پارىژ ئۇنىۋېرسىتىتى

ئورنى Wikipedia
پارىژ ئۇنىۋېرسىتىتى (Université de Paris فرانسۇزچە "ئۈنېۋەخسىتې دۆ پاغى" دەپ ئوقۇلىدۇ.)
پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى

پارىژ ئۇنىۋېرسىتىتى ئوتتۇرا ئەسىردىن بېرىقى ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ مۇھىم ئالى بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. 12-ئەسىردە قۇرۇلغاندىن كىيىن، پارىژ سەينا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى ئۆزىگە بىرلەشتۈرگەن بۇ ئۇنىۋېرسىت ئەينى دەۋردىكى پادىشاھلىقلارنىڭ بارلىق مەمۇرى ۋە ساقلىق ئەمەلدارلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان.

پارىژ ئۇنىۋېرسىتىتى 1790-يىلى، "فرانسۇز ئىنقىلابى"نىڭ ئەتىسىلا تاقىۋىتىلگەن ۋە قانۇن، دوختۇرلۇق، ئېنژىنىرلىق ۋە پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرگەن مەخسۇس پەنلەر ئالى مەكتىۋىگە ئۆزگەرتىلگەن. توپتوغرا بىر ئەسىر ۋاقىتتىن كىيىن، 1896-يىلى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىت قانۇن، دوختۇرلۇق، تىل-ئەدەبىيات ۋە تەبىئى پەنلەر بويىچە تۆت چوڭ فاكۇلتىتقا بۆلۈۋىتىلگەن. يەنە بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كىيىنكى 1968-يىلىدىكى ماي ئىنقىلابىدىن كىيىن، 13 شۆبە ئۇنىۋېرسىتقا بۆلۈنگەن.

بۈگۈنكى پارىژ ئۇنىۋېرسىتىتى تۆۋەندىكى 13 ئۇنىۋېرسىتتىن تەركىپ تاپىدۇ:

بۈگۈن بۇ ئۇنىۋېرسىتلارنىڭ ھەممىسىدە بولۇپ، جەمئى 336 مىڭ ئوقۇغۇچى بىلىم ئالىدۇ. ئۇنىۋېرسىتلار نامىنىڭ سانلاشتۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ياكى نام دەرىجىسىگە قاراپ ئەمەس بەلكى قۇرۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى-كىينلىكى بويىچە بېرىلگەن.