچقا ، قۇرۇلۇش تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈلگەن . مەسچىت مىلادىيە 1679- 1808 - يىللىرى ، ئىلگىرى - ئاخىر ئىككى قېتىم رېمونت قىلىنغان . بۇ مەسچىت ئاپتونۇم رايون خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1999 - يىلى «ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلق قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان.

مەسچىت ئۈستىدە تۇتاشتۇرۇلۇپ ياسالغان گۈمبەزلەرنىڭ تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدە بولۇشى، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنىڭ ستېرېئومېتىرىك ۋە ئېللىپس شەكىلدە بولۇشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مېمارچىلىق تېخنىكىسى ۋە ھۈنەر-سەنئىتنىڭ يۈكسەك سەۋىيىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن. بۇ مەسچىت ئازنا مەسچىت(يەنى جۈمە مەسچىتى) دەپ ئاتىلىشتىن سىرت، مەسچىت ئۈستىدە 52 گۈمبەز بولغانلىقى ئۈچۈن ”52 گۈمبەز“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىشىلەر تۆۋەندە تۇرۇپ مەسچىت ئۈستىدىكى گۈمبەزلەرنى سانىغاندا، ئادەتتە 40 گۈمبەزنىلا سانىيالايدىغانلىقى(يەنى قالغان 12 گۈمبەزنى كۆرەلمەيدىغانلىقى) ئۈچۈن، بۇ مەسچىت ”40 گۈمبەز“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ مەسچىت ئۈستىدىكى 52 گۈمبەز ھىجرىيە تەقۋىمىدا كېلىدىغان بىر يىلدىكى 50 جۈمە نامىزى ۋە ئىككى ھېيت نامىزى(يەنى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزى)دىن ئىبارەت جەمئىي 52 مۇبارەك ناماز ئوقۇلىدىغان 52 مۇبارەك كۈننىڭ سىمۋولى ئىكەن. بۇنداق 52 گۈمبەزلىك مەسچىت پۈتۈن شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەسچىتلەر تارىخىدا ۋە ھازىرقى رېئاللىقتا بىردىنبىر مەسچىت ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسچىتلەر تارىخىدىكى ۋە ھازىرقى رېئاللىقتىمۇ كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.

بۇ مەسچىتنىڭ ئىككىنچى بىر ئۆزگىچىلىكى شۇكى، پۈتكۈل مەسچىت قۇرۇلمىسىدا بىر تالمۇ ياغاچ ماتېرىيال ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، مەسچىت ۋە گۈمبەزلەر پۈتۈنلەي پىششىق خىش بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ قوپۇرۇلغان. ئايۋان ئۆتۈشمىلىرى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان. مەسچىتنىڭ دەرۋازا راۋىقى، ناماز خانىقاسى ۋە ئوڭ، سول تەرەپتىكى خانىقالىرى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلغان. بۇ مەسچىتنىڭ دەرۋازىسىدىن سىرت، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىشىك، دېرىزە قويۇلمىغان، مەسچىت ئىچىدىكى ئايلانما ئۆتۈشمىلەر ئىشىك-دېرىزە رولىنى ئوينىغان. شۇڭا، شامال ئۆتۈشۈش، يورۇقلۇق چۈشۈش ئىشلىرى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان، يەنە كېلىپ پۈتكۈل مەسچىت ئىچى قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

بۇ مەسچىت سەيناسىدا بىر قۇدۇق بار. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تولغاش دەرىخى، سېدە دەرىخى قاتارلىقلار بولۇپ، مەسچىتنىڭ مۇھىتى ناھايىتى تىنچ. بولۇپمۇ مەسچىت سەيناسىدا 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىككى تۈپ قەدىمىي تولغاش دەرىخى ۋە بىر تۈپ سېدە دەرىخى بار.

بۇ مەسچىتنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا، ئۇنىڭ تارمىقىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتى—”خانلىق مەدرىسە“دەپ ئاتالغان بىر مەدرىسە ۋە تالىپلار ياتاقلىرى بولغان، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەدرىسىدە نۇرغۇن ئىختىساسلىق خادىملار يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتىدىن بۇ مەدرىسىدە ھازىر قىلچە ئەسەر قالمىغان.

مەزكۇر مەسچىت تارىختا 1679-يىلى بىر قېتىم، 1908-يىلى بىر قېتىم بىرقەدەر چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىنغان، 1984-يىلىمۇ بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان.

بۇ مەسچىتنىڭ تارىخى ئۇزاق بولغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇزاق يىللار رېمونتسىز قالغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئۇنىڭ گۈمبەزلىرى ۋە بەزى ئاساسلىق تاملىرىغا خېلى دەرىجىدە دەز كەتكەن، ئەمما پۈتۈن مەسچىتنىڭ ئەسلى قۇرۇلمىسىنىڭ ياسىلىشى مۇۋاپىق بولغانلىقى، قۇرۇلمىسى پۇختا ياسالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ھازىرغىچە ياخشى ساقلىنىپ قالغان.

مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە مېمارچىلىق شەكلى مەملىكىتىمىزنىڭ مەسچىت مېمارچىلىقىدە ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ مەسچىتنىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشىدىكى ئالاھىدىلىكى ۋە دەبدەبىلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارىخىي ئورنى سەۋەبىدىن، يەكەنلىك مۇسۇلمانلار ھازىرغا قەدەر بۇ مەسچىتنى يەنە ”ئۇلۇغ مەسچىت“ دەپمۇ ئاتاپ كەلمەكتە.

مەنبە[تەھرىرلەش]

شەمشىدىن ھاجى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2008-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.