Jump to content

پورتال:تارىخ

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلار تارىخى يىلنامىلەر

[تەھرىرلەش]
ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر يىلنامىسى
[تەھرىرلەش]

مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئالتۇن تاغ (ئالتاي تېغى) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇزىمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .

مىلادى 4 -ئەسىرلەردە تۇغلۇقلار جەنۇپقا پىيادە يۈرۈش قىلدى. شەرقى تۇغلۇقلار ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا، غەربى تۇغلۇقلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋەغەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى. بۇچاغقا كەلگەندە تۇغلۇقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى تۇرالار دىگەن نام ئىگەللىدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئىگىز بولغانلىقتىن ، ئىگىز قاڭقىللار( ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپمۇئاتالدى. ئون ئوغۇز دېگەن نام بارلىققا كەلدى. بىرقىسىم قاڭقىللارنىڭ سىلىنگادالاسىدا ياشىدى. مىلادىنىڭ 429-يىلى بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئېگىز قاڭقىللارنىڭ شەرقىي قىسمىدىكىلەردىن نەچچە ئونمىڭ كىشى ۋېي سۇلالىسىگە ئەل بولدى. مىلادىنىڭ487-يىلى ئىگىز قاڭقىلار بوركلى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاۋۇزلۇ چوڭچىلار ، ئۆزقەۋمىدىن 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ ئېگىز قاڭقىلارنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈپ بېرىپ ، ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلىدى. مىلادىنىڭ 490-508-يىللىرى مىلادى 490- يىلى ئاۋۇزلۇ سودىگەر خۇيۇ جېنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ ئىككى دانە ئوقيا تەغدىم قىلدى....

مىلادى 951-يىلى
[تەھرىرلەش]

قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جۇسۇلالىسى پادىشاھىغا تۇتۇق ئەۋەتىپ ، ئىچكىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى، مەدەنىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن .كېيىنكى جۇسۇلالىسى ھۆكىمىتى تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان خەلق ئوتتۇرسىدىكى سودىنى كەڭ قۇيۋەتكەن . ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاساسلىقى قاش تېشى، يۇڭ،تېرە، دورا-دەرمەكلەرنى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرغان .

مىلادىنىڭ 956-يىلى
[تەھرىرلەش]

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى . ئوغلى بايتاش ( مۇسا بىننى ئابدۇكېرىم) خانلىققا ۋارىسلىق قىلىدى ۋە ئۆزىنى « ئارىسلانخان»دەپ ئاتىدى ۋە قەشقەردە تۇردى .سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 2- ئوغلى سۇلايمان بالا ساغۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

مىلادىنىڭ 960-يىلى 200
[تەھرىرلەش]

مىڭ ئۆيلۈك تۈرۈك خەلقى ئىسلام دىنىغا كىردى . مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ئارىسلانخان ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى

ئۇيغۇرلار تارىخى رەسىملىرى ۋە تارىخى يىلنامىلە

مىلادىنىڭ 981-يىلى
[تەھرىرلەش]

ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى ئۆزىنى شىجۇدىكى جىيەن شىر ئارسلانخان دەپ ئاتاپ ، موسوۋىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى . سۇڭ سۇلالىسىمۇ ، جاۋابەن ۋاڭيەندى قاتارلىقلارنى سۇجۇغا ئەۋەتتى.

مىلادىنىڭ 982-يىلى
[تەھرىرلەش]

ۋاڭ يەندى بەشباللىقتا ئۇيغۇر خانى بىلەن كۆرۇشتى. ئىدقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تارتۇق تەقدىم قىلدى . 983- يىلى ۋاڭ يەندى قايتىدىغان چاغدا ، ئىدىقۇت پادىشاھى 100 كىشلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى.

مىلادىنىڭ 990-يىلى
[تەھرىرلەش]

قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇغراخان ھەسەن لەشكەرتارتىپ ئىسىپىجان شەھرىنى ئالدى. مىلادىنىڭ 992-يىلى بۇغراخان ھەسەن ماۋرا ئۈنھەرىگە ھۇجۇم قىلىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئشغال قىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ سامانلار خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى.

مىلادىنىڭ 999-يىلى
[تەھرىرلەش]

قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئلىك ناسىرى سامانلار خانىلىقىنى ئۇزۇل -كېسىل يوقاتتى. <

مىلادىنىڭ 1069-1070-يىللىرى
[تەھرىرلەش]

بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادقۇ بىلىك » داستانىنى يېزىپ چىقتى.

مىلادىنىڭ 1072-1074يىللىرى
[تەھرىرلەش]

قەشقەرلىك مەھمۇت قەشقىرى « تۈركى تىللار دىۋانى »نى يېزىپ چىقتى.

مىلادىنىڭ 1141-يىلى
[تەھرىرلەش]

غەربىي لياۋ لەشكەرلىرى سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى كاتۋان يايلىقىدا سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتى ، سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى يىڭىلىپ قالدى. ماۋرا ئۈنەھرى رايونى لياۋنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن غەربىي قارخانىيلار سۇلالىسى غەربىي لياۋغا قارام بۇلۇپ

مىلادىنىڭ 1211-يىلى.
[تەھرىرلەش]

نايمانلار خانى كۈچلۈك گورخان غەربىي لياۋ پادىشاھى چورۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .

مىلادىنىڭ 1212-يىلى
[تەھرىرلەش]

خارەنزىم شاھى مۇھەممەت بىننى مەسئۇد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ ، غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئوسمان بىننى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى. غەربىي قاراخانىلارسۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى.

مىلادىنىڭ 1219-يىلى
[تەھرىرلەش]

چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ چىقىپ غەرىبكە يۈرۈش قىلدى . قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى تۈمەنمىڭ لەشكەربىلەن چىڭگىزخانغا قوشۇلدى . مىلادىنىڭ 1225-يىلى چىڭگىزخان ئۆزى بويسۇندۇرغان جايلارنى ئوغۇللىرىغا قەقسىم قىلىپ بەردى . 2- ئوغلى چاغاتاينغا ۋە 3- ئوغلى ئوگدايغا غەربتىكى كەڭ زىمىننى بەردى . قوجۇ ئىدىقۇت مۇڭغۇللارغا ھەممىدىن بۇرۇن قارام بولدى. شۇڭا قۇجۇ رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارمىقىدا بولىۋەردى .

مىلادىنىڭ 1251-يىلى
[تەھرىرلەش]

مۇڭغۇللار بەشباللىق قاتارلىق جايلاردا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتى تەسسىس قىلىپ ، غەربىي رايوننىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى . بۇ تارىختا غەربىي رايون بويىچە ھەممىدىن ئەۋزەل تەسسىس قىلىنغان ئۆلكە ۋازارىتى ئىدى.

مىلادىنىڭ 1274-يىلى
[تەھرىرلەش]

يۇەن سۇلالىسى ئودۇن ، يەركەنلەردە 13 سۇلۇق ئۆتەڭ قۇردى ۋە خوتەن قاش تېشى ئىشچىلىرىنى ھاشغا تۇتۇشنى كەچۈرۈم قىلدى.

مىلادىنىڭ 1275-يىلى
[تەھرىرلەش]

چاغاتاينىڭ نەۋىرسى دۇۋا قاتارلىقلار 12 تۈمەن لەشكەر تارتىپ چىقىپ، قۇجۇنى ئالتە ئايغىچە مۇھاسىرە قىلۋالدى . ماھاسىرە تۈگىگەندىن كېيىن ئىدىقۇت قۇجۇنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇلدا بوز يەر ئاچتى.

مىلادىنىڭ 1324-1328-يىللىرى
[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلار زىمىنىغا كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

مىلادىنىڭ 1346-يىلى
[تەھرىرلەش]

مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پىداجى چاغاتاي جەمەتىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى خانلىققا كۆتۈردى( ئاقسۇدا).

مىلادىنىڭ 1370-يىلى
[تەھرىرلەش]

چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرىز بولدى .

مىلادىنىڭ 1383-يىلى
[تەھرىرلەش]

تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلى قىدىر خوجا بەشباللىقنىڭ چاغاتاي خانىلىقىغا كۆتۈرۈلدى.


مىلادىنىڭ 1680-يىلى
[تەھرىرلەش]

17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار « ئاق تاغلىق » « قارا تاغلىق» « ئاق تاقىيە» « قارا تاقىيە» دەپ ئىككگە بۆلۈندى ، ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى . 17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىدىيەرت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى . يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا قاغلىقلارنى قوللاپ ،ئاق تاغلىقلار نىڭ غوجىىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى . ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ ، جەنۇبى شىنجاڭ دىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى. شۇيىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى . بۇ قورچاق خانلىق ھەريىلى جۇڭغارلارغا 100 مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت ، 100 مىڭ ئۇلاغ ماتاچەكمەن تۆلىدى.

مىلادىنىڭ 1696-يىلى
[تەھرىرلەش]

جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان ئۆلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . جەنۇبىي شىنجاڭدىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى.

مىلادىنىڭ 1700-يىلى
[تەھرىرلەش]

چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساققىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى.

مىلادىنىڭ 1755-يىلى
[تەھرىرلەش]

چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ،ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .

مىلادىنىڭ 1759-يىلى
[تەھرىرلەش]

چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى لەشكەر تارتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ خوجا ( بۇرھاندىن خوجا ۋە خوجا جاھان ) لارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭ رايونىنى يىڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى.

مىلادىنىڭ 1762-يىلى
[تەھرىرلەش]

چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭغا قارىتا ھەربىي مەككىمە تۈزىمىنى يولغا قويۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭ نىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنى تەسس قىلدى. جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلىدىن كۈرەدە تۇردى . ئۇنىڭ قارمىقىدا ، مەسلىھەتچى ئامبال ، دوتۇڭ ، ئىش باشقۇرغۇچى ئامبال ، لەشكەر بېشى ئامباللار بېكىتىلدى. ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بەگلەرنىڭ نەسەپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىش تۈزىمى بىكار قىلىنىپ ، بەگلەرنىڭ ھۇقۇقىنى چەكلىدى ۋە تارقاقلاشتۇردى.

مىلادىنىڭ 1765-يىلى
[تەھرىرلەش]

ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا ، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئېزىشىگە قارشى قوزغىلىپ ئۈچتۇرپاننى ئازات قىلدى . قوزغۇلاڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى.چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قەشقەر ، ئاقسۇ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئەسكەر يۆتكەپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى .

مىلادىنىڭ 1815-يىلى
[تەھرىرلەش]

قەشقەر ئۇيغۇرلىرى زىياۋۇدۇنىڭ رەھپەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىگە قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈردى ، بۇۋەقە چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا يېزىلغان كىتابلاردا «زىياۋىدىن ۋەقەسى » دەپ ئاتالدى.

مىلادىنىڭ 1822-1828-يىللىرى
[تەھرىرلەش]

بۇرھاندىن خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلىڭىغا باشچىلىق قىلدى. 1826-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لەشكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى باستۇردى . 1828-يىلى جاھانگىر خوجىنى ئەسىر ئىلىپ ، بېيجىڭغا باردى ، ۋە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى.

مىلادىنىڭ 1848-يىلى
[تەھرىرلەش]

جاھانگىر خوجىنىڭ جىيەنى مۇھەممەت ئىمىن (كاتتا خوجا ) بىلەن ۋەلى خان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يەتتە خوجا قوقەندىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتتى . جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. خەلق بۇلاڭ-تالاڭ غا ئۇچرىدى.

مىلادىنىڭ 1857-يىلى
[تەھرىرلەش]

ۋەلىخان تۆرە يەنە بىر قىتىم توپىلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ، بىر قانچە قېتىملىق خوجىلار توپىلىڭىنىڭ كېڭىيىشى ئىدى . توپىلاڭ تۆت ئاي داۋاملاشتى . چىڭ سۇلالىسى توپىلاڭنى ئاخىر تىنچىتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالۋاڭ -ياساققا ، خورلۇققا قارشى قوزغۇلاڭ كۈتۈردى . قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە بىرئاز يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.

مىلادىنىڭ 1864--يىلى
[تەھرىرلەش]

كۇچاردىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ خەلىقلىرى ئالۋاڭ -ياساق، خورلۇق ، سىتەمگە قارشى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغۇلاڭ كۆتۈردى. قوزغۇلاڭ يالقۇنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىڭى رايونلارغا كېڭىيىپ ،شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغۇلۇڭى بۇلۇپ شەكىلەندى .

مىلادىنىڭ 1865-يىلى
[تەھرىرلەش]

قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، بىر -بىرىگە بىقىنمايدىغان بەش ھاكىميەت شەكىللەندى. ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ تودىلىن ھاكىمىيتى، كۇچاردا راشىدىن خوجا ھاكىميىتى، قەشقەردە سىدىق بەگ ھەكىميىتى ، جىڭ شاڭيىڭ خۇيزۇ ھاكىميىتى، ئىلىدا مىزامزات ھاكىميىتى مەيدىنغا كەلدى. قەشقەردىكى سىدىق بەگ بىلەن شاڭيىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قوقەند خاندانلىقىدىن ياردەم سورىدى. قوقەند خاندانلىقى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجا بىلەن قوقەند نىڭ قۇربىشى ياقۇپ بەگنى لەشكەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئەۋەتتى

مىلادىنىڭ 1865-1867-يىللىرى
[تەھرىرلەش]

ياقۇپ بەگ قەشقەر، يەكەن ،خوتەن ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچار ، كورلا ، قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلىپ ، ئۆزىنى « بەدۆلەت» دەپ ئاتاپ قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى . مىلادىنىڭ 1870-يىلى ياقۇپ بەگ نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلدى. شىمالىي شىنجاڭدا ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى ماناسقىچە كېڭەيدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىرقىسىم رايونلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .

مىلادىنىڭ 1875-يىلى
[تەھرىرلەش]

چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي داجىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دوبەنى قىلىپ تەيىنلىدى . مىلادىنىڭ1876-يىلى زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ، ياقۇپ بەگكە ھۇجۇم قىلدى. فۇكاڭ ، كومودى، ئۈرۈمچى ، قاتارلىق جايلانى قايتۇرۋىلىپ ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى .

مىلادىنىڭ1877-يىلى
[تەھرىرلەش]

چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان ، توقسۇن ، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگ كورلىدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى .

چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ كورلا ، كۇچار ، باي ، ئاقسۇ لارغا كىردى . ياقۇپ بەگ 14 يىل ئىشغال قىلغان قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن ، خوتەنلەرنىمۇ ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋامقىلىپ 1878 - يىلى 1- ئايدا غالىبە بىلەن ئاخىرلاشتى. مىلادىنىڭ 1884-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭنى مەمۇرى ئۆلكىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاپ ، ليۇ جىڭتاڭنى پاشاپ بەگلىككە ، خې كوڭتاڭنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئامباللىقىغا تەيىنلىدى . 1885 - يىلى ليۇ جىڭتاڭ قاتارلىقلار ئارقا -ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ۋەزىچىگە ئولتۇردى

مىلادىنىڭ 1911-يىلى
[تەھرىرلەش]

جۇڭگودا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىي پارتىلدى . ليۇ شەنجۇن باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغۇلاڭ كوتۈردى . قوزغۇلاڭغا « گېلاۋخۇي» جەميىتىنىڭ ئەزالىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .

مىلادىنىڭ 1912-يىلى
[تەھرىرلەش]

ياڭ زەيشۇي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلار ئىلىدا قورالىق قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . ئىلى چىگرا مۇداپىئەسىدە تۇرۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىنى تېزلا تارمارقىلىپ ئىلىنى ئىشغال قىلدى. ئىلى جاڭجۈنى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، مانجۇ ، مۇڭغۇل ، زاڭزۇ لاردىن ئىبارەت « بەش مىللەت ئورتاق ئىلگىرلەش جەميىتى » ۋە« يىڭى ئىلى چوڭ دودو مەھكىمىسى » قورۇلدى . ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى قوشۇنى شەرىققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، جىڭ ناھىيەسىدە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تارمار قىلدى . شىنجاڭنىڭ پاششەپ بېگ يۇەن داخۇ جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى .

شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە ئامبىلى قوشۇمچە ئۈرۈمچىنىڭ ۋالىسى ياڭ زىشىن دودو لىققا تەيىنلەندى. شۇ يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ياڭ زىشىن ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈلدى . خوتەندە چىريە ناھىيسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى يەنى « چىرا ۋەقەسى » پارتىلدى .

مىلادىنىڭ 1928-يىلى
[تەھرىرلەش]

بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە بولغان ، كونا سىياسەتنى ئسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدىغان فەن ياۋنەن باشچىلىقىدىكى بەزى ياش ئەمەلدارلار 7 - ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قىلپ ، ياڭ زىشىننى ئۆلتۈردى. بۇۋەقە شىنجاڭدا « 7 -ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالدى. سىياسىي تېزلابېشىق تۇرۇلدى . شىنجاڭ مەمۇرى ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جىڭشۇرىن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كۈرگۈزۋالدى. مىلادىنىڭ1931-يىلى قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتىلدى . گەنسۇدىكى خۇيزۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ جىڭشۇرىن قىسىملىرىغا زەربە بەردى . ئۇزاق ئۆتـمەي بۇ قوزغۇلاڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى.

مىلادىنىڭ1933-يىلى
[تەھرىرلەش]

4-ئاينىڭ 12 -كۈنى جىڭشۇرىن ھۆكىمىتىدىكى ياش ئەمەلدار تاۋمىڭيۇ ،ئۈرۈمچىنى مۇداپىئە قلۋاتقان ئاق ئورۇس سالداتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ جىڭشۇرىننى ھەيدىۋىتىپ ، ليۇۋىنلۇڭنى ۋاقىتلىق ھۆكمەتنىڭ رەئىسى ، شىڭ شىسەينى چىگرا مۇداپىئە دوبەنى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شۇيىلى 11-ئايدا قەشقەردە سابىت داموللا «شەرقىي ئىسلام جۇمھۇرىيتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى . ئەمما جۇڭگودىن ئايرىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى

مىلادىنىڭ 1935-يىلى
[تەھرىرلەش]

مۇشۇ يىلى 6-ئايدا يوشۇسۇڭ قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ، تەشۋىقات ،تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ تەسىرنى كېڭەيتتى. شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەككەملەش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە سوۋىت ئىتپاقى بىلەن دوست بۇلۇش ، كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش پوزىت سىيىسىنى بىلدۈردى . ئۇ جۇڭگو كومىنىستىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە تەسىرى ئاستىدا ،«جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش'» ،« سوۋېت بىلەن دوست بۇلۇش »،« مىللەتلەر ھوقۇقى باراۋەر بۇلۇش»، «تىنىچلىقنى ساقلاش »،« شىنجاڭنى ئىسلاھ ۋە تەمرقىلىش» دېگەن ئالتە بۇيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا قويدى. مىلادىنىڭ 1937-يىلى 9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچىدە 9- يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باشقارمىسىنى قۇردى . بۇ دەسلەپ قۇرۇلغاندا چىڭ يۈن مەسئول بولغان ئىدى ، كېيىن دىڭفا، چىڭ تىيەنجۈ لەر مەسۇل بولدى

مىلادىنىڭ 1391-يىلى
[تەھرىرلەش]

قىدىرخان خوجا ئەلچى تەيىنلەپ مىڭ سۇلالىسىگە تارتۇق ئەۋەتتى . مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىمۇ ئەلچى تەيىنلەپ قىدىرخان خوجىغا نامەيوللاپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىزھالىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلار يىلىغا قەدەر قىدىر خوجا ھەريىلى دېگۈدەك مىڭ سۇلالىسىغا تارتۇق ئەۋەتتى . مىلادىنىڭ1403-يىلى قۇمۇل ۋاڭى ئوڭغۇ تۆمۈر مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ 4700 ئات تارتۇق قىلدى. مىڭ سۇلالىسىمۇ پۇل قايتۇردى. تارتۇق قىلىنغان ئاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چىگرا قوغدۇغۇچى ئاتلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى .

مىلادىنىڭ 1404-يىلى
[تەھرىرلەش]

مىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى قۇمۇل ۋاڭنى ئوڭغۇ تۆمۈرنى ساداقەتلىك ، ئىتائەتمەن دەپ ئاتىدى. ھەم ئالتۇن مۆھۈر ئىنھام قىلدى

مىلادىنىڭ 1942-يىلى
[تەھرىرلەش]

شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارلىدى . شۇ يىلى 9- ئايدا چىڭ تىيەنجۇ ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنى قولغا ئالدى ۋە 150 نەپەر كىشىنى نەزەربەند قىلىپ كېيىن ئۇلارنى تۈرمگە قامىدى . مىلادىنىڭ1943-يىلى چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار شىڭ شىسەي تەرپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلدى .

مىلادىنىڭ 1942-يىلى
[تەھرىرلەش]

شىڭ شىسەي ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرپىدىن دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ۋازارىنىڭ ۋازىرلىقىغا تەيىنلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىن كەتتى. شۇ يىلى 9 - ئايدا نىلقا ناھىيسىنىڭ خەلقى ئات تەقدىم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى . 11- ئايدا خەلىقمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غۇلجىنى ئىشغال قىلدى ، ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۆكىمىتىنى قۇردى. قوزغۇلاڭ ناھايىتى تېزلا ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتكە كېڭەيدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى» قۇرۇلدى .

مىلادىنىڭ1946-يىلى
[تەھرىرلەش]

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 10- ئايدىن باشلاپلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . 1946- يىلى 6- ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئمزالاندى . ئىلخان تۆرە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ، ئەخمەتجان ئەپەندى جۇمھۇرىيەت مۇئاۋىن رەئىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف باش كاتىپ بولدى . مىلادىنىڭ 1947-يىلى مۇشۇ يىلى 2- ئاينىڭ 25 -كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «25- فېۋرال» ئەكسىيەتچىلىك ۋەقەسىنى پەيداقىلىپ ، «تىنىچلىق» بىتىمىنى يىرتىپ تاشلىدى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ھۆكىمەت رەھبەرلىرى ئىلىغا قايتىپ كەتتى . 5-ئايدا ئىلخان تۆرە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ رەئىسى بولدى .

مىلادىنىڭ 1949-يىلى
[تەھرىرلەش]

8- ئاينىڭ 22-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ،ئېسھاق بېك ، دەلىلقان سۈرگۈن بايوف ۋە لوجىسلارجۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناسماقچى بولۇپ يولغا چىقتى . ئۇلارنى مەخسەتلىك ئايرۇپىلان قازىسى بىلەن قەستلەپ ئۆلتىرىۋەتتى. شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 25-26 - كۈنى خىتاي كومىنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ئىشغالىتىنى باشلىدى . ...... 1949 -يىلى 10-ئايدىن 1951-يىلى 1-ئايغىچە خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى رەسمىي ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ئىشغال قىلدى . شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۇخرالىرى تاكى بۈگۈنگە قەدەر قىرغىن قىلىش، ئاسمۇلاتسىيە ۋە بۇلاڭ تالاڭ قىلىنىپ كەلدى ھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ.