پىرابخاس

ئورنى Wikipedia
پىرابخاس

پرابخاس 1979-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ھىندىستاننىڭ تامىل نادۇ ئىشتاتىنىڭ چېننايدا تۇغۇلغان. ئېگىزلىكى 1.88 مېتىر، بەدەن شەكلى قاۋۇل، سىرتقى قىياپىتى سۇمباتلىق كۆرۈنىدىغان ئۇ دۆلىتىمىز كىنو مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «كېلىشكەن پادىشاھ»قا ئايلاندى. كېلىشكەنلەرنىڭ ئاساسلىق جانلىنىدىغان جايى دەل ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى توللىۋود. بۇ جاي ھەمدە ھىندىستان تېلۇگۇ تىلى كىنوسىنىڭ ماكانى. «باخۇبالى» دەل تېلۇگۇ تىلىدىكى كىنو بولۇپ، بەكلا داڭق قازانغاچقا، باشقا بىر قانچە ھىندى تىلى تەلەپپۇزىغا تەرجىمە قىلىندى.

دادىسى فىلىم ئىشلىگۈچى، تاغىسى ھىندىستان تېلۇگۇ تىلى كىنوسىنىڭ ئارتىسى بولغاچقا، كىچىكىدىن باشلاپلا، كىنو كۆرۈپ پىششىق بولۇپ كەتكەن. بۇمۇ ھەم ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كىنو ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا تاللىنىشىنىڭ سەۋەبى. 2002-يىلى، 23 ياشلىق پرابخاس ھاياتىدىكى تۇنجى كىنو «ئىرۇن»دا ئەر باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالدى. بۇ مۇھەببەت، ھەرىكەت يۇغۇرۇلغان كىنو ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ ساھەگە قەدەم قويۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭ ھەم مۇشتلىشىش ھەم مۇھەببەتلىشىش ئۇسلۇبىدىكى كىنولاردا رول ئېلىشى ئۈچۈن ئۇل سېلىپ بەرگەن. بۇنداق ئۇسلۇب جەنۇبىي ھىندىستاندا ئەڭ ئالقىشلىنىدۇ، بىراق مەلۇم دەرىجىدە «پىفا»مۇ (توپ تارقىتىش) بولۇپ كەتكەن.

ئارقىدىنلا، ئۇ «قەھرىمان» ، «داھىي» قاتارلىق كىنولاردا رول ئالدى. بۇنىڭغا ئوخشاش مۇھەببەت، مۇشتلىشش تەسۋىرلىنىدىغان بۇ تۈرلەر كىنولاردا دائىم ئۇچرايدۇ. مەيلى رەزىل كىشىلەرگە ياكى مۇھەببىتىگە يۈزلەنسۇن مەيلى كۈلۈمسىرەش مەيلى غەزەپلىنىش بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇ ئالاھىدە مەردانىلىكىنى نامايەن قىلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىۋالغان. ئەگەر سېھىرىي كۈچىنى تاماق ئورنىدا يېگىلى بولغان بولسىيىدى، ئۇنداقتا، پرابخاس يۈز مىليونلىغان كىشىنى باقالايتتى.

بىراق ئۇنىڭمۇ «تاكتىكا»دىن چىقىپ كەتكەن بىر قانچە ئەسەرلىرى بار، يەنە كېلىپ سۈپىتىمۇ خېلىلا يۇقىرى.

مەسىلەن، 2005-يىلىدىكى «ئۇنتۇلغان سۆيگۈ» ناملىق كىنودا ئۇ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشنىڭ رولىنى ئېلىپ، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكىلىدە، داۋالاشتىن ۋاز كېچىپ، ئائىلىسىدىن ئايرىلىدۇ ھەمدە يۇمۇرستىكىلىق شۇنداقلا سەمىمىيلىكنى تاللاپ، ئەتراپىدىكىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تۆھپىسى- سۆيگۈنى مىراس قالدۇرىدۇ. بۇ كىنودا ئۇ يۇمۇرستىك تالانتىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن يەنە تېخى ھىندىستانلىقلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئايرىلىشىغا بولغان قىممەت قارىشىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. غەرب ئەللىرىنىڭ كىنولىرىدا ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتىمۇ كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغان نەزەرىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھىندسىتانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھايات قارشى تېخىمۇ ئەركىندۇر.

تا ھازىرغىچە پرابخاسنىڭ ئارتىسلىق ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسىرى بولسا، يەنىلا ئىككى قىسىملىق «باخۇبالى»دۇر. بۇ تارىخىي داستان كىنوسىدا باخۇبالى شاھ ئوغلى ئىككى ئەۋلادنىڭ ھېكايسىى، تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايسى، جەڭگاھ، ھەيۋەتلىك ئوردا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئاجايىپ تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان ھەرىكەت لايىھەسى، نەپس ئۇسسۇل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تا ھازىرغىچە ئەڭ يۈكسەك باھاغا ئېرىشكەن كىنونىڭ بىرى.

بۇ كىنو قويۇلغاندىن كېيىن غايەت زور سودا نەتىجىسىگە ئېرىشتى. «باخۇبالى: باشلىنىش» جەمئىي ئالتە مىليارد 500 مىليون رۇپىيەلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، تۇنجى بېلەت كىرىمى ئۈچ مىليارد رۇپىيەدىن ئاشقان جەنۇبىي ھىندىستان كىنوسىغا ئايلاندى. «باخۇبالى 2: ئاخىرلاشتۇرۇش» كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىدە 17 مىليارد رۇپىيەدىن يۇقىرى بېلەت كىرىمىنى يارىتىپ، بىردەك ھىندىستان كىنو تارىخىنىڭ بېلەت كىرىمى چېمپىيونىغا ئايلاندى. كېيىن، «دانگال» ناملىق كىنو دۆلىتىمىز بازىرىدىكى غايەت زور ئۇتۇقىغا تايىنىپ، ئۇنى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈردى. پرابخاسنىڭ قالتىس ئىپادىسى، بۇ كىنونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ھالقىلىق ئامىلنىڭ بىرى. بولۇپمۇ، ئۇ ياراتقان باخۇبالى نەچچە مىلياردلىغان قىزلارنىڭ غايىسىدىكى «فەرھادى».