پارىژ مېتروسى

ئورنى Wikipedia
مېترو كىرىش ئېغىزى
مېترو بېلىتى ماشىنىسى
پارىژ مېترو خەرىتىسى


پارىژ مېتروسى (Métro de Paris فرانسۇزچە "مېتغو دۆ پاغى" دەپ ئوقۇلىدۇ)
قۇرۇلۇش ۋاقتى 1900
ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 214 كېلومېتىر
لىنىيە سانى 16
بېكەت سانى 300
رېلىس كەڭلىكى 1435 مىللىمېتىر
ئىگىدارچى ئورۇن راتېپې
سۈرئىتى سائىتىگە 20 كېلومېتىر
ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 80 كېلومېتىر

پارىژ دۇنيادا ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى ئەڭ تەرەققى قىلغان شەھەرلەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. پارىژ مېتروسى قۇرۇلۇش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، لايىھە ۋە ياسىلىشىنىڭ يېڭى سەنئەت ئالاھىدىلىكى بىلەن پارىژ شەھرىنىڭ گۈزەل قۇرۇلۇشلرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. جەمئى 214 كېلومېتىرلىق ئارىلىقنى تۇتاشتۇرىدىغان 16 لىنىيەلىك پارىژ مېترولىرى پارىژ شەھەر مەركىزى ۋە يېقىن ئەتراپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پارىژنىڭ بىرىنچى مېتروسى 1900-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر بارلىق لىنىيەلەر تەرەققى قىلدۇرۇلغان. پارىژ مېتروسى پارىژ بىرىنچى قاتناش دائىرىسى بولغان پارىژ شەھەر مەركىزى ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى قاتناش دائىرىسىگە كىرىدىغان يېقىن شەھەر ئەتراپلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ. قالغان دائىرىلەرنى شەھەر پويىزى بولغان "ئەرۆئەر" ۋە شەھەر ئەتراپى پويىزلىرى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا، ترامۋاي ۋە ئاپتوبۇسلارمۇ بار.

پارىژ مېترو لىنىيەلىرى ئىچىدە پەقەت 14-يوللا شوپۇرسىز ئاپتوماتىك ھالدا ماڭىدۇ. بۇ لىنىيە 90-يىىللارنىڭ ئاخىرى ياسالغان. 2006-يىلىدىكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، پارىژ مېتىروسى ھەر كۈنى 3،9 مىليون يولۇچى توشۇيدۇ ۋە يولۇچى سانى دۇنيادا موسكىۋا، توكيو، مېكسىكا شەھرىدىن كىيىن، 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. بېكەت سانى 300 گە يەتكەن بولۇپ، نيو-يوركتىن قالسىلا، دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بىلەن، نيو-يورك، لوندون، مادرىد، سېئول، توكيو ۋە موسكىۋانىڭ ئارقىسىدىن، دۇنيادىكى 7-ئۇزۇن لىنىيەلىك مېترو ھېساپلىنىدۇ.

پارىژ مېتروسى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى راتېپې شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ. بۇ شىركەت مېترودىن باشقا بارلىق پارىژ شەھرىئاپتوبۇسى، تۆت ترامۋاي لىنىيەسىنىڭ ئۈچىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.


مېترو لىنىيە بېكەتلىرى:


1-يول بېكەتلىرى
2-يول بېكەتلىرى
3-يول بېكەتلىرى
4-يول بېكەتلىرى
5-يول بېكەتلىرى
6-يول بېكەتلىرى
7-يول بېكەتلىرى
8-يول بېكەتلىرى
9-يول بېكەتلىرى
10-يول بېكەتلىرى
11-يول بېكەتلىرى
12-يول بېكەتلىرى
13-يول بېكەتلىرى
14-يول بېكەتلىرى