يەھيا ئابلىكىم

ئورنى Wikipedia

يەھيا ئابلىكىم (يېڭى يېزىق: Yehya Ablikim؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 耶和亚·阿布力克木) قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، دادىسى ئابلىكىم ترېنېرنىڭ بىر قوللۇق يېتەكلىشى بىلەن ياراملىق تەربىيىلىنىپ، كېيىن سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىگە كىرىپ تەربىيەلەنگەن، شىنجاڭ كوماندىسىدا شىنجاڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ئاندىن كەسپىي ھاياتىنى باشلاپ شېنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسىغا قوشۇلغان. ئارقىدىن تەڭرىتاغ يىلپىزىغا كېلىپ داۋاملىق شىنجاڭ ئۈچۈن شان-شەرەپ قۇچۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تالانتلىق پۇتبولچى.

يەھيا ئابلىكىم
شەخسىي ئۇچۇرلار
تولۇق ئىسمى يەھيا ئابلىكىم
تۇغۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 10-ئۆكتەبىر (31 ياش)
تۇغۇلغان جاي جۇڭگو، شىنجاڭ، قەشقەر
ئېگىزلىكى 1.75 مىتىر
ئويناش ئورنى (لار) ئوتتۇرا مەيدان
كۇلۇب ئۇچۇرى
ھازىرقى كوماندا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى
نۇمۇرى 9
ياشلار كەسپى
شىنجاڭ ياشلىرى
ياشانغانلار كەسپى *
يىللار كوماندا مەيدانغان چىقىش سانى كىرگەن توپى
2006–2008 شىنجاڭ تەنيەربىيە لاتاريەسى ؟ (?)
2010 لياۋنىڭ يولۋاس ؟ (?)
2011–2013 شېنجېن رۇبى 38 (2)
2014– شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى 58 (0)
* پېشقەدەم كۇلۇبلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى

ۋە نىشانى پەقەت دۆلەت ئىچى

بىرلەشمىسىدىلا ھېسابلىنىدۇ ، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 3-

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

يەھيا ئابلىكىم 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 7-ئوتتۇرا مەكتە، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى شۆبە ئوتتۇر مەكتىپىدە ئوقۇغان، دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا پۇتبولغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان، 2004-يىلىنىڭ ئاخىردا شىنجاڭ كوماندىسىغا يۆتكەلگەن شۇنداقلا 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 57 يىللىق تارىخنى بۇزۇپ 12-لىككە ئىرىشكەن، 2006-يىلىدىن 2008-يىلغىچە شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىدا توپ ئوينىغان، 2008-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2010-يىلى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، 2010-يىلى لياۋنىڭ دوڭبېيخۇ كوماندىسىغا بېرىپ تۆت ئاي بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 2011-يىلى شېنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسىغا تاللىنىپ، بىر يىل دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 2012-2013 يىلغىچە مەملىكەتلىك ئا دەرىجلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 2014-يىلى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزىغا قرتىلغان. بۇ يىل يىل بېشىدا ئىنىسى مەردان ئابلىكىممۇ يىلپىزلارغا قوشۇلۇپ ئاكا-ئۇكا ئىككىسى شىنجاڭنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا تەييارلاندى.

ئىستاستىكا[تەھرىرلەش]

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوينىغان مۇسابىقىنىڭ ستاتىستىكىسى توغرا

كۇلۇب ئىپادىسى بىرلەشمە لوڭقا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قىتئەلەر ئومۇمىي
پەسىل كۇلۇب بىرلەشمە ئەپلەر نىشان ئەپلەر نىشان ئەپلەر نىشان ئەپلەر نىشان ئەپلەر نىشان
China PR بىرلەشمە FA لوڭقىسى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئاسىيا ئومۇمىي
2011 شېنجېن رۇبى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 22 1 1 0 - - 23 1
2012 جۇڭگو بىرلەشمىسى بىرىنچى 13 1 0 0 - - 13 1
2013 3 0 0 0 - - 3 0
2014 شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى 24 0 1 0 - - 25 0
2015 17 0 3 0 - - 20 0
2016 2 0 0 0 - - 2 0
2017 8 0 1 0 - - 9 0
2018 7 0 1 0 - - 8 0
كەسپى ئومۇمىي 96 2 7 0 0 0 0 0 103 2