يەكەن جامە مەسچىتى

ئورنى Wikipedia

بۇ مەشھۇر مەسچىت . ئورنى يەكەن شەھەر ئىچىنىڭ مەركىزىدە . كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ ، بىناكارلىق سەنئىتى ئالاھىدە بولغان قەدىمىي مەسچىت . بۇ مەسچىت يەكەن خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللاخان زامانىسىدا سېلىنغان . 1734 - يىلى چوڭ رېمونت قىلىنغان . 1870 - يىلى ئىېككىنچى قېتىم كېڭەيتىلگەن ، كېيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم رېمونت قىلىنغان . جامە مەسچىتى ياغاچ سالاسۇن ۋە قىزىل خىشتىن قوپۇرۇلغان تام بىلەن ئىچكى - تاشقى ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ . ئالدىنقى قىسمى مەدرىسە ، كەينى قىسمى مەسچىت ، ئىككى تەرىپىدە مېۋىلىك باغ ۋە ۋەخىپە يەر بار بولۇپ ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 20 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن كۆپرەك . دەرۋازا راۋىقىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۆز ئارا سىممىترىك قىلىپ سېلىنغان ئىككى مەنزىرە مۇنارى قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ . دەرۋازىنىڭ ئۈستىدە ئېگىز ۋە ئۇچلۇق قۇببە بولۇپ ، قۇببىنىڭ ئىككى يېنىدا بىر قاتار تەكچىلەر ، ئۇنىڭ ئۈستىدە گەج بىلەن نەقىش چىقىرىلغان روجەكلەر بار . تورۇسلىرى كاتەكچىلەر بىلەن بېزەلگەن . مەدرىسە قاتار سېلىنغان 40 نەچچە ھۇجرىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئوتتۇرسىدا چۆرىسىگە دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان كۆلچەك بار . مەسچىتنىڭ نامازخانىسى ئىچكى - تاشقى ئىككىگە بۆلىنىدۇ ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ ، تۇرۇسى لىم ياغاچلار بىلەن زىچ قويۇلۇپ يېپىلغان . ئىچكى نامازخانا تۈۋرۈكلۈك بولۇپ ، غەربىي تېمىدا مېھرابسىمان تەكچىلەر بار ، ئىشىك رامكىللىرى ھەر خىل نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ، ئۈستىگە خىلمۇ - خىل كاتەكچىلەر چىقىرىلغان روجەكلەر ئورنىتىلغان . تاشقى نامازخانا كەڭ - ئازادە دەھلىزدىن ئىبارەت بولۇپ ، دەھلىزنىڭ ئالدىغا بىر قاتار نەقىشلىك تۈۋرۈكچىلەر ئورنىتىلغان ، ھەر بىر تۈۋرۈكچىنىڭ شەكلى ۋە نەقىشى ئوخشىمايدىغان بولۇپ ، ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . تورۇسنى 136 تال تۈۋرۈك كۆتىرىپ تۇرىدۇ ، ئىچكىرىلىكى بەش ھۇجرا ، ئالدى كەڭلىكى 18 ھۇجرا بولۇپ ، جەمئىي 90 ھۇجرا بار . 26 ھۇجرىنىڭ تورۇسى لىم ياغاچلار زىچ قويۇلۇپ يېپىلغان . 28 ھۇجرىنىڭ تورۇسى كاتەكچىلەر بىلەن نەقىشلەنگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە 20 ھۇجرىنىڭ تورۇسى ۋاسا جۈپ قىلىنىپ يېپىلغان . ۋاسا جۈپ قىلىنغان تورۇسلار گەج بىلەن ئاقارتىلىپ ، ھەر خىل نەقىش ۋە رەڭلىك مەسچىتلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيتىنى مۇجەسسەم ھالەتتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .