پروست

ئورنى Wikipedia

فرانسىيە يازغۇچىسى مارسېل پروست (1871-1922-يىللار) بۇ خىل نەزەرىيەنى ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ئەڭ بۇرۇن قوللىنىپ، پروزىدا ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىش ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، پېرسوناژنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پروست


باشقا نامى :Marcel Proust

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

يۇرتى :فرانسىيە پارىژ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1871-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1922-يىلى

كەسپى :يازغۇچى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى

شەخىس ھەققىدە[تەھرىرلەش]

پروستئامېرىكا پسىخولوگى ۋىليام جامېس ئادەمنىڭ ئاڭ ھەرىكىتىنى «ئېقىن» غا ئوخشاتقان، فرانسىيە پەيلاسوپى بېرگسون «چىنلىق» «ئاڭنىڭ ئايرىلماس دولقۇنى ئىچىدە» مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى بەزى يازغۇچىلار: پروزا ئادەمنىڭ ئاڭ ھەرىكىتىنى ئىپادىلىشى، پروزىچىلار ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇر چۆكۈشى، بولۇپمۇ يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك، دېيىشتى. فرانسىيە يازغۇچىسى مارسېل پروست (1871-1922-يىللار) بۇ خىل نەزەرىيىنى ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ئەڭ بۇرۇن قوللىنىپ، پروزىدا ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىش ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، پېرسوناژنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. غەرب ئەدەبىيات ساھەسى بىلەن ئىلىم ساھەسى ئۇنى ئاڭ ئېقىنى پروزىسىنىڭ باشلامچىسى، ھازىرقى زامان پروزىسىنىڭ ئۇستازى، دەپ قاراشتى.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • شەخىس ھەققىدە
  • مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى
  • «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» ھەققىدە
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى[تەھرىرلەش]

پروستنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى چوڭ رومانى «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» ھېسابلىنىدۇ، كىتاب: سىۋان ئائىلىسىگە بارىدىغان يول، گۈلدەك ياسانغان قىزلارنىڭ قېشىدا، گېلمان ئائىلىسى، سودۇم ۋە گومۇل، ئايال مەھبۇس، قاچقۇن ۋە قايتىلانغان ئۆتمۈشتىن  ئىبارەت يەتتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان.

«سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» ھەققىدە[تەھرىرلەش]

پروست«سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» نىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، ماھارىتى يېڭى. روماندا «مەن» ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ، بىر-بىرىگە ئۇلاشمايدىغان نۇرغۇن ئەسلىمىلەر بايان قىلىنغان. ئەسەردىكى «مەن» ئائىلىسى باياشات، لېكىن كېسەلچان بىر يىگىت، كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ قىلىپ باققان. ئۇ دائىم پارىژدىكى يۇقىرى قاتلام جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ تۇرىدۇ، تۈرلۈك مودا ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىغا تولا بېرىپ تۇرىدۇ ھەم باي يەھۇدىي سودىگەرنىڭ قىزى گىلبېرتقا كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ يەنە ئاربېردنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە سولىۋالىدۇ، ئاربېرد قېچىپ كېتەلمەيدۇ. كېيىن، ئاربېردنى ئاتتىن يىقىلىپ ئۆلۈپ كەتتى، دەپ ئاڭلاب، ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇرۇن يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىلىرىنى تاپماقچى بولىدۇ. ئاپتور ھېكايە ئىچىدىن ھېكايە چىقىرىپ، ھېكايە بىلەن ھېكايىنى گىرەلەشتۈرۈپ، تەكرارلاپ، «مەن» نىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى ۋە قەلب پائالىيىتىنى غول قىلىپ، ئۇنىڭغا كىرىشتۈرۈپ 1000 دىن ئارتۇق پېرسوناژنى تەسۋىرلەپ، فرانسىيەنىڭ 19-ئەسىردىن 20-ئەسىرگە ئۆتۈش مەزگىلىدىكى يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ئادەمگەرچىلىك ئەھۋاللىرىنى سوغۇق قانلىق بىلەن، چىن، ئىنچىكە قايتا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، شۇڭلاشقا بەزىلەر «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» نى بالزاكنىڭ «ئىنسان كومېدىيىسى» بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، «مەشھۇر كومېدىيىلەر» دەپ ئاتىغانىدى.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

«سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» دە بارلىق ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىت خورىتىپ بولىدۇ، پەقەت ھېس قىلغانلىكى، باشتىن ئۆتكەنلىكى نەرسىلەرلا ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، پانىي ئالەمدىكى «ھەقىقىي جەننەت، ئاللىقاچان يوقاتقان جەننەتتۇر»، پەقەت ئەسلەش ئارقىلىقلا، ئىلگىرىكى ھېسسىي تەجرىبىلەرنى قايتا ئىجاد قىلغاندىلا، تۇرمۇش ئاندىن ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولىدۇ، ئاندىن ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتى بولىدۇ، دېگەننى ئىزاھلىماقچى بولىدۇ. بۇ روشەنكى، بېرگسۇننىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ پروستنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئەكس ئېتىشى. پروست كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقنىڭ ئورنىغا ئەسلىمىنى قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ ئورنىغا ئىچكى تەسىراتنى قويۇپ، رومان توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۆزقاراشنى ئۆزگەرتتى، روماننىڭ تېمىسى ۋە يېزىش ماھارىتىنى يېڭىلىدى.