پار ماشىنىسى

ئورنى Wikipedia

پار ماشىنىسى پار ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن مېخانىك قايتىلانما ھەرىكەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ماشىنا. پار ماشىنىسىنىڭ بارلىققا كبلىشى 18-ئەسىردىكى سانائەت ئىنقىلابى پەيدا قىلغان. تاكى 20-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگۈچە ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچكە جايلاشقان.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :پار ماشىنىسى


باشقا نامى :ھور ماشىنىسى

چەتئەلچە نامى :steam engine

ئىسلاھ قىلىپ ياخشىلىغۇچى :ۋات

كەشپ قىلغۇچى :شىلو

كەشپ قىلىنغان ۋاقتى :1785-يىلى

چۈشەندۈرۈلىشى[تەھرىرلەش]

پار ماشىنىسىئەنگلىيەلىك جامىس ۋات ئالدىنقىلارنىڭ تەجىربىلىرى ئاساسىدا، پار ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ چىققان. 1783-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى قوش يۆنىلىشلىك پار ماشىنىسى بارلىققا كەلگەن. كېيىن بۇ خىل پار ماشىنىسى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق،، سانا.ەت تارماقلىرىدا ئۇمۇملاشتۇرۇلغان. پار ماشىنىسى كەشىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن زامانلار «پار دەۋرى» دەپ ئاتىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ قالغان.

كەشىپ قىلىنىشنىڭ سەۋەبى[تەھرىرلەش]

1492-يىلى كولۇمبو ئامېرىكا قىتئەسىنى تاپقاندىن تارتىپ 1727-يىلى نيۇتون ۋاپات بولغانغا قەدەر 235 يىللىق جەريانىدا، ئەنگلىيەدىكى ياش بۇرژىئازىيە سىنىپى ئىپتىدائىي جۇغلانما باسقۇچىنى تاماملاپ بولغان. دۇنيا بازىرى شەكىللەنگەندىن كىيىن، ئەنگلىيە بۇرژىئازىيەسى يولغاقويغان «قۇرۇقچىلىق ھەرىكىتى» توقۇمچىلىق ئاساسىدىكى كاپتالىستىك قول سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتىكە بولغان. ئەنگلىيە بۇرژىئازىيەسى زور پايدا يارىتىپ بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، تېخنىكا يېڭىلاشقا مۇھتاج بولغان. قىسقىسى، نيۇتون دەۋرىدىكى ئىلىم-پەن تېخنىكا ئىقىلابىنى ھامىلە قىلغان.

18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كەشىپ قىلىنغان پار ماشىنىسى تۇقۇمچىلىق مېخانىكىلىرىنى تەدىرىجىي ئىسلاھاتقا يۈزلەندۈرگەن. مىسالەن: 1733-يىلى مېخانىك كېئاي ئۇچرا موكىنى كەشىپ قىلغان؛ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كىيىن، جون ۋايت بىلەن لۇيىس پائۇل چاقلىق ئېگىرىش ماشىنىسىنى ياساپ چىققان؛

1765-يىلى توقۇمىچى خارگراۋىس تاق ئورچۇقلۇق ئېگىرىش ماشىنىسىنى كۆپ ئۇرچۇقلۇققا ئۆزگەرتىپ، «جېننې» بەلگىلىك ئېگىرىش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىپ، ئېگىرىش ماشىنىسىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى نەچچە ئون ھەسسە ئاشۇرغان؛

1769-يىلى ساتىراش ئاركلاي سۇ بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تۇكلۇقلۇق ئېگىرش ماشىنىسى كەشىپ قىلغان.؛

1774-يىلىدىن 1779-يىلىغىچە بالا ئىشچى بولغان زاۋۇت خوجايىنى كرومپتون خارگراۋىس بىلەن ئاركلاي كەشىپ قىلغان ئېگىرىش ماشىنىلىرى ئاساسىدا ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، يىپنى تەكشى ۋە پىششىق ئېگىرىدىغان يېڭىچە ئېگىرىش ماشىنىسىنى ياساپ چىققان؛

1785-يىلى باستېر كارتۋرايىت ئېنېرگىيە بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان توقۇش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان، بۇ ماشىنىنىڭ ئشقا سېلىنىشى بىلەن پۈتكۈل زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا بۇلۇپ بىلەن بىرگە، يەنە ئېنېرگىيەگە بولغان يېڭى ئېھتىياج كېلىپ چىققان.

