پلانېر تەنھەرىكىتى

ئورنى Wikipedia

پلانېر تەنھەرىكىتى تەنھەرىكەتچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولمىغان پلانېر بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ھەرىكىتىدۇر. دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان ھازىرقى زامان پلانېر تەنھەرىكىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى گېرمانىيىلىك لىلېنتار بولۇپ، ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پلانېر ياساپ چىققان ھەمدە ئۆزى2000 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچقان.

پلانېر تەنھەرىكىتى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بۇ، تەنھەرىكەتچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولمىغان پلانېر بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ھەرىكىتىدۇر. دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان ھازىرقى زامان پلانېر تەنھەرىكىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى گېرمانىيىلىك لىلېنتار بولۇپ، ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پلانېر ياساپ چىققان ھەمدە ئۆزى2000 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچقان.

پلانېرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇرۇلمىسى بولمىغاچقا، ئايروپىلاننىڭ ياردىمى ياكى چىغرىقنىڭ تارتىشى، ياكى بولمىسا رېزىنكىنىڭ قاڭقىتىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. پلانېر سىرتقى كۈچنىڭ ياردىمىدە بوشلۇققا ئۆرلەپ چىققاندىن كېيىن، ئۆز ئەركىدە ئۇچۇپ، ئاتموسفېرادىكى ئېگىزگە ئۆرلەۋاتقان ھاۋا ئېقىمىدىن دەل جايىدا پايدىلىنىپ پلانېرنى ئۇزۇن ۋاقىت بوشلۇقتا ئۇچۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق بوشلۇقتا تۇرۇش ۋاقتى، ئۇچۇش ئېگىزلىكى، ئۇچۇش سۈرئىتى ۋە ئۇچۇش ئارىلىقلىرىدا رېكورت يارىتىلىدۇ.

پلانېر ھەرىكىتى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئېلىمىزگە كىرگەن. 1931-يىلى ئېلىمىزدە تۇنجى ھازىرقى زامان پلانېر بارلىققا كەلگەن. 1956-يىلىدىن باشلاپ ئېلىمىزنىڭ ئاز بولمىغان جايلىرىدا پلانېر تەنھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋىئاتسىيە كۇلۇبلىرى قۇرۇلۇپ، مەملىكىتىمىزگە بىر تۈركۈم پلانېر تەنھەرىكەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن.