Jump to content

پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى

ئورنى Wikipedia

پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى دەرسلىرى :

تىل دەرسلىرى : دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئۈچۈن، ئۈچ يىلدىن بېرى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئانا تىل سىنىپلىرى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇلىدۇ. باشقا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى دەرسىدىن باشقا، ئىنىستىتۇت يەنە فىرانسىيەگە كېلىپ ئۆزلىشىش ۋە سىڭىش ئۈچۈن ياردەمدە بولىدىغان فىرانسۇز تىلى دەرسى، ئۈگىنىش نىيىتى بولغان ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تۈرك تىلى ۋە ئېنگىلىز تىللىرى دەرسى تەسىس قىلىندى.

ئۇسۇل دەرسى : خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەشھۇر بولغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئەرەب، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندى پۇراقلىرى بىرلەشكەن، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نەپىس ۋە مۇرەككەپ ئۇسسۇل بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۈگىتىش بۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى باش تارتىپ بولالمايدىغان بىر ۋەزىپە.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]