پوۋېست

ئورنى Wikipedia

قىسسە خاراكتېرىدىكى ئېپىك نەسرى ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. پوۋېست ھېكايىدىن شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، ئۇنىڭدا بىر ئەمەس بىر نەچچە ۋەقە تەسۋىرلىنىدۇ، كىشى ھاياتىنىڭ، يەنى ئەسەردىكى شەخس ھاياتىنىڭ بىر دەۋرى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئەخەت تۇردى يازغان <قىيانلىق دەريا>، ف. جېلىل يازغان <مېھرىبان>، سەمەت دۇگايلى يازغان <كىچىك لەقۋا> پوۋېستلىرى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنىڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ. بۇ پوۋېستلاردىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، بۇنىڭدىكى پېرسوناژلار پوۋېستتىكى ئاساسىي قەھرىمانلارنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، باش قەھرىمان ئوبرازىنى ئېچىپ بېرىشكە بويسۇندۇرۇلغان.

يىغىپ ئېيتقاندا، پوۋېست ھېكايىگە قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە كەڭ دائىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن روماندىكىگە قارىغاندا ۋەقەلەر ئانچە كەڭ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەيدۇ.

رومانغا نىسبەتەن كىچىكرەك، سۇژىتى ئاددىيراق بەدىئىي نەسرىي ئەسەر، قىسسە.