پارس خەت نۇسخىسى

ئورنى Wikipedia

سىزىقلىرى تەبىئىي، راۋان بولغان پارس خەت نۇسخىسى ناھايىتى چىرايلىق خەت نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنى پارسلارغا كىرگەندىن كېيىن كۇفى خەت نۇسخىسى قەدىمكى پارسلار ئىشلىتىۋاتقان پەھلىۋى خەت نۇسخىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى، ئۇلار كۇفى خەت نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرئان كەرىمنى كۆچۈردى. كېيىن پارسلار نەسخ خەت نۇسخىسىنىڭ ھەرپلەرنى سوزۇنچاق، ئەگمەچ يېزىش ماھارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، پەھلىۋى خەت نۇسخىسىدىكى بىر قىسىم سىزىق ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ”تەئلىق خەت نۇسخىسى“دەيدىغان يېڭى خەت نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئۇلار ”ن“ھەرپى ۋە بىر قىسىم سوزۇپ يېزىلىدىغان ھەرپلەرنى رەتلىك ساڭگىلاپ تۇرغان شەكىلدە يېزىپ، تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى، شۇڭا ”ئېسىلىپ تۇرغان، ساڭگىلاپ تۇرغان“دېگەن مەنىدىكى ”تەئلىق“سۆزى بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ نامى بولۇپ قالغان. بۇ خەت نۇسخىسىنى پارسلار، ئافغانلار، پاكىستانلىقلار ۋە ھىندىستانلىقلار كۆپ ئىشلەتكەچكە، ھىجرىيە 4-ئەسىردە ”خەتتۇل فارسى“(پارس خەت نۇسخىسى) دەپمۇ ئاتالغان. 

يەنە بەزىلەر دىلمى دۆلىتى (ھىجرىيە 322~372-يىلىغىچە، يەنى مىلادىيە 934~982-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان) دەۋرىدە ياشىغان خەتتات ھەسەن فارسى بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى بېكىتىپ چىققاچقا، ئۇنىڭ نامى بىلەن ”پارس خەت نۇسخىسى“دەپ ئاتالغان، دەيدۇ.

ھىجرىيە 9-ئەسىردە (مىلادىيە 15-ئەسىردە) ھىرات ۋە بۇخارا شەھىرىدە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات، ۋەزىر، شائىر ۋە مۇزىكانت مىر ئەلىشىر نەۋائىي ئەسلىدىكى تەئلىق خەت نۇسخىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن بولۇپ، نەسخ خەت نۇسخىسىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەئلىق خېتىگە تەتبىقلاپ، بۇ خەتنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى بېكىتىپ چىققان. ئۇ بۇ خەت نۇسخىسىنى ”نەستەئلىق“دەپ ئاتاپ، ئەسلىدىكى ”نەسخ - تەئلىق“خەت نۇسخىسىنىڭ ئورنىدا قوللانغان.

ئىران تارىخىدا پارس خەت نۇسخىسىدا ھۆسنخەت يازغان نۇرغۇن داڭلىق خەتتاتلار ئۆتكەن بولۇپ، مەشھۇرلىرىدىن ئەبۇ قاسىم بىن ئىبراھىم، سۇلتان ئەلى مەشھەدى، ئابدۇرەھمان خارەزمى قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ھۆسنخەت ئەسەرلىرى تەبىئىي، چىرايلىق، نەپىس، ئويناق بولۇپ، سىزىقلىرىنىڭ توم-ئىنچىكىلىكى ناھايىتى ماسلاشقان.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.