يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار

ئورنى Wikipedia

بىلىمخۇمار 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

كىرىش سۆز[تەھرىرلەش]

بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋەقۇدرەت تېپىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇ مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش. مىللەت ساقلىنىپ قالمايدىكەن،ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا بىر مىللەت ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟. مەن ئاشۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ بېقىشنى ئويلىغىلى خېلە ئۇزۇن بولدى. باشقىلار بىلەن مۇشۇ تېما ئۈستىدەپاراڭلىشىش جەريانىدا، مەن بىر تونۇشۇمدىن «ھالال گۆش يەيدىغان مىللەتلەر يوقاپ كەتمەيدىكەن. مەن بىر ياۋروپالىق داڭلىق ئاپتورنىڭ كىتابىدا ئاشۇنداق مەزمۇننى كۆرگەن ئىدىم»، دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىم. ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ بىرىگە چاپلانغان بىرپارچە ماقالىدا «دېھقان نوپۇسىغا ئىگە مىللەتلەر يوقاپ كەتمەيدىكەن» دېگەنگەئوخشاش مەزمۇننىمۇ كۆردۇم. راست شۇنداقمۇ؟ بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار قايسىلا؟ يۇقىرىدىكى گەپلەر خېلە ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنسىمۇ،ئۇ سۆزلەر ھەرگىزمۇ بىر پۈتۈن ئىلمىي نەزىرىيىگە ۋەكىللىك قىلالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ئۇقۇملارنى تولۇق ئېنىقلاپ چىقىش قارارىغا كەلدىم.


مەن ئالدى بىلەن چەت ئەلدىكى ئىنگلىزچە گوئوگلە ۋە Amazon.com تور بەتلىرىگە كىرىپ، «بىر مىللەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىنلىشى» (ئىنگلىزچە The survival of a people)دېگەندەك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقتىم. لېكىن مەن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. مەن ئىزدىگەن مەزمۇنغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىر كىتابنىڭ ئىسمى «ساق قالغۇچىنىڭ كىشىلىك خاراكتېرلىرى» (Al Siebert, The survivor personality) بولۇپ، مەن ئۇنى توردىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سېتىۋېلىپ، كۆرۈپ باقتىم. ئەمما، بۇ كىتاب ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش ۋە سۇ ئاپىتىگە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراپ ساق قالغان كىشىلەر، ھەمدە ئائىلە پاجىئەلىرىگە يولۇققان كىشىلەرنىڭ ئاشۇنداق ۋەقەلەردىن كېيىنكى روھىي ھالىتى، ۋە ئاشۇنداق روھىي ھالەتتىن قۇتۇلۇش يوللىرى ئۈستىدە بولۇپ، ئۇنىڭدا مەن ئىستىگەن مەزمۇنلار يوق ئىكەن.


ئۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە«مىللىي گۈللىنىش» دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تورلارنى قايتىدىن ئىزدىدىم. نەتىجىدە ئىنگلىزچە «ئېتنىك گۈللىنىش» (Theethnic revival)، «مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مودېرنىزم (زامانىۋىلىق)» (Nationalism and modernism)،«مىللىي كىملىك» (Nationalidentity)، دېگەن كىتابلارنى تېپىپ،ئۇلارنىمۇ سېتىۋېلىپ ۋاراقلاپ چىقتىم. بۇئۈچ كىتابنىڭ ئاپتورى ئەنگلىيىدىكى لوندون ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئەنتونى سمىز (Anthony D. Smith) بولۇپ، بۇ ئاپتورنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك تەتقىقاتىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ساھەلەرنى بىرلەشتۈرگەن دۇنياغا داڭلىق مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى ئۇ كىتابلار قولۇمغا تەگكەندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم. بىراق، بۇ كىتابلاردا تەسۋىرلەنگىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قايتىدىن گۈللەنگەن، مۇستەقىل ياشايدىغان، گېرمانلىقلارغا ئوخشاش مىللەتلەر ھەققىدە بولۇپ، ئۇكىتابلاردىمۇ مەن ئىستىگەن مەزمۇنلار تېپىلمىدى.


مۇستەقىل ياشايدىغان بىر مىللەت بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغان بىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بىرمىللەت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشىغاندا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى، قىممەت قارىشى، قانۇنى، ئۆرۈپ-ئادىتى، ۋە ئىجتىمائىي شەكىللىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئۆزىنىڭ تىلى، دىنى، يېسە بولىدىغان يېمەكلىكلىرى، ۋە كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ساقلاپ قالالايدۇ، ۋە پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەندىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ. ياد مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى ئۆزى خالىغان دەرىجىدە ساقلاپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن بىمالال بەھرىمان بولۇپ ۋە ئۇنى ساقلاپ ماڭالايدۇ (بۇلار بىر تولۇق تىزىملىك ئەمەس).


بىزنىڭ بۇ يەردە بىلمەكچى بولغىنىمىز، مۇستەقىل ياشىمايدىغان بىر مىللەت ئۆزىنى ساقلاپ قالالىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللار قايسىلا، دېگەندىن ئىبارەت. كەلگۈسى ئۈچۈن قايسى يولنى تاللاشنى بىلەلمىگەندە، تارىخنى ۋاراقلاپ، بۇرۇنقىلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىدىن ئەقىل تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كىمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە تەجرىبىلىرى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ؟

ئىزدىگەن كىتابلارنى تاپالمىغاندىن كېيىن، مەن دىققىتىمنى تور بەتلىرىدىكى ئىنگلىزچە ماقالىلەرگەبۇرۇدۇم. ھەمدە بىر قىسىم قىممەتلىك ماتېرىياللارغا ئىگە بولدۇم. مەزكۇر ماقالىدا مەن بۇ قېتىم ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.


ئارقا كۆرۈنۈش[تەھرىرلەش]

مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بىر خىيالىي ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىمەن. بىر يۇمشاق ۋە پاكىز ئاق قۇم بىلەن تولغان دېڭىز قىرغىقىدا 100 ئادەم ئاپتاپ قاقلىنىدۇ. باشقا 20 ئادەم دېڭىز ئىچىدە سۇ ئۈزۈپ ئوينايدۇ. توساتتىن بىر چوڭ دولقۇن كېلىپ، سۇ ئۈزۈۋاتقان20 ئادەمنى سۇ ئاستىغا ئەكىرىپ كېتىدۇ. قىرغاقتىكىلەر ساق قالىدۇ، ئەلۋەتتە. سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلەر سۇ ئاستىدىن 30 مىنۇتقىچە چىقالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 20 ئادەمدىن 18 كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئاران ئىككىسى ساق قالىدۇ. (سىزچە ئۇيغۇرلار ھازىر يۇقىرىدىكى 3 گۇرۇپپا ئادەملەرنىڭ قايسى گۇرۇپپىسىغا ئوخشايدۇ؟) دۇنيادا ھازىرغىچە ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش شارائىتىغا ئىگە ئەمەس، يوقاپ كېتىشكە تېگىشلىك ئەھۋال ئاستىدا ياشاپ تۇرۇپ، ئۆزىنى 3000 يىلدىن ئارتۇق ساقلاپ قالالىغان بىرلا مىللەت بار. ئۇ بولسىمۇ يەھۇدىلاردىن ئىبارەت. يەھۇدىلار يۇقىرىدىكى ۋەقەدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىپ، سۇ ئاستىدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرۇپ، يەنە ھايات قالغان ھېلىقى ئىككى ئادەمگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىللەتلەردىن ھازىرغىچە يەھۇدىلاردىن باشقىسى ياشاپ باقمىغان. شۇڭلاشقا بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللار ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولغان ھەر قانداق بىر ئادەم، ئالدى بىلەن يەھۇدىلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇرى بولىدىكەن. مەنمۇ شۇنداق بولدۇم.


مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىپ باقمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدىغانلىقىمدىن ئەمەس. مەن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھازىرقى دەۋردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى خېلە بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن ئىدىم. ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەردار ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەردار ئەمەس ياشلارنىڭ ئىچىدە بولسا، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغانلارمۇ بارلىقىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىدىم (ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتلەر بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىدىغان بولغاچقا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللارنى چەكلەش ياكى ئۇلارنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن يېزىپ چىقىش جەھەتتە ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ). مەن كەلگۈسىدە ئىزدەنمەكچى بولغان تېمىلار ئىچىدە ئۇيغۇر تارىخىمۇ بار. مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنىم، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاساسەن ياكى ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر ماقالىنىمۇ ئاشۇنداق بىر ئىدىيە ئاساسىدا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەن تۆۋەندە بايان قىلىدىغان يەھۇدىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە خېلە چوڭ ياردەم قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى يەھۇدىلارنىڭ قىسقىچە تارىخىغا سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.


يەھۇدىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى[تەھرىرلەش]

يەھۇدىلارنىڭ تارىخىنى مۇنداق ئىككى چوڭ دەۋرگە بۆلۈش مۇمكىن. بىرىنچىسى، يەھۇدىلارنىڭ ئىككىنچى ئىبادەتخانىسى بۇزۇپ تاشلانغان مىلادىيىدىن كېيىنكى 70-يىللارغىچە بولغان ئالدىنقى 1000 يىللىق دەۋر. ئىككىنچىسى مىلادىيىدىن كېيىنكى70-يىللاردىن بۈگۈنگىچە بولغان 1940 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەۋر.

بىرىنچى دەۋرنىڭ 90 پىرسەنتىدە، يەھۇدى نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى توپلىشىپ ياشىغان، ھەمدە ھازىرقى ئىسرائىل زىمىنىدە ئۆزلىرىنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلىتىمۇ مەۋجۇت بولغان. بۇ دەۋرنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، بۇ دەۋردە يەھۇدىلار باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىغا ئوخشىمايدىغان يەھۇدى دىنىغا ئىگە بولغان. بۇ دەۋردىكى باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاقلىقى مۇنداق ئىككى نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىرى بىر خىل ئورتاق ئەھۋالنى، يەنى تۇغۇلۇش، ئۆلۈش، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، ۋە تولۇق چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ بولالمىغان تەبىئىي ھادىسىلەرگە بولغان بېقىندىلىق قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۇرگەن. يەنە بىرى بولسا، ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەتلەر بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يەنى، ئىدىيىلەر ئۆز-ئارا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن.

يەھۇدىلارنىڭ يۇقىرىقى بىرىنچى نۇقتىدا باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئورتاقلىقى بولغان. ئەمما، گەرچە ئۇلار ياشىغان ماكان ئۈچ چوڭ قىتئە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان جايدا بولسىمۇ، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردە يەھۇدى ئېتىقادى باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلەنگەن:


(1) تەبىئىي ھادىسىلەر بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، باشقا مەدەنىيەتلەر ئۇ ھادىسىلەر ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئىلاھ بەلگىلەپ قويغان. پەقەت يەھۇدى دىنى بولغان جۇدائىزملا «ئىلاھتىن پەقەت بىرسىلا بار» دەپ قارىغان.


(2) قەدىمقى ئەللەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىلاھى بار بولغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەر بىرى باشقىسىنىڭ ئىلاھىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان. بىر ئەل يەنە بىر ئەلنى ئۇرۇشتا يېڭىپ بېسىۋالغاندا، يېڭىلگەن ئەل «ئۇلارنىڭ خۇداسى بىزنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەن» دەپ قاراپ، يەڭگۈچى ئەلنىڭ خۇداسىنى ئەينەن قوبۇل قىلغان. ھەرگىزمۇ دىنىي ئۇرۇش بولمىغان. پەقەت جۇدائىزملا «خۇدا ئۇنىۋېرسال بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەقەت بىرسىلا بار، قالغانلىرى بولسا فانتازىيىدىن باشقا نەرسە ئەمەس»، دەپ قارىغان.


(3) باشقا قەدىمقى دىنلارنىڭ ھەممىسى خۇدالىرىنى بىرەر فىزىكىلىق جىسىم ياكى ھادىسىلەر بىلەن زىچ باغلاپ قويغان، ھەمدە كۈننىڭ خۇداسى، ئاينىڭ خۇداسى، دېڭىز خۇداسى، ھامىلدار بولۇش خۇداسى، ۋە ئۆلۈش خۇداسى قاتارلىق كۆپ ساندىكى خۇدالارغا ئىگە بولغان. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ خۇدالىرى بىر خىل ئىنسان شەكلىنى ئالغان. پەقەت جۇدائىزملا خۇدانىڭ فىزىكىلىق گەۋدىسى، شەكلى ۋە شۇلارغا ئوخشاش باشقا نەرسىسى يوق، دەپ قارىغان.


ئىلاۋە: ئەگەر سىز ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان «يۈسۈپ زىلەيخان» دېگەن كۆپ قىسىملىق كىنونى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئاشۇ كىنودىكى مەزمۇنلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ بېقىڭ. مەن كۆرگەن بەزى ماتېرىياللاردا دېيىلىشىچە، ئاشۇ كىنودىكى يۈسۈپ پەيغەمبەر بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ياقۇپ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر ئىككىسى يەھۇدى ئىكەن. ئەگەر سىز ئۇ كىنونى تېخى كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىز، ئۇنى چوقۇم كۆرۈپ بېقىڭ. مەن سىزنىڭ ئۇنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشتا پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھۇدىلار تەرىپىدىن يېزىلغان. لېكىن، يۇقىرىقىدەك پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان پاكىتلارنى بايان قىلىشتا يەھۇدى ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سەمىمىي بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


(4) باشقا قەدىمقى دىنلارنىڭ ھەممىسى «خۇدا چەكلىك كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە» دەپ قارىغان. بۇنداق بولغاندا، خۇدانى پەيدا قىلغان باشقا بىر خىل كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما جۇدائىزم ھەممە مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ياراتقۇچىسى خۇدا بولۇپ، ئۇ يارىتىش جەھەتتە چەكسىز كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە، دەپ قارىغان.

(5) قەدىمقى دۇنيانىڭ ھەممىسى خۇدا دېگەن بىر قورسىقى كىچىك زومىگەر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش نەپسى بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى ئىنسانلار بىلەنمۇ، ۋە بىر-بىرى بىلەنمۇ تۇقۇنۇشىدۇ، دەپ قارىغان. ئۆز خۇدالىرىدىن ھەرگىزمۇ ئەخلاق جەھەتتە مۇتلەق ھالدا مۇكەممەل بولۇشنى كۈتمىگەن. پەقەت يەھۇدى خۇداسىلا ئاشۇنداق شەرتكە توشقان.


(6) باشقا قەدىمقى دىنلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم شەكىلدىكى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىگە يول قويغان. پەقەت جۇدائىزملا ھەر قانداق شەكىلدىكى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىگە قارشى تۇرغان.


يۇقىرىدىكىدەك پەرقلەر تۈپەيلىدىن، قەدىمقى مەدەنىيەتلەرگە يەھۇدى ئەقىدىسى بىمەنە بولۇپ تۇيۇلغان. يەھۇدىلار باشقىلارغا ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن ئورتاق ھۆكۈمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەكىلدە نامايان بولغان. يەھۇدىلار «خەتەرلىك ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان دوستسىز ئىنسانلار»، دەپ قارالغان. قىسقىسى، مىلادىيىدىن كېيىنكى 70-يىللاردىن بۇرۇنلا، يەھۇدىلار باشقا بارلىق ئەللەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا دۇچ كەلگەن. ئۇ دەۋردە يەھۇدىلار جۇدائىزمنى ساقلاپ قېلىشقا سەۋەب بولغان، دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمىگەن. دۇنيانى زىل-زىلگە كەلتۈرگۈدەك بىرەر يەھۇدى ئىمپراتۇرلىقىمۇ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان. يەھۇدىلار ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، ئىقتىساد، بىناكارلىق، سەنئەت ۋە پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەردە بىرەر دەۋر بۆلگۈچ ئىجادىيەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ باققانمۇ ئەمەس. ئەگەر ئاشۇنداق ئىشلار مەۋجۇت بولۇپ باققان بولسا، جۇدائىزمنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلغان مۆجىزىلەرنىڭ بىرى، دەپ قاراشقىمۇ بولار ئىدى.


ئىلاۋە: مۇھەممەد پەيغەمبەر مىلادىيىدىن كېيىنكى 570-يىلىدىن 632-يىلىغىچە ياشىغان بولۇپ، كۆپلىگەن تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دىنىنى مۇھەممەد پەيغەمبەر 622-يىلى ئىجاد قىلغان. يۇقىرىدىكى يەھۇدىلارغا ئائىت ئىشلار مىلادىيىدىن كېيىنكى 70-يىللاردىن بۇرۇنقى دەۋردە يۈز بەرگەن بولۇپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ۋاقىتلارغا دىققەت قىلىشىنى سورايمەن.


يەھۇدىلارنىڭ 70-يىللاردىن باشلانغان ئىككىنچى تارىخىي دەۋرىدە، يەھۇدى جەمئىيىتى ئۆز-ئارا قارشىلاشقان نۇرغۇن مەدەنىيەت ئىچىگە تارقالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھېچ قانداق مەركىزىي ھاكىمىيىتى ياكى كونتروللىقى مەۋجۇت بولمىغان. ئادەتتە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قالغان بىر مىللەت باشقا مىللەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىگە زور كۆلەمدە ئۇچرىغان، ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان بولاتتى. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى يەھۇدى جەمئىيەتلىرى ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەت ۋە رايوننىڭ مۇھىتىغا ماسلاشقان، ۋە شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى خېلە چوڭقۇر قوبۇل قىلغان بولاتتى. ئاشۇ دەۋردىكى خرىستىيان دىنىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا نەچچە يۈزلىگەن مەزھەپنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ دىنىي مەزھەپلەر ئەينى زاماندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىگەن، ۋە ئۆز ئالدىغا مەركىزىي ھاكىمىيىتى ۋە كونتروللىقىغا ئىگە بولغان بىر دىندا بارلىققا كەلگەن. ئاشۇنداق ئەھۋالنى بارلىققا كەلتۈرگەن كۈچ جۇدائىزمغا تېخىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا توغرا بولاتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان ئىش يۈز بەرگەن: ھازىرقى جۇدائىزم بىلەن بۇنىڭدىن 1900 يىل ئىلگىرىكى جۇدائىزم ئوتتۇرىسىدا دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە ھېچ قانداق تۈپ پەرق مەۋجۇت ئەمەس. بۇ بىر ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئۇ مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ نورمال جەريانىغا خىلاپلىق قىلىدۇ.

ئۇنداقتا يەھۇدىلار بىلەن ئۇلارنىڭ جۇدائىزم دىنىنى ساقلاپ قالغان ئامىللار قايسىلا؟ بۇ نۇقتىلار تۆۋەندىكى قىسىملاردا بايان قىلىنىدۇ.


يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان مۇھىم ئامىللار[تەھرىرلەش]

يەھۇدىلارنى ساقلاپ قالغان ئامىللار ئۈستىدە تېخىچە بىرەر بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيە مەۋجۇت ئەمەس. يەھۇدىدىن بولغان مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدە ئۆزلىرىنى 3000 يىلدىن ئارتۇق ساقلاپ قالغىنى يەھۇدى دىنى—جۇدائىزم، ۋە يەھۇدىلارنىڭ دىنى بىلەن ئەخلاقى توغرىسىدىكى 613 تەلىماتلار، دەپ قارايدىغانلار كۆپ ئىكەن. مەن ئوقۇغان 2008-يىلى نەشىر قىلىنغان «ھەقىقەتكە كۆرە ياشاش» (Living up to the truth, Dr. Dovid Gottlieb) دېگەن كىتابتا، ئاپتور باشقىلار ئوتتۇرىغا قويغان، يەھۇدىلارنى3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار ھەققىدىكى بارلىق كۆز-قاراشلارنى مۇنداق 3 ئامىلغا يىغىنچاقلىغان:

(1)ئېزىلىش (2) يەھۇدى دىنى—جۇدائىزم (3) مائارىپ بىلەن دىن ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر قىسىم ئالاھىدە ئىقتىدارلار


1) ئېزىلىش[تەھرىرلەش]

«ئېزىلىش» ياكى «زۇلۇم»دېگەن ئامىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتىمۇ تونۇشلۇق. بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنى ئەزسە، ئېزىلگۈچى مىللەتتە ئەزگۈچى مىللەتنىڭ ئۆز خەلقى بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋېتىش مەقسىتىگە قارشى ئىرادە ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. تارىختا دۇنيادىكى يەھۇدى ئەمەس مىللەتلەر يەھۇدىلارغا «باشقا دۇنيا ئادەملىرى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. مەن يەھۇدىلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى بىر تور بېتىنى كۆرگەن، ئۇنىڭدا يەھۇدىلارغا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە ۋەقەنىڭ تۈرى بىر جەدۋەل شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

-- قوغلاندى قىلىنغان --مەجبۇرى ھالدا باشقا دىنغائېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرگە ئۆزگەرتىلگەن --كىتابلىرى كۆيدۈرۈلگەن --مال-مۈلكى مۇسادىرەقىلىنغان --يەھۇدى چېركاۋلىرىكۆيدۈرۈلگەن --قىرغىن قىلىنغان --مال-مۈلكى كۆيدۈرۈلگەن --يېرى تارتىۋېلىنغان --دېڭىزدا سەپەر قىلىشى چەكلەنگەن --كەڭ-كۆلەملىكقىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان --تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن --گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدىكى يەھۇدى نوپۇسىنىڭ 1/3 قىسمى قىرىلغان --قىرىلغان --بۇلاڭچىلار ھۇجۇمىغائۇچرىغان


تارىختا يەھۇدىلار جەمئىي 79 دۆلەتتىن قوغلاندى قىلىنغان بولۇپ، بەزى دۆلەت ۋە جايلاردىن كۆپ قېتىملاپ قوغلانغان. بۇ يەردە تەبىئىي ھالدا سورىلىدىغان بىر سوئال، «دۇنيا يەھۇدىلارغا نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئۆچ؟» دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭ جاۋابىنى تارىختىكى سەۋەبلەر بىلەن ھازىرقى سەۋەبلەر، دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ بايان قىلىش مۇمكىن بولۇپ، مەن بۇ يەردە تارىختىكى سەۋەبىنىڭ بىر قانچە ئاساسلىق قىسمىنىلا قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتەي:

--يەھۇدىلارنىڭ دىنى،مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتى باشقىچە بولۇپ، خرىستىيان دىنىغا ئىشىنىدىغانمىللەتلەرنىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىق. شۇڭاخرىستىيان دۇنياسى ئۇلارنى تەبىئىي ھالدا ئۆچ كۆرگەن. -- ئۇلار ئۆزىنى ھەممىدىنئۈستۈن تۇرغۇچى ئىنسان، ياكى «ئاللا تاللىغان ئىنسانلار» ھېسابلاپ، خرىستىيانلارغاقارشى ئۇرۇش قىلغان. -- ئۇلار تارىختا ئاچكۆزلۈك، ئوغرىلىق، يالغانچىلىق، باشقىلاردىن پايدىلىنىش، سودىدا جازانىخورلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. --يەھۇدىلار نەدە ياشىشىدىنقەتئىينەزەر، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلاشماي، ئۆزلىرى ئۆز-ئالدىغا ئايرىمياشىغان. باشقا مىللەتكە ھېچ قانداق مەنپەئەت بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن باشقا مىللەتلەرگە بىر غەيرى مىللەت بولۇپ كۆرۈنگەن. --ئۇلار يەھۇدى ئەمەسلەرنىڭ جېنىنى بىر ھايۋاننىڭ جېنى بىلەن تەڭ قاراپ، ئۆزلىرىنى «مۇقەددەس ئىنسانلار» دەپ ھېسابلىغان.شۇڭا باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلاشنىئورۇنلۇق ئىشلار قاتارىدا كۆرگەن (ھازىر پەلەستىنلىكلەر ئەسىرگە چۈشكەن بىر يەھۇدىنى ئىسرائىلىيىگە قايتۇرۇپ بەرسە، يەھۇدىلار ئۇنىڭ ئورنىغا 50-300 ئەرەبلىكئەسىرنى قايتۇرۇپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەرەبلەردىن نەقەدەر ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ).


يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ يەھۇدىلارنى چەتكە قېقىشىنى ۋە ئېزىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق ئېزىلىش بولسا يەھۇدىلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. ئەگەر يەھۇدىلاردۇنيادا باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنغان بولسا، ۋە جەمئىيەتتە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئېرىشەلىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ چاققا يوقاپ كېتىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى.


كەمسىتىشكە ئۇچراش يامان ئىش بولۇپ، ھېچ قانداق بىر مىللەت باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشنى ۋە چەتكە قېقىلىشنى خالىمايدۇ. لېكىن، ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بەزىدە يامان ئىشتىن ياخشى نەتىجىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. كەمسىتىلىشنىڭ ئىجابىي رولىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولىدۇر. مەن يېقىندا ئىدارەمدە كېچە سائەت 11 گىچە ئىشلەشكە مەجبۇرى بولۇپ قالدىم. ئۇ كۈنى ئەتىگىنى ئىدارىنىڭ كىچىك ئاپتوبۇسى بىلەن ئىشقا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ماشىنا ئاللىبۇرۇن كەتكەن بولغاچقا، يېرىم كېچىدە ئۆيگە بىر يەھۇدى خىزمەتدىشىمنىڭ ماشىنىسى بىلەن قايتىپ كەلدىم. بىز يولدا پاراڭلىشىپ، مەن ئۇنىڭغا يۇقىرىقى 3 ئامىل ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ ئىنتايىن خوشال بولۇپ كەتتى. ھەمدە «ئۇ ئىشلارنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. ھازىر بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق كەمسىتىش بولمىغاچقا، مەن ئوغلۇمنى يەھۇدى قىلىپ تەربىيىلەشتە ئىنتايىن قاتتىق قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن»، دېدى. ھەمدە مېنى بىزنىڭ شەھەردىكى «يەھۇدىلار مەركىزى» دە بىر قېتىم يۇقىرىقى تېمىدا ئىلمىي دوكلاد بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. قىسقىسى، بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ھەممە مىللەتلەرنى ھەممە ئىشتا باراۋەر قىلىۋېتىش. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى بىر مىسالى ئامېرىكىدۇر. ئامېرىكىدا 200 دەك مىللەت ياشايدۇ. ھەر بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەكشۈرسىڭىز، ئۇلاردىنمۇ ئاسانلا بىرەر يۈز مىللەت تېپىلىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىغا كىچىكىدە كەلگەن، ياكى ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياشلارنى تەكشۈرسىڭىز، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئاساسەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇنداق ياشلارنىڭ ئاساسىي قىسمىغا نىسبەتەن ئۆزى ئايرىم بىر مىللەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئانچەئەھمىيىتى قالمىغان بولۇپ تۇيۇلىدۇ. بۇخىل ئەھۋال باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش. ئاشۇنداق سەۋەب تۈپەيلىدىن، تەرەققىي تاپقان ياكى دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز بالىلىرىنى ئۇيغۇر قىلىپ چوڭ قىلىشتا ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۆز بالىلىرىنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيىلەشكە كۆزى يەتمەي، ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ كەتكەنلەر (مەسىلەن، «چەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەندىشىسى» https://web.archive.org/web/20130817120133/http://bbs.misranim.com/thread-80167-1-1.html نى كۆرۈپ بېقىڭ) ۋە قايتىپ كەتمەكچى بولىۋاتقانلارمۇ بار.


مەن بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگەئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئوبدان كۆزىتىپ، ئاشۇ ئۆزگىرىشلەرنى يۇقىرىدىكى مەزمۇن بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


2) دىن[تەھرىرلەش]

يەھۇدىلار ئىنجىلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى «تەۋرات» بولۇپ، ئۇ جەمئىي 5 كىتابتىن تەركىپ تاپقان. يەھۇدىلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا، تەۋراتتىكى بارلىق قانۇن-تەلىماتلارنى ئۇلارنىڭ خۇداسى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، كېيىن مۇسا پەيغەمبەر ئۇلارنى ئاشۇ 5 كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان ئىكەن. تەۋراتتا يېزىلغان مەزمۇنلار ئۇقۇم ۋە سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىشى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك بولۇپ، جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە تېزىلغان سۆزلەر بىلەن يېزىلغان ئىكەن. شۇڭا تەۋراتنى ئەسلىدىكى سۈپەتنى ساقلىغان ھالدا باشقا بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان تەۋراتنى ئوقۇش تەلەپ قىلىنغان. مىلادىيىدىن كېيىنكى 64-يىلىدىن بۇرۇن يەھۇدىلار چېركاۋغا بېرىپ، ئاللاھقا سەجدە قىلغاندا تەۋراتنى يادلىۋالغان بويىچە ئوقۇيدىغان بولۇپ، 64-يىلىغا كەلگەندە يەھۇدىلار بىر يېڭى قانۇن چىقىرىپ، ھەممە يەھۇدىلاردىن تەۋراتنى يادلىۋېلىپ ئەمەس،ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، كىتابتىن بىۋاستە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان. ھەمدە بالىلىرىغا تەۋراتنى ئوقۇشنى ئۆگىتىشنى دادىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى قىلىپ بېكىتكەن. دادىلار بالىلىرىغا تەۋراتنى توغرا ئۆگىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى ئۆزلىرى توغرا ئۆگىنىشكە مەجبۇرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن تەۋراتنى ئۆگىنىشتىكى يالغانچىلىق ياكى كۆز-بويامچىلىققا ئىمكان قالمىغان. شۇنداق قىلىپ، دۇنيانىڭ قايسى جايىدا ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۇدىلار ئۆز ئانا تىلىنى چوقۇم ئۆگەنگەن، ئۆز ئانا تىلى ئارقىلىق تەۋراتنى چوقۇم ئۆگەنگەن، ھەمدە دادىلار بالىلىرىغا تەۋراتنى ئۆز ئانا تىلىدا چوقۇم ئۆگەتكەن. تەۋرات يەھۇدىلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان. ئۇ يەھۇدىلارنى توپلىشىپ ياشاشقا مەجبۇرى قىلغان. ھەمدە ئۇ يەھۇدىلارنى ئۆز ئانا تىلى، ئەنئەنىسى، ئۆرۈپ ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى يەھۇدى دىنىي ئالىملىرى، يەھۇدىنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان بىردىن-بىر ئامىل تەۋرات، دەپ قارايدىكەن.


تەۋراتتا تەسۋىرلەنگەن جۇدائىزمنىڭ تۆۋەندىكى ئامىللىرى يەھۇدىلارنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان: ئەقىدە، قىممەت قارىشى، قانۇن،ئۆرۈپ-ئادەت، ۋە ئىجتىمائىي شەكىللەر. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئايرىم تىلى، يېمەكلىكلىرى، ۋە كېيىم-كېچەكلىرى. يەنى، تەۋراتتا تەسۋىرلەنگىنى يالغۇز دىنىي ئۇقۇمدىنلا ئىبارەت ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يېزىلغان.


بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ: ئۇيغۇرچ ەقۇرئان قاچان نەشىر قىلىندى؟ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە قۇرئاننى ھازىرغىچە بىر قېتىم ئوقۇپ باققانلار قانچە پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ؟


يەھۇدىلار ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىسىنى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە سىلەرگە تۆۋەندىكى بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرەي. 2013-يىلى 10-يانۋار كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما «ياقۇب ليۇ» (Jacob J. Lew) ئىسىملىك بىر يەھۇدىنى ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى. ياقۇب جۇدائىزىمنىڭ «ساباس» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پەرىزىگەئەمەل قىلىدىغان بولۇپ، شۇ پەرزنىڭ تەلىپى بويىچە ھەر ھەپتە جۈمە كۈنى كەچتىن باشلاپ، شەنبە كۈنى كەچكىچە قەتئىي خىزمەت قىلمايدىكەن، ماشىنا ھەيدىمەيدىكەن، ئۆيىدە توك ئىشلەتمەيدىكەن (ئېلېكتىر لامپۇچكىسى ياندۇرماي، شام ياندۇرىدىكەن)، ھەمدە يانفۇن ئىشلەتمەيدىكەن. ئۇ ھازىرغىچە پرېزىدېنت ئوباما مەمۇرىي ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پەقەت ئوباما ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندىلا ئۇ جۈمە كۈنى كەچتىن شەنبە كۈنى كەچكىچە خىزمەتكە كېلىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتنىڭ بەزىلىرىدە ئۇ ئۆيىدىن ئىشخانىسىغا پىيادە كېلىدىكەن. (ليۇ نىڭ ئىمزاسى 3-4 ياشلىق بالىلار قەغەزگە سىزىپ ئوينىغان ۋاقىتتىكى شەكىلگە ئوخشاش ئىكەن. ئامېرىكىدا يېڭىدىن پۇل باسقاندا، ئۇ پۇللارغا شۇ چاغدىكى مالىيەمنىستىرىنىڭ ئىمزاسى بېسىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىش دۇنيادا ناھايىتى چوڭ خەۋەرگە ئايلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىمزاسىن ىتۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگىلى بولىدۇ: ?uuid=wVyMMlqjEeK-7m449SFUAg)

يەھۇدىلارنىڭ پۈتۈن خەلق دىنغا ئېتىقاد قىلىش، پۈتۈن خەلق تەۋراتنى ئۆز ئانا-تىلىدا چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇپ مېڭىش، ۋە بارلىق دادىلار بالىلىرىغا تەۋراتنى ئوقۇشنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى ئۇلاردىن ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارنى تەلەپ قىلغان. شۇڭلاشقا ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئېتراپ قىلغىنىدەك «يەھۇدىلار ئەقىللىق» بولماستىن، پەقەت «ئەقىللىق يەھۇدىلارلا ساقلىنىپ قېلىپ، قالغانلىرى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ تۈگەپ كەتكەن». مەن بۇ ھەقتە ماقالىنىڭ كېيىنكى بىر قىسمىدا يەنە ئازراق توختىلىمەن.


3)ئالاھىدە ئىقتىدار[تەھرىرلەش]

--پۈتۈن خەلق زىيالىي بولۇش--[تەھرىرلەش]

يەھۇدىلارنىڭ مىللىي مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى، بارلىق ئادەم دىندار بولۇش، ۋە پۈتۈن خەلق زىيالىي بولۇشتىن ئىبارەت. مېنىڭ بىلىشىمچە، پۈتۈن خەلق ئوقۇغان بولۇش ياپونلۇقلارنىڭمۇ مىللىي مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى. ياپونىيە ۋە تەرەققىي قىلغان ياۋروپا ئەللىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ پۈتۈن خەلق ئوقۇغان بولۇش قانۇنىنى يولغا قويغىنىغا 200 يىلچە ۋاقىت بولدى. ئەمما يەھۇدىلار مىلادىيىدىن كېيىنكى 64-يىلىلا ئوغۇللار 6 ياشتىن باشلاپ مەجبۇرى ئوقۇش قانۇنىنى يولغا قويغان، ھەمدە ئۇ قانۇننى 100 يىل ئىچىدە، يەنى 164-يىلىغا كەلگەندە تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، يەھۇدى ئەرلىرىنىڭ تىل-يېزىق ۋە ھېسابلاشتا ساۋاتلىق بولۇش دەرىجىسى 100 پىرسەنتكە يەتكەن. يەنى، يەھۇدىلار مەجبۇرى مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ھازىر 1900 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت بولدى.


يەھۇدىلار ئارىسىدا تارقالغان مۇنداق بىر داڭلىق سۆز بار: «بىر ئەر بىر زىيالىينىڭ قىزىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە مال-مۈلكىنى قۇربان قىلىشقا ئەرزىيدۇ. شۇنداقلا قىزىنى بىر زىيالىيغا بېرىش ئۈچۈنمۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى قۇربان قىلىشقا ئەرزىيدۇ». مەن بۇ سۆزنى بىر قانچە يەھۇدى خىزمەتداشلىرىمغا دەپ باققان ئىدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ سۆزنى بىلىدىغان بولۇپ چىقتى. مېنىڭ بىر يېقىن ئۇيغۇر دوستۇم بار بولۇپ، ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ئەھۋالنى دەپ بەردى: ئۇنىڭ دادىسى بىر ناھايىتى كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 1950-يىللىرىلا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدا ئوقۇپ كادىر بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئاپىسى بولسا بىر ناھايىتى كۆپ مال-مۈلكى ۋە يەر-جايلىرى بار دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ئاپىسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، توي قىلىش تەلىپىنى ئېيتقاندا، ئاپىسىنىڭ دادىسى «كادىر دېگەن قەلەندەر كېلىدۇ»، دەپ بۇ توي ئىشىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادىسى يەرلىك گۇڭشې ھۆكۈمىتىنى ئىزدەپ، ئاشۇ ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنىڭ ياردىمىدە ئاپىسى بىلەن توي قىلىپتۇ. مەن بۇ يەردە ھەممە ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق، دېمەكچى ئەمەسمەن. ھەممە ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئەمەس. لېكىن، بۇ بىر مىسالدىن زىيالىي بولۇشقا قانداق قاراشتا ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك چوڭلۇقتىكى پەرقلەر بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. يۇقىرىدىكى ئىش بولغىنىغا ھازىر 60 يىلدىن ئاشتى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بالىلىرىنى زىيالىي قىلىشقا ھازىر قانداق قارايدۇ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلاردا پۈتۈن خەلق زىيالىي بولۇش ئېڭى زادىلا تىكلىنىپ باقمىغان بولۇپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى زىيالىي قىلىشنى ئارزۇلايدىغانلارمۇ بارلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا تەشكىل قىلاتتى. ھازىر بولسا ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم چىدىغۇسىز دەرىجىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاشلاپ، باشقا ياشاش يولىنى تاللاۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن.


ئامېرىكىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ بىلەن شەخسىي مەكتەپ، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى شەخسىي مەكتەپلەر بارلىق مەكتەپلەرنىڭ 25 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاران 10 پىرسەنتىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. يەنى، دۆلەت ئىگىلىگىدىكى مەكتەپتە بىر سىنىپتا 40 ئوقۇغۇچى ئوقۇسا، شەخسىي مەكتەپتە ئاران 15 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. شۇ ئارقىلىق شەخسىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش سۈپىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ساقلايدۇ. دۆلەت ئىگىلىگىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ. ئەمما شەخسىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولسا ھەر ئېيىغا 1000 دوللار ئەتىراپىدا ئوقۇش پۇلى ئېلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردىمۇ دۆلەت ئىگىلىگىدىكى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 12 مىڭ دوللار ئەتىراپىدا بولسا، داڭلىق شەخسىي مەكتەپلەر (مەسىلەن، Havard، MIT، Stanford، Caltech قاتارلىقلار) نىڭ ئوقۇش پۇلى 30 مىڭ دوللار ئەتىراپىدا بولىدۇ. مەن بىلىدىغان كىچىك بالىلىرى بار يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنى شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ. مەن بىلىدىغان يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىسى 2-3 خىزمەت ئىشلەپ، ھەر كۈنى 15 سائەتتىن كۆپرەك ئىشلەپ، تاپقان پۇلى بىلەن ئۇلارنى ئەڭ قىممەت ۋە ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان كىشىلەر. مېنىڭ ھازىرقى بىر يەھۇدى خىزمەتدىشىمنىڭ 10 يىلدەك تۇتقان ئويى ئەسلىدە ئىدارىگە 5 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر شەھەردە ئىدى. لېكىن ئۇ 2 يىلنىڭ ئالدىدا ئىدارىگە 55 كىلومېتىر كېلىدىغان بىز تۇرىدىغان شەھەرگە يېقىن بىر شەھەرگە كۆچۈپ كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن ئوي كۆچۇشتىكى سەۋەبنى سورىسام، ئۇ ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بالام شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى. بىز بۇرۇن تۇرغان شەھەردىكى شەخسىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش سۈپىتى سەل تۆۋەنلەپ كەتتى. ھازىرقى شەھەرنىڭ ئوقۇش سۈپىتى مۇشۇ پۈتۈن رايون بويىچە ئەڭ ياخشى ئىكەن. بىز شۇڭا كۆچتۇق.» دېمەك، بۇ يەھۇدى خىزمەتدىشىم بالىسىنىڭ ئوقۇشىنى دەپ، بالىسىنى بىر شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقىنىغىمۇ رازى بولماي، ئۇنى ئەڭ ياخشى شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، كۈنىگە 5 كىلومېتىر ماشىنا ھەيدەپ ئىشقا بارىدىغان يەردىن، كۈنىگە 55 كىلومېتىر ماشىنا ھەيدەپ ئىشقا بارىدىغان يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. بالىنىڭ ئوقۇشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئېڭى جەھەتتە بىز ئۇلاردىن قانچىلىك ئارقىدا تۇرىمىز؟


يەھۇدىلار ئىچىدە ئەڭ قىيىن كەسىپلەردە ئوقۇيدىغانلار، ۋە ئەڭ قىيىن ۋە پۇلنى ئەڭ كۆپ تاپقىلى بولىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ. ئالىي مەكتەپنى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانغىچە ئوقۇيدىغانلارمۇ كۆپ.

--يەھۇدىلارنىڭ ئەقىللىقلىقى--[تەھرىرلەش]

مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمدەك، 64-يىلىدىن باشلاپ، يەھۇدىلار دىنىي ئايەتلەرنى يادلىۋېلىپ ئوقۇشتىن، تەۋراتنى ئۆز تىلىدا تولۇق ۋە چۈشىنىپ ئوقۇشنى قانۇن قىلىپ يولغا قويغان. يېقىنقى 2000 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار ئاساسەن باشقىلارنىڭ يېرىدە ياشىغان بولغاچقا، ئۇلار يالغۇز ئۆز تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولۇپلا قالماي، يەرلىك مىللەت تىلىدىمۇ تولۇق ساۋاتلىق بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يېزىق، سۆز ۋە ماتېماتىكا جەھەتتە ئۆزى ياشىغان جايلاردىكى يەرلىك مىللەتلەردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرغان. شۇڭلاشقا يەرلىك مىللەتلەر شەھەردە ئىشلەيدىغان بىلىملىك ئەمگەكچىلەرگە ھاجىتى چۈشكەندە، يېزىلاردىكى بىلىملىك يەھۇدىلارنى ئاپىرىپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سودا-سېتىق، ئىقتىساد ۋە بازارلاش كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلانغانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن (ئاشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىر دۇنيادىكى چوڭ بانكىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن يەھۇدىلارنىڭ قولىدا). ساۋادى ۋە بىلىم سەۋىيىسى تەۋراتنى چۈشىنىپ ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ يەھۇدىيلىقىنى ساقلاپ مېڭىشقا يەتمىگەن يەھۇدىلار ئۆز مىللىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقاپ كەتكەن. مەسىلەن، 1-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، يەھۇدىلارنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى 4.5 مىليوندىن 1.5مىليونغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليونغا يېقىن يەھۇدىلار جۇدەئا (Judea) بىلەن مىسىردىكى رىملىقلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭلاردا ئۆلۈپ كەتكەن. قالغان 2 مىليون يەھۇدى بولسا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقاپ كەتكەن.


يىغىپ ئېيتساق، پەقەت ئەڭ ئەقىللىق يەھۇدىلارلا قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان، ۋە ئۆزلىرىنى يەھۇدى سۈپىتىدە ساقلاپ قالالىغان. مانا بۇ ھازىرقى يەھۇدىلارنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا، ئەقىللىق ياكى زىيالىي كىشىلەر پەقەت ئەقىللىق ۋە زىيالىي كىشىلەر بىلەنلا توي قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ساقلىنىپ قالغان يەھۇدىلارنىڭ ئەقىللىق دەرىجىسى تەدرىجى ھالدا ئۆسۈپ كەتكەن.

يەھۇدىلارنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 0.2 پىرسەنتىگە تەڭ. يەنى، دۇنيا نوپۇسى 7 مىليارد بولۇپ، يەھۇدىنىڭ بولسا 13 مىليون. ئۇلارنىڭ بۇ نوپۇس سانى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇ سان جۇڭگودىكى ھەر بىر قېتىملىق ئومۇمىي نوپۇس ساناش جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان ئەڭ كىچىك خاتالىقتىنمۇ كىچىك. ئەمما، 1870-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەھۇدىلارنىڭ ئىچىدىن چىققان داڭلىق ئالىملارنىڭ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىلىقلار ئىچىدىكى نىسبىتى ئەدەبىياتتا 4 ھەسسە كۆپ، مۇزىكىدا 5 ھەسسە كۆپ، گۈزەل سەنئەتتە 5 ھەسسە، بىئولوگىيىدە 8 ھەسسە، خىمىيىدە 6 ھەسسە، فىزىكىدا 9 ھەسسە، ماتېماتىكىدا 12 ھەسسە، ۋە پەلسەپىدە 14 ھەسسە كۆپ بولغان. ئەدەبىيات، خىمىيە، فىزىكا، مېدىتسىنا ۋە پەلسەپىدە نوبېل مۇكاپىتى ئالغانلارنىڭ ئىچىدە ياھۇدىلارنىڭ نىسبىتى 1900-1950 دە 14 پىرسەنت، 1950-2000 دە 29 پىرسەنت، ۋە 2000 دىن ھازىرغىچە 32 پىرسەن تبولغان. پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 360 ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يەھۇدىلارنىڭ سانى 165 ئەتىراپىدا ئىكەن.

ئىنسانلارنىڭ ئەقىللىق دەرىجىسىنى ئولچەيدىغان «ئەقىللىق بۆلۈنمىسى» (Intelligence Quotient) دېگەن بىر بىرلىك بار بولۇپ، ئۇ قىسقارتىلىپ «IQ» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ بىرلىك بويىچە ئۆلچەملىك سىناق ئېلىپ بارغاندا، ھەر بىر ياش گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە IQ نومۇرى100 دەپ ئېلىنىدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق قىلغاندا ھەر بىر ياش گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەر ئېرىشكەن نومۇرنىڭ «ئۆلچەملىك ئېغىشى» (standard deviation) ئاساسەن 15 بولۇپ چىقىدۇ. ھەمدە ھەر بىر ياش گۇرۇپپىسىدىكى 95 پىرسەنت كىشىلەر ئېرىشىدىغان نومۇر 70 بىلەن 130 نىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. 1954-يىلى ئامېرىكىدىكى بىر پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى نيۇ يورك شەھىرىدىكى دۆلەت ئىگىلىگىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن ئۆلچەملىك سىناق ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ IQ نومۇرىنى ئۆلچەپ چىققان. نەتىجىدە IQ نومۇرى 170 تىن يۇقىرى ئوقۇغۇچىلاردىن 28 كىشى تېپىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 24 ئوقۇغۇچى يەھۇدى بولۇپ چىققان.


--ئۆز ئەنئەنىسى ۋە ئۆز تۇرمۇش ئادىتىگە سادىق بولۇش--[تەھرىرلەش]

يەھۇدىلارنىڭ يىلدا بىرقېتىم كېلىدىغان، ئىنگلىزچە «پاسسوۋەر» دەپ ئاتىلىدىغان مىللىي بايرىمى بار بولۇپ، ئۇ ھەر يىلنىڭ ئەتىياز مەزگىلىدە كېلىپ، جەمئىي 7-8 كۈن تەبرىكلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى يەھۇدىلار بۇ بايرامنىڭ دەسلەپكى ئىككى كۈنى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئىككى كۈنى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ، بۇ بايرامنىڭ قانداق تەبرىكلىنىشى، قانداق تاماقلار ئىستېمال قىلىنىشى قاتارلىقلار تەۋراتتا قانۇن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئامېرىكىمۇ ھازىر ئاشۇ كۈنلەردە يەھۇدىلارنىڭ ئىشقا ۋە مەكتەپكە كەلمەسلىكىنى قانۇن بويىچە يوللۇق قىلىۋەتكەن. يەھۇدىلار بۇ بايرامنى ئۆزلىرىگە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈمىدىنى مۇددەتلىك ھالدا ئەسلىتىپ تۇرىدىغان بىر ئادەت قىلىپ يېتىلدۈرگەن. بۇ بايرام بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، ئۇ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئۇلار ئازراقمۇ ئۆزى بىللە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنى دوراشقا ئىنتىلمىگەن، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆز ئەنئەنىسىگە ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە سادىق بولغان. دۇنيانىڭ قەيېرىدە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار بىر جايغا توپلىشىپ، يەھۇدىلار جەمئىيىتى قۇرۇپ ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مىللىي ئىپتىخارىنى، ۋە مىللىي غۇرۇرىنى ساقلىغان ۋە ئۇلارنى نامايەن قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئەنئەنىسىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەردە بىردىن «يەھۇدىلار مەركىزى» بار بولۇپ، يەھۇدىلار ئالاھىدە كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇنداق مەركەزلەرگە يىغىلىپ، ئوپچە پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ. مەن ئىدارەمدە ۋە خەلقئارالىق يىغىنلاردا بېشىغا يەھۇدىلارغا خاس كىچىك دوپپا كىيىۋالغان يەھۇدىلارنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمەن.


1994-يىلى مەن، مېنىڭ يېتەكچى پروفېسسورۇم ۋە ئامېرىكىنىڭ بىر دۆلەت تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر يەھۇدى ئۈچەيلەن بىر خەلقئارالىق ئىلمىي-تەتقىقات ژورنىلىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇق. مەن ئۇ چاغدا ئۇ يەھۇدىنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ مېنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدىكى ساۋاقدىشى ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتىم. ئارىلىقتىن بىرەر يىل ئۆتكەندە، مەن بىر بىرخەلقئارالىق ئىلمىي-دوكلاد يىغىنىغا بارغاندا، ھېلىقى يەھۇدىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. ئىككىمىز يېرىم سائەتتەك پاراڭلاشتۇق. ئاشۇ پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ ماڭا قىزىقىپ، مېنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىمنى، ۋە نەدىن كەلگەنلىكىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، «ئاڭلىسام سەن يەھۇدى مىللىتىدىن ئىكەنسەن»، دېدىم. ئۇ دەرھاللا: «شۇنداق. مەن بىر يەھۇدى. مەن ئۆزەمنىڭ بىر يەھۇدى ئىكەنلىكىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن»، دېدى. بۇ گەپ ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ناھايىتى ھا كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن «سەن ئۆزەڭنىڭ بىر يەھۇدى ئىكەنلىكىڭگە قانداق قارايسەن؟» دەپ سورىمىغان تۇرسام، ئۇ ماڭا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق جاۋاب بېرىدۇ؟، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا خېلە ئاچچىقىممۇ كەلدى. ھازىر ئويلىسام، ئۇ يەھۇدىنىڭ ھېلىقىدەك دېيىشى، ۋە نۇرغۇن يەھۇدىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نېمە مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى كىشىلەر بىلمەي قالمىسۇن، دەپ بېشىغا بىردىن كىچىك دوپپا كىيىپ يۈرۈشى، ئۇلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىشلىرىنى ئەيىبكە بۇيرۇش ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن. ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىز بۇ جەھەتتە كۆپ ئاجىز ئىكەنمىز—مەن چەت ئەلدىكى خىزمەت ئورنىدا ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇپ يۈرۈيدىغان ئۇيغۇرلاردىن نەچچىنى بىلىمەن.


--ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىش—[تەھرىرلەش]

يەھۇدىلانىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان، «ئالىي بايرام كۈنى» (High holidays) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر مىللىي بايرىمى بار. ئۇ جەمئىي 10 كۈن تەبرىكلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ بايرام كۈنلىرىدە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشى، ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز خاراكتېرى ياكى كىشىلىك ئەخلاقىنى داۋاملىق باھالاش ۋە ياخشىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ۋە ئۆزىنىڭ مىجەزىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەخلاقىي مۇمكىنچىلىكى بويىچە قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەزمۇن ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا، مەن بۇ مەزمۇننى ئۆزەمنىڭ كېيىنكى بىر ماقالىسىدە ئايرىم بايان قىلىمەن.


قىسقارتىپ ئېيتقاندا، مىللىي كىملىكنى ساقلاشتا بىر مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئايرىم بايرىمى بولۇش ناھايىتى مۇھىم. ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ۋە سورۇن مەدەنىيىتى، ھەمدە ناخشا-ئۇسۇل ۋە يۇمۇر-چاقچاقتىكى ئالاھىدە تالانت-ئىقتىدارلىرى ۋە ئالاھىدە مەدەنىيىتى ھازىرغىچە يەھۇدىلارنىڭ مىللىي بايرىمى مىللىي كىملىكنى ساقلاشتا ئوينىغان روللارنىڭ بىر قىسمىنى ئويناپ كەلدى. لېكىن، ئىنسان مۇكەممەلىكىنى قوغلىشىش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر قىسىم نەرسىلەرنى يېتىلدۈرۈش، ياكى ئۆزىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قىسىم شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلاش جەھەتتە خېلە ئېغىر سەلبىي رولنىمۇ ئويناپ كەلدى. بۇ مەسىلە مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى مەسىلە بولۇپ، مەن ئۇ توغرۇلۇق بۇنىڭدىن ئارتۇق توختالمايمەن. لېكىن، مەن ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەن مۇتەخەسسىسلىرىدىن مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ رولى[تەھرىرلەش]

يەھۇدىلارنىڭ ھازىرقىدەك ساقلىنىپ قىلىنىشىدا، ئوسمان ئىمپېرىيىسى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. يەنى مىلادىيىدىن كېيىنكى 70-يىللاردا زور ساندىكى باشقا جايلاردىن قوغلانغان يەھۇدىلار ئىسپانىيەگە بېرىپ يەرلەشكەن. لېكىن ئۇلار 15-ئەسىرگە كەلگەندە ئىسپانىيە تەرىپىدىن خرىستىيانلارغا ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلانغان. بىر قىسىم يەھۇدىلار بېسىمغا چىدىماي خرىستىيانلارغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. 1492-يىلى بۇ خەۋەر شۇ ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى بېيازىتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ بىر پارچە بۇيرۇق چىقىرىپ، ئىسپانىيەدىن قوغلانغان يەھۇدىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىشىنى قارشى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن خېلە زور ساندىكى يەھۇدىلار تۈركىيىنىڭ ياۋروپا قىسمىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن. ئوسمان ئىمپېرىيەسى بۇ يەھۇدىلارغا باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە دىنىي ئەركىنلىك بەرگەن. يەنى، ئوسمان ئىمپېرىيىسى يەھۇدى ۋە باشقا مىللەتلەردىن ھەرگىزمۇ دىنىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىلار كېيىنكى 5 ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەنى پانالىق جاي تۇتۇپ، باشقىلارنىڭ باستۇرۇشى ۋە قوغلاندى قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. بەزى تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، ئوسمان ئىمپېرىيەسى تۇتقان يۇقىرىقىدەك يول ئۇنىڭ دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ كېڭىيەلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.


ئاخىرقى سۆز[تەھرىرلەش]

يەھۇدىلاردا نېمىلەرنىڭ بار بولغانلىقى، ۋە ھازىر نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىشتىكى مەقسەت، ئۇيغۇرلاردانېمىلەرنىڭ كەملىكىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈندۇر. مەن مەزكۇر ماقالىدا يەھۇدىلارنى 3000 مىڭ ساقلاپ قالغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئېزىلىش، دىن، ۋە مائارىپ بىلەن دىن ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر قىسىم ئالاھىدە ئىقتىدار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، يەھۇدىلارنىڭ يېزىق ۋە ھېساب جەھەتتىكى ساۋاتلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنىغا 2000 يىل ۋاقىت بولدى. مەن كۆرگەن بىر ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ 25 پىرسەنتى ئىنجىنىر ئىكەن. ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ پۈتۈن خەلق مەجبۇرى مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنىغىمۇ ھازىر 200 يىلدىن ئاشتى. ھازىر ياپونىيە نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتى ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى يېزىلاردا بولۇپ، ئۇلار ھازىرمۇ يېزىق بىلەن ھېسابتا ئاساسەن ساۋاتسىز. ئۇلار ھازىرمۇ بىر ئىلىم-پەنگە ئائىت ئاممىباپ كىتابنى ئوقۇپ چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن مەلۇم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش قابىليىتىگە ئىگە ئەمەس. مۇشۇنداق مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئىشنى بۇنىڭدىن كېيىن نۆلدىن باشلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپى 50- ۋە60-يىللاردا جۇڭگودىكى مائارىپى ئەڭ تەرەققىي قىلغان جايلار بىلەن ئوخشاش ئورۇن ئالغانىدى. لېكىن ئۇ يېقىنقى 10 يىلدەك ۋاقىتنىڭ مابەينىدە خېلە زور دەرىجىدە چېكىندى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئۈستىدە بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.


مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەڭ بېشىدا بەزىلەردىن بىر مىللەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىنىشىدا ھالال گۆش يەيدىغان بولۇش ۋە دېھقانلىرى كۆپ بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغانلىقىمنى تىلغا ئالغان ئىدىم. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمدەك، يەھۇدىلار ئۈچۈن قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدىغانلىقى ۋە قانداق يېمەكلىكنىڭ چەكلەنگەنلىكى تەۋراتتا قانۇن سۈپىتىدە ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇ يەھۇدىلارنى ساقلاپ قالغان كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ پەقەت بىرسىلا بولغان. ھەمدە يەھۇدىنىڭ دېھقانلىرىنىڭ ئەقلىي كۈچى ئۆزىنى يەھۇدى قىلىپ ساقلاپ تۇرۇشقا يەتمەي، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقاپ كەتكەن. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان يەھۇدىلار ئاساسەن شەھەرگە كۆچۈپ، شەھەردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلارنى تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان.


ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ. ھەمدە ئۇ مەسىلىلەرگە ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى مەسىلىلەر قوشۇلىۋاتىدۇ. ئۇ مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى ئاساسەن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئىچىدە مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەنلەرنىڭ بەك ئازلىقى، مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ ئۇنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىسىدىلا توختاپ قالغانلىقى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىچىدە ھازىرمۇ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى بىلەن باغلاش مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇرنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇرلار مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە تولۇقسىز مەكتەپ مائارىپ سەۋىيىسىگە يەتكەنلەرنىڭ سانىنى 100 پىرسەنتكە كۆتۈرۈش كېرەك. ھازىرقى شارائىتتا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاش ئىنتايىن قىيىن. لېكىن، مېنىڭچە شەرەپلىك دەرىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان كەسىپ يوق. ئۇيغۇرلار ھازىرقىدىن ياخشىراق ياشايمەن دەيدىكەن، چوقۇم ھەممە ئادەم «مائارىپ، مائارىپ، مائارىپ» دەپ تەڭ توۋلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوق. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دىن ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. مەكتەپ تەربىيىسى قوشۇمچە رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا دىننىڭ سۇسلىشى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق.


مەن يېقىندىن بۇيان بارغان يەرلىرىمدە ئۇيغۇرلار ھازىر بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان كونكرېت ئىشلار توغرىسىدا يېتەكلەشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلاۋاتىمەن. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھازىر يىراقنى كۆرىدىغان ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەر ئازلىق قىلمايدۇ. ئۇ ئىدىيىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان شەرت-شارائىتقا ئىگە بولماسلىق تۈپەيلىدىن، ئاشۇنداق كىشىلەر ئىچىدىكى كۆپ ساندىكىلەر ھازىر سۈكۈتتە تۇرىۋاتىدۇ. مەن بۇ يەردە ھەر بىر ئادەم ئۆز ئائىلىسىدە قىلالايدىغان ئىشلاردىن بىرقانچىنى تەۋسىيە قىلاي: (1) ئۆيىڭىزدە چوقۇم ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋە بالىڭىز ئۈچۈن ئۆيىڭىزنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر كىچىك «كۈتۈپخانا» قۇرۇپ چىقىڭ. ئەگەر سىز پەرزەنتلىك بولسىڭىز، بالىڭىز 2-3 ياشتىن باشلاپلا كىتاب بىلەن ۋە باشقا ئەقلىي كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئويۇنچۇق بىلەن ئويناپ چوڭ بولسۇن. (2) بالىڭىزغا 3-4 يېشىدىن باشلاپ ئۆيىڭىزدە كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. (3) بالىڭىزغا 4-5 يېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ئېلىپبەنى ئۆگىتىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدىكى ساۋاتىنى ئۆيىڭىزدە چىقىرىپ قويۇڭ. (4) ھازىر ئويۇن-تاماشىغا سەرپ قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى كىتاب ئوقۇشقا، ئۆز كەسپىڭىزنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا، ۋە ئىنسان مۇكەممەللىكىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشقا ئاجرىتىڭ. ئۇيغۇرلاردا ئېچىلمىغان يوشۇرۇن كۈچلەرئىنتايىن كۆپ. سىزدىمۇ ھەم شۇنداق. ئاشۇلارنى تېپىپ چىقىڭ ھەم ئىشقا سېلىڭ. كىشىلەر ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ياكى ئۆزىدىن كۈچلۈك كىشىلەرنى ئاسانلىقچە بوزەك قىلالمايدۇ. ئۆزىدىن ئاجىزلارنى كۆرگەندە بولسا پۇرسەتلا بولسا بوزەك قىلغۇسى كېلىدۇ. باشقىلارغا بوزەك بولماي دېسىڭىز، ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ياكى ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دەرىجىدە كۈچلەندۈرۈڭ. بۇنىڭدىن باشقا يول يوق.


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بېتىگە يوللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]