5پارچەپار ماشىنىسىگلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ياسايدىغان ئىشچى بۇلۇپ ئىشلىگەن ۋات (1736-1819) 1784-يىلى نېۋكومان ياسىغان ھاۋا بېسىمى ماشىنىسىنى ھەر قايسى سانا.ەت تارماقلىرىدا ئۇمۇملاشتۇرغىلى بولدىغان ئېنېرگىيە ماشىنىسىغا ئۆزگەرتىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن ۋاتنىڭ سانائەتتىكى ئىسسقلىق ئېنېرگىيەسىنى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشتەك بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتنى ئۇنىڭ ئىسمىنى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ سېمۋولىغا ئايلاندۇرغان.

1763-يىلنىڭ ئاخىرى، ۋات ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا تەجىربىخانىسىدا نېۋكومان ياسىغان پارلىق سۇ پومپىسىنى رېمۇنت قىلىۋېتىپ، سۇ پومپىسى سېلىندېرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل كوندېنساتور ئىكەنلىكىنى، پورژېن بىر قېتىم ھەرىكەتلىنىپ بولغاندىن كىيىن، سۇۋۇتۇلغان سېلىندېرنىڭ ئىچكى ھارارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ خىل پار ماشىنىسىدا زور مىقداردىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى سېلىندىرنى قىزىتىشقا سەرپ بۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنداق قىلىپ ۋات سېلىندىر بىلەن كوندېنساتورنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئۈسكۈنە قىلىپ لايىھەلەپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا، پار ماشىنىسى سېلىندىرىنى ئۈستىگە ئىتتىرگەن چاغدا بېكىتىلگەن يۆنىلىش بويىچە ئېچىلدىغان كلاپان بېكىتكەن.

1769-يىلى ۋات يەنە سېلىندىرنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدىن نۆۋەتلىشىپ كىردىغان قوش يۆنىلىشلىك پار ماشىنىسىنى لايىھەلەپ چىققان. بۇ خىل ئۈسكۈنىدە پۇرژىن قوش يۆنىلىشلىك ھەرىكەتلەندۈرۈلدىغانلىقى ئۈچۈن، پار ماشىنىسىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.

ۋات 1783-يىلى ئەگىرى ئوق، ماخاۋىك ۋە سېنترىفوگلۇق سۈرئەت تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن قوش يۆنىلقىشلىك پار ماشىنىسىنى ياساپ چىقىپ، پۈتكۈل سانائەت ۋە قاتناش ترانسپورت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئېنېرگىيە ماشىنىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، ھەرىكەت ئۇزىتىش قۇرۇلمىسى ۋە خىزمەت مەشغۇلاتى قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار ماشىنلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

دېمەك، بۇ ___ ئىنسانلار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدا روياپقا چىقارغان بىر قېتىملىق بۈيۈك ئىنقىلاب، شۇنداقلا تەبىئەتنى تۇنۇش ۋى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ئىشقا ئاشۇرغان زور ئىسلاھات.

كەشپىياتىنىڭ تەسىرى[تەھرىرلەش]

6پارچەپار ماشىنىسىپار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلنىشى بىلەن ماشىنا ئارقىلىق ماشىنا ياساشقا تۇلۇق ئىمكانىيەت يارىتىلىپ كۆپ خىللاشقان، كەسىپلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، يېڭى تىپتىكى خىلمۇ خىل باش ئىستانوكلار بارلىققا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ ئەنگلىيەدە ماشىنلاشقان ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىگە ئىگە سانائەت ئىنقىلابى ئەۋجىگە چىققان. بۇنىڭ بىلەن پار ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ياساشتىكى قول مەسغۇلاتىغا خاتىمە بېرىلگەن.

بارلىق سانائەت تارماقلىرىنىڭ ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوراللىنىشقا ئەگىشىپ، سانائەت ئىنقىلابى پۇختا ئاساسقا ئىگە بولغان. نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا، ئەەلىيە دۇنيا بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە سانائەتلەشكەن تۇنجى دۆلەتكە ئايلانغان.

ئەنگلىيەدە سانائەت ئىنقىلابى تاماملانغاندىن كىيىنن، گوللاندىيە بىلەنمۇ بېلگىيەنۇ سانائەت ئىنقىلابىنى باھايىتى تېز تاماملىغان. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى فرانسىيە سانائەت ئىنقىلابىنى باشلىغان ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئۇنى داۋاملاشتۇرغان؛

1776-يىلى ئدمېرىكا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان؛ 1798-يىلى ئامېرىكا كوننېكتكات ئىشتاتىدىكى قورال-تاراغ زاۋتى ماشىنىلاشقان ئۆلچەملىك ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قورال-ياراغ ئىشلەپچىقارغان. بۇ خىل ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېىكىنىڭ جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كىيىن، سانائەتلەشكەن شىمال جەنۇبنى ئۇرۇشتا يېڭىپ، ئاىىرىدا قۇللۇق تۈزۈم بېكار قىلىنغان. خۇددى ماركس ئېيتقاندەك:«پار ماشىنىسىدىن ئىبارەت بۇ كارول، پۈتكۈل دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.» ئېنگلسمۇ پار ماشىنىسى ياراتقان غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى : «ئىنسانىيەتنى ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى بوراندەك شىددەتلىك دەۋرگە باشلاپ كىردى» دەپ تەرىپلىگەن. قىسقىسى، پار ماشىنىسى كەشىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلەندىن بۇيانقى بىر ئەسىر داۋامىدا يارىتلغان ماددىي بايلىق، ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە ياراتقان بايلىقىدىن ئېشىپ كەتكەن.

كەشپىياتقا ئالاقىدار نۇقتىلار[تەھرىرلەش]

7پارچەپار ماشىنىسىۋات شوتلاندىيەنىڭ گرېننوك شەھىرىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ، گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چاغدىلا «ئىشچى ئالىم» دەپ ئاتالغان. ئۇ ئەنگلىيەلىك تېپلومېخانىكا ئالىمى بلاك قاتارلىق ئالىملاردىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئالغان. چېچەن ھەم بىلىملىك ۋات فرانسۇز تىلى، ئىتالىيان تىلى ۋە گېرمان تىلىنى ئۆگەنگەن؛ پەلسەپە، شېئىرىيەت ۋە مۇزىكىغا ھېرسمەن بۇلۇپ، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا كەشپىياتىغا ئۆمۈرلۈك ئىشتىياق باغلاپ، بىر قىسىم مۇھىم كەشپىيات تۈرلىرىگە قاتناشقان.

پار ماشىنىسىدىن ئىبارەت بۇ غايەت كەشپىياتنى تەجىربىخانىدا تاماملاش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى قۇراشتۇرۇش ۋە سىناق قىلىش ئۈچۈن ئۈسكۈنە ۋە ئادەم كۈچى كېتىدىغان بۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن پروفېسور بلاك ۋات نىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنى ئۆزىنىڭ دوستى __ زاۋۇت خوجايىنى روبۇكقا تۇنۇشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ، روبۇك ۋات نىڭ تەتقىقات ۋە تەجىربىسىگە ھەمكارلاشقان. روبۇك ۋەيران بولغاندىن كىيىن، ۋات بولتۇن  ئىسىملىك يەنە بىرەيلەن بىلەن ھەمكارلاشقان. ۋات بولتوننىڭ ياردىمىدە پارماشىنىسىنى ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتىك ياساپ چىققان.

پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان بۈيۈك كەشپىياتچى ۋات نى خاتىرلەش يۈزىسىدىن، خەلقارا ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىچىدىكى ئېنېرگىيە بىرلىكى "ۋات" دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى