پىرخۇيلان

ئورنى Wikipedia

پىرخۇيلان ـــــ(736-820) مەشھۇر بۇددا مۇتەپپەككۇرى، ئاتاقلىق مائارىپچى، تىلشۇناس، يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى . پىرخۇيلاننىڭ ھاياتى، ئىجتىمائىي پائالىيىتى، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمەت يوق . تۇللۇقسىز مەلۇمەتقا قارىغاندا 736-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان . پىرخۇيلان كىچىكىدىن ئىجتىھاتچان بالا بولغاچقا كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتاپلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىيلىگۈچىسى، چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق بىلىم ئىگىسى، مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم سۈپپىتىدە زور شۆھرەت قازىنىپ ئۆزدەۋرىنىڭ كەم تېپىلدىغان ئۇستازىغا ئايلانغان . 1737-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 2-يىلى ) ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تۇللۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان . 1880-يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپۇنىيەدىن ئالدۇرۇپ كىلىپ كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان . تارىخ ئاجايىپ تاسادىبلىقلار بىلەن تولغان. بۇنداق تاسادىبلىقلار كىشى تەپەككۇرنى توختاۋسىز غىدىقلاپ، ئۇلارنى يېڭىدىن يېڭى پىكىر قاينىمىغا غەرق قىلىدۇ. نېمىشقىدۇر ئەللامە بوۋىمىز مەھمۇدكاشغەرى ھەققىدە ئويلانساملا قەشقەر دىيارىدا ئۈسۈپ يېتىلگەن يەنە بىر نۇرانە چولپان – تىلشۇناس، ئالىم پىر خۇيلان ئېسىمدىن كېچىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىم نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە. پىر خۇيلان ئوتتۇرا ئەسىر (تاڭ سۇلاسى دەۋرى) دە ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم. «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى»)«一切经音义»(ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان.