پىكسار جانلاندۇرۇم ستۇدىيىسى

ئورنى Wikipedia

پىكسار جانلاندۇرۇم ستۇدىيىسى (Pixar Animation Studios) 1986-يىلى رەسمى قۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە 13 پارچە جانلاندۇرۇم ۋە 19 پارچە كالتە جانلاندۇرۇم ئىشلەپ چىقاردى. 2006-يىلى دېسنىي (Disney) تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ پۈتۈن مەبلەغلىق تارماق شىركەت بولدى، سېتىۋېلىنغاندىن كېيىنكى پىكسار كارتون فىلىم تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر شىركەتلەرنىڭ بىرىدۇر. 1984-يىلى John Lasseter ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن دېسنىيدىن ئايرىلىپ، رېژىسور George Lucas قۇرغان لۇكاس فىلىم شىركىتى قارمىقىدىكى Industrial Light and Magic (قىسقارتىپ ئاتىلىشى ILM) شىركىتىگە قوشۇلدى.

شىركەت تارىخى

1986-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، لۇكاس فىلىم شىركىتى قارمىقىدىكى Industrial Light and Magic شىركىتىنىڭ جانلاندۇرۇم بۆلۈمى Steve Jobs تەرىپىدىن 5مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن سېتىۋېلىندى. (لۇكاس فىلىم شىركىتى دەسلەپتە 15 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى باھا قويغان بولۇپ، ئۇنڭىدىن سىرت يەنە 15 مىلىيون يۈەن مەبلەغ سېلىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ باھا ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، سېتىۋالىدىغان ئادەم چىقمىغان، Steve Jobs تۇنجى قېتىم 5 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى باھا قويغاندا كېلىشەلمىگەن. 1985-يىلى روژدېستىۋا بايرىمى ھارپىسىدا، Steve Jobs يەنە بىر قېتىم 5 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى باھا قويغان، بۇ قېتىم لۇكاس فىلىم شىركىتى بۇ باھانى قوبۇل قىلغان.) Steve Jobs بۇ جانلاندۇرۇم بۆلۈمىنى 5 مىلىيونغا سېتىۋالغاندىن باشقا يەنە 5 مىلىيون چىقىرىپ يېڭى شىركەتكە مەبلەغ قىلىپ سالدى. 1997-يىلدىن باشلاپ لۇكاس فىلىم شىركىتى جانلاندۇرۇم بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى Ed Catmull پىكسارنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى ۋە تېخنىكا باش نازارەتچىسى بولدى. بۇ ۋاقىتتا پىكسارنىڭ جەمئي 44 خىزمەتچى خادىملىرى بار ئىدى. 1987-يىلى، پىكسارنىڭ تۇنجى كالتە جانلاندۇرۇم فىلىمى «كەپسىز چىراق» ئوسكاردا ئەڭ نادىر كالتە جانلاندۇرۇم فىلىم بولۇپ نامى ئاتالدى، ھەمدە سان فرانسېسكو خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا، كومپيۇتېر فىلىملىرى تۈرى بويىچە ئالتۇن ئىشىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كالتە فىلىمدىكى باش ئوبراز كىچىك چىراق كىيىن پىكسارنىڭ ئوبرازى بولۇپ قالدى. 1988-يىلى، «Red نىڭ چۈشى (Red’s Dream)» سان فرانسىسكو خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا كومپيۇتېر ئونۋېرسال فىلىملىرى مۇكاپاتى ۋە ئاۋىستىرىيە Prix Ars Electronica فىلىم فېستىۋالىدا ئالتۇن نىكاس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1989-يىلى، پىكسار ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان پروگرامما RenderMan رەسمى ئىشلىتىلدى. شۇ يىلى، پىكسار Tropicana مىۋە شەربەتلىرى ئۈچۈن تۇنجى سودا خارەكتىلىك ئېلان ئىشلىدى. كالتە جانلاندۇرۇم «كىچىك ئەسكەر» ئوسكار ئەڭ نادىر كالتە جانلاندۇرۇم فىلىم مۇكاپاتىغا ، 3-نۆۋەتلىك لوس-ئانجىلېس خەلقئارالىق جانلاندۇرۇم فېستىۋالىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە ئامېرىكا فىلىم جەمئىيىتى كۆك لېنتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ تۇنجى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كالتە جانلاندۇرۇم بولۇپ، «ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى» ناملىق يۈرۈشلۈك جانلاندۇرۇملارنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى بولدى، فىلىمدە ئويۇنچۇقلارنىڭ خوجايىنى بولغان بالىلار ئويۇنچۇقلارنىڭ نەزەرى بويىچە كۆزىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بالىلار ئالۋاسىنىڭ ئۆزى ئىدى. 1990-يىلى، پىكسار كالفورنىيە Port Richmond دىكى تاق قەۋەتلىك ئىشخانا بىناسىغا كۆچۈپ باردى. بۇ يەردە پىكسار كالفورنىيە لاتارىيىسى ئۈچۈن «ئۇسۇل ئويناۋاتقان كارتا»، Volkswagen ئۈچۈن « La Nouvelle Polo » ۋە ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتى ئۈچۈن «بوۋاق» قاتارلىق بىر قانچە ئېلانلارنى ئىشلىدى. كالتە جانلاندۇرۇم «Knick Knack» سېئاتىل خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا ئەڭ نادىر كالتە فىلىم مۇكاپاتى ۋە بارسېلونا دىكى بادالونا فىلىم فېستىۋالىدا ئەڭ نادىر جانلاندۇرۇم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1991-يىلى 5-ئايدا پىكسار تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەمنى باستى، يەنى كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى گىگانىت دېسنىي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. 1937-يىلدىكى «قار مەلىكە» دىن 2002-يىلدىكى «بايلىق ئارىلى» غىچە ئىزچىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرغان دېسنىي ئارقا-ئارقىدىن نادىر جانلاندۇرۇملارنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسى قولدا سىزىلغان بولۇپ، بىراق كومپيۇتېر ھامان بىر كۈنى جانلاندۇرۇم ساھەسىگە سىڭىپ كىرەتتى. شۇڭىلاشقا پىكسار بىلەن دېسنىي بىرلىكتە ئۈچ پارچە جانلاندۇرۇم ئىشلەيدىغان، دېسنىي مەسئۇل بولۇپ تارقىتىدىغان كېلىشىم تۈزدى. شۇ يىلى پىكسار كۈنجۈت كوچىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن پروگرامما لوندون كومپيۇتېر جانلاندۇرۇم مۇسابىقىسىدە ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1992-يىلى، پىكسار تەتقىقات گورۇپپىسى تەتقىق قىلىپ ئاچقان كومپيۇتېردىكى قوشۇمچە ئىشلەش سېستىمى (CAPS) ئوسكارنىڭ ئىلىم-پەن قۇرلۇشى ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1993-يىلى، پىكسار 9 گورۇپ ئېلان تارتقاندىن كېيىن، IBM ئۈچۈن كارخانا بەلگىسى ئىشلەپ بەردى. RenderMan پروگراممىسى تەتقىقات گورۇپپىسى ئوسكار ئىلىم-پەن قۇرلۇشى ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1994-يىلى، Paramount فىلىم شىركىتى ئۈچۈن كارخانا بەلگىسى ئىشلەپ بەردى. 1995-يىلى، پىكسار پايچېكىنى بازارغا سالدى. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى (تەشەككۈر بايرىمى) پىكسار ئىشلىگەن دۇنيادىكى تۇنجى پۈتۈنلەي كومپيۇتېردا ئىشلەنگەن جانلاندۇرۇم «ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى» پۈتۈن ئامېرىكىدا قويۇلدى(دېسنىي تارقاتتى). فىلىم 192 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى يارىتىپ، جانلاندۇرۇم فىلىملىرىنىڭ بېلەت كىرىمى رېكورتىنى يېڭىلاپ 1995-يىللىق ئامېرىكا بېلەت كىرىمى چېمپىيونى بولدى، پۈتۈن دۇنيادا 360 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى رېكورتى ياراتتى، ھەمدە رېژىسور John Lasseter ئوسكارنىڭ ئالاھىدە نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ فىلىمنىڭ مۇۋاپىقىيىتى يەنە بىر ئىشنى ئىلگىرى سۈردى، يەنى پىكسارنىڭ خوجايىنى Steve Jobs بۇ مەزگىلدە 10 مىلىيوندەك قەرىز بولۇپ قېلىپ، تاقىلىپ قېلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئالما شىركىتىگە (Apple) قايتا تەكلىپ قىلىنىپ، ئالما شىركىتنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشىنى ئۆتۈندى. Steve Jobs (iPod بولسا Steve Jobs شىركەتكە قايقاندىن كېيىنكى ئالمىنىڭ نادىر مەھسۇلاتى) تەكلىپكە قوشۇلدى. فىلىمدىكى ئوبراز كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەچكە، John Lasseter فىلىمنىڭ داۋامىنى ئىشلەشنى قارار قىلدى. 1996-يىلى، John Lasseter ئوسكار ئالاھىدە نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، «ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى» ئوسكارنىڭ ئەڭ نادىر ئاۋاز بېرىش مۇكاپاتىغا (مۇزىكىلىق كومېدىيە تۈرى)، ئاڭ نادىر باش تېما مۇزىكىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە ئەڭ نادىر ئىجادى سىنارىيە مۇكاپاتلىرىغا نامى ئاتالدى، شۇ يىلى يەنە ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئەڭ نادىر مۇزىكىلىق كومېدىيەلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە ئەڭ نادىر باش تېما مۇزىكىسى مۇكاپاتىغا نامى ئاتالدى. 1997-يىلى، پىكسار بىلەن دېسنىي يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا كېلىشىم تۈزۈپ، بىرلىكتە 5 پارچە جانلاندۇرۇم ئىشلەشنى قارار قىلدى. 6-ئايدا پىكسار كېڭىيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 375 ئادەمگە يەتتى، ئىشخانا رايونى 2 قەۋەتكە كۆپەيتىلدى. شۇ يىلى پىكسار تارقاتقان كالتە فىلىم «شاھماتچى (Geri’s Game)» دىكى كارتون ئوبرازنىڭ تېرىسى ۋە ماتېرىيالىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەر بولدى. 1998-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، دېسنىي بىلەن پىكسار ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىققان 2-چوڭ جانلاندۇرۇم فىلىم «قۇرۇتنىڭ ھاياتى» قويۇلدى. فىلىم شىمالى ئامېرىكىدا 163مىلىيون، پۈتۈن دۇنيادا 362 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىم بېلىتى ياراتتى، ئوخشاش مەزگىلدە قويۇلغان چۈش زاۋۇتى (Dream Works) نىڭ «چۆمۈلە ئەسكەرلەر» نى مەغلۇب قىلىپ شۇ يىلدىكى جانلاندۇرۇم فىلىملەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى چېمپىيۇنى بولدى. شۇ يىلى «شاھماتچى» ئوسكار ئەڭ نادىر كالتە جانلاندۇرۇم مۇكاپارىغا ئېرىشتى، پىكسار تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان Marionette 3-D جانلاندۇرۇم سېستىمىسى ۋە رەقەملىك بوياش تېخنىكىسى ئوسكار ئىلىم-پەن قۇرلۇشى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۇنيادىكى تۇنجى پۈتۈنلەي كومپيۇتېردا ئىشلەنگەن فىلىم «ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى 2» قويۇلدى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۇنجى ھەپتىدىكى قويۇلۇش بېلەت كىرىمى رېكورتى ياراتتى. دېسنىي بىلەن پىكسار ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئۈچىنچى پارچە كارتون فىلىمنىڭ مەزمۇنى ۋە ئوبرازلىرى «ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى» نىڭ داۋامى ئىدى. رېژىسور John Lasseter «ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايسى 2» ئارقىلىق 245 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىم نەتىجىسى يارىتىپ، James Francis Cameron (ئاخىرلاشتۇرغۇچى« Terminator»، تىتانىك«Titanic»، ئاۋاتار«Avatar»...لارنىڭ رېژىسورى) ۋە Steven Allan Spielberg (ئېرا باغچىسى«Jurassic Park»، تاشقى پىلانېت ئادىمى«E.T»، ئاق ئاكۇلا «Jaws»... لارنى رېژىسورى) لار بىلەن بىرلىكتە ھوللىۋودتىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدىغان 10 چوڭ رېژىسورنىڭ بىرى دەپ ئاتالدى. شۇ يىلى «قۇرۇتنىڭ ھاياتى» گىرەممي (GRAMMY AWARDS) ئەڭ نادىر فىلىم تەڭكەش مۇزىكىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە ئوسكار مۇزىكىلىق كومىدىيە تۈرى ئەڭ نادىر تەڭكەش مۇزىكا مۇكاپاتىغا نامى ئاتالدى. PixarVision ئوسكار ئىلىم-پەن قۇرلۇشى مۇكاپاتى نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2000-يىلى، پىكسار كالفورنىيە Emeryville دىكى يېڭى خىزمەت بىناسىغا كۆچۈپ كىرىدى. شۇ يىلى «ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى 2» ئالتۇن شار مۇكاپاتى مۇزىكىلىق كومىدىيە تۈرى بويىچە ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتى، ئەڭ نادىر ئىجادى ناخشا-مۇزىكا مۇكاپاتى، گرەممي ئەڭ نادىر فىلىم ناخشا-مۇزىكا مۇكاپاتى ۋە ئەڭ نادىر بالىلار ناخشىسى ئالبومى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئوسكاردا ئەڭ نادىر ئىجادى ناخشا-مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2001-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، دېسنىي بىلەن پىكسار ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن 4-چوڭ جانلاندۇرۇم «غەلىتە مەخلۇقلار شىركىتى» قويۇلدى، 10 كۈندىلا 100 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى يارىتىپ، فىلىم تارىخدىكى ئەڭ تىز 100 مىلىيونلۇق كىرىم ياراتقان فىلىم بولۇپ قالدى. ھەمدە شۇ يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى كىرىمى بويىچە 2- ئورۇنغا تىزىلغان فىلىم (1994-يىلى دېسنىي ئىشلىگەن «شىر پادىشاھ» 1- ئورۇندا) بولۇپ قالدى. شۇ يىلى ئىجرائىيە مۇئاۋىن لېدىرى John Lasseter بىلەن پىكسار 10 يىللىق توختامنامە تۈزۈلدى. پىكسار تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 600 ئادەمگە يەتتى. RenderMan ھاسىلاش سېستىمىسى ئوسكار پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، John Lasseter ئامېرىكا فىلىم جەمئىيىتى ئالاھىدە تارقاتقان شەرەپ ئىلمىي ئۇنىۋانىغا ئېرىشتى. 2002-يىلى، ئامېرىكا فىلىم جەمئىيىتى پىكسارنىڭ يېڭى مېدىئا تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلغۇزۇش تەرەپتىكى نەتىجىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، پىكسارغا ئالاھىدە Vanguard مۇكاپاتى بەردى. 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى دېسنىي بىلەن پىكسار ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن 5-چوڭ جانلاندۇرۇم «نېمونى ئىزدەش» قويۇلدى. قىسقىغىنە 8 كۈندە 100 مىلىيونلۇق ئۆتكەلنى بۇزۇپ ئۆتۈپ، «غەلىتە مەخلۇقلار شىركىتى» نىڭ رېكورتىنى يېڭىلىدى. قويۇلۇپ 2 ھەپتىدىن كېيىن 143 مىلىيونلۇق بېلەت كىرىمى ياراتتى، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى 340 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ «شىر پادىشاھ» ساقلاپ كەلگەن 328مىلىيون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىملىك جانلاندۇرۇم بولۇپ قالدى ھەمدە شۇ يىلدىكى ئەڭ كۆپ سېتىلغان جانلاندۇرۇم بولدى. پىكسار يېڭى بىر پەللىگە جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ فىزىكىلىق تەقلىدلەش تېخنىكىسىغا تايىنىپ كۆرۈرمەنلەرنى جەلىپ قىلىشنى چۆرۈپ تاشلاپ، بۇرۇنقىدەك كومپيۇتېر جانلاندۇرىمىدا تېخنىكا كۆز-كۆز قىلىنىدىغان ئىپتىدائىي ھالەتتىن ھالقىپ، باش تېما ۋە سىنارىيەگە تايىنىپ ئىشلەش شەكلىگە قايتىپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن ئەنئەنىۋى ئىنسانىي خىسلەت ئىدىيىسىنى ئۆز ئارا بېرىكتۈرۈپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان جانلاندۇرۇم ھېكايىلىرىنى ئىجاد قىلىپ چىقىش. «نىمىنى ئىزدەش» نىڭ پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلىرىگە تايىنىپلا، پىكسار دېسنىي بىلەن بولغان كېلىشىمنامىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ئەگەر فىلىم تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان دېسنىي ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىسا، پىكسار باشقا ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەيدۇ. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، پىكسار «قالتىس ئادەملەر (The Incredibles)» نى قويۇپ فىلىم تارىخىدىكى ئەڭ بازارلىق جانلاندۇرۇم رېكورتى يارىتىپ بىر بالداق يۇقىرىغا ئۆرلىدى، ھەقىقى ئادەم باش پېرسوناژ بولىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى جانلاندۇرۇم تېخنىكىسىغا جەڭ ئېلان قىلدى، تېخىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، «قالىتس ئادەملەر» پىكسار تارىخىدىكى تۇنجى «ھەرىكەتلىك فىلىم»، ھەمدە پىكسارنىڭ بىرىنچى قېتىم كومپيۇتېر ئىشلىتىپ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارغا جەڭ ئېلان قىلغان ھېكايە. شۇ يىلى «قالتىس ئادەملەر» ئوسكار ئەڭ نادىر جانلاندۇرۇم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ گىگانىت مېدىئا شىركىتى بولغان دېسنىينىڭ مۇدىرىيىتى، ھوقۇقلۇق Robert Iger CEO ھەر بىر پاينى 59 ئامېىركا دوللىرىلىق باھا بىلەن، جەمئىي 740 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا پاي سوۋغا قىلىش شەكلىدە پىكسارنى رەسمى سېتىۋالدى. بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىشقا دېسنىينىڭ %13 لىك پاي چېكى سەرىپ قىلىندى، پىكسارنىڭ خوجايىنى Steve Jobs شۇنىڭ بىلەن دېسنىينىڭ %6.05 پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، دېسنىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پايچىكنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، پىكسارمۇ دېسنىي شىركىتىنىڭ رەسمىي بىر قىسىمىغا ئايلاندى. 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، يېرىم يىل كېچىككەن «ماشىنىلار (Cars)» ناملىق جانلاندۇرۇم ئاخىرى قويۇلدى، بۇ دەل پىكسارنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 20 يىل بولغان كۈن ئىدى. فىلىمغا John Lasseter بىلەن Lee Unkrich بىرلىكتە رېژىسورلۇق قىلغان ئىدى. فىلىمگە يېڭى Ray Tracing تېخنىكىسى ئىشلىتىلىپ، فىلىمنىڭ ئىشلىنىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، پىكسارنىڭ ئىشلەش سەۋىيىسىنى بىر بالداق يۇقىرىغا ئۆرلەتتى. شۇ يىلى «قالتىس ئادەملەر»پكسارنىڭ ئەڭ نادىر جانلاندۇرۇم فىلىمى، ئەڭ نادىر ئاۋاز ئۈنۈمى تەھرىرلىكى مۇكاپاتى، ئەننىي مۇكاپاتى ۋە ئەڭ نادىر جانلاندۇرۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2007-يىلى «ئاشپەز چاشقان (Ratatouille)» ئامېرىكىدا قويۇلدى، فىلىمگە «قالتىس ئادەملەر» گە رېژىسورلۇق قىلغان Brad Bird رېژىسورلۇق قىلغان ئىدى. فىلىم قويۇلۇپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، ھەپتە ئاخىرىدىكى 3 كۈنلۈك كىرىمى 47 مىلىيون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، Bruce Willis باش رول ئالغان فىلىم «Live Free or Die Hard» گە بېسىم بولدى، ھەپتە ئاخىرىلىك بېلەت كىرىمى چىمپىيونى بولدى. 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى «WALL-E» قويۇلدى، تۇنجى قويۇلۇش كۈنىدىلا 23 مىلىيون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى 3 كۈندە 63 مىلىيون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى ياراتتى. ROTTEN TOMATOES تور بېكىتىدىكى ياخىشى باھا %97 گە يەتتى، IMDb دىكى باھا 8.5 نومۇر بولدى. شۇ يىلى «ئاشپەز چاشقان» ئوسكار ، ئەننىي، ئالتۇن شار مۇكاپاتلىرىنىڭ ئەڭ نادىر جانلاندۇرۇم مۇكاپات تۈرلىرىگە ئېرىشتى. 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، پىكسارنىڭ 10-پارچە جانلاندۇرىمى «UP» قويۇلدى، بۇ گانا فىلىم فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قويۇلىدىغان تۇنجى كارتون فىلىم بولدى، ھەمدە پىكسارنىڭ تۇنجى D3 فىلىمى ئىدى. شۇ يىلى «WALL-E» ئوسكار ۋە ئالتۇن شار مۇكاپاتلىرىنىڭ ئەڭ نادىر جانلاندۇرۇم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، يەنى ئالدىنىقى قېتىملىق ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسىدىن 11 يىل ئۆتكەندە «ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى 3» قويۇلدى، بۇ پىكسارنىڭ تۇنجى قېتىم D3 ۋە IMAX كىنوخانىدا تەڭ قويغان فىلىمى. پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى 1 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدن ئېشىپ جانلاندۇرۇم تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. IMDb دىكى ئەڭ نادىر 250 نىڭ ئىچىدە 23-ئورۇنغا ئۆتتى. شۇ يىلى «UP» ئوسكار ئەڭ نادىر جانلاندۇرۇم مۇكاپاتى ۋە ئەڭ نادىر تەڭكەش مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

پىكسار جانلاندۇرۇملىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى بېلەت كىرىمى

«ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى(Toy Story)»، 1995-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.2 خامچوت سوممىسى: 30,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 29,140,617$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 191,796,233$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 170,162,503$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 361,958,736$

«قۇرۇتنىڭ ھېكايىسى (A Bug’s Life)»، 1998-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 7.3 خامچوت سوممىسى: 45,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 33,258,052$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 162,798,565$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 200,600,000$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 363,398,565$

«ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى 2 (2 Toy Story)»، 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 24- كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.0 خامچوت سوممىسى: 90,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 57,388,839$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 245,852,179$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 239,876,603$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 485,728,782$

«غەلىتە مەخلۇقلار شىركىتى (.Monsters, Inc)»، 2001-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.0 خامچوت سوممىسى: 115,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 62,577,067$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 255,873,250$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 273,100,000$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 528,973,250$

«نېمونى ئىزدەش (Finding Nemo)»، 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.2 خامچوت سوممىسى: 94,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 70,251,710$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 339,714,978$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 528,179,000$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 867,893,978$

«قالتىس ئادەملەر (The Incredibles)»، 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.1 خامچوت سوممىسى: 92,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 70,467,623$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 261,441,092$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 370,001,000$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 631,442,092$

«ماشىنىلار (Cars)»، 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 7.9 خامچوت سوممىسى: 120,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 60,119,509$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 244,082,982$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 217,900,167$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 461,983,149$

«ئاشپەز چاشقان (Ratatouille)»، 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.1 خامچوت سوممىسى: 150,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 47,027,395$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 206,445,654$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 417,277,164$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 623,722,818$

«ماشىنا ئادەم WALL•E (WALL•E)»، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.5 خامچوت سوممىسى: 180,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 63,087,526$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 223,808,164$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 308,700,000$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 532,508,164$

«UP»، 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.4 خامچوت سوممىسى: 175,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 68,108,790$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 293,004,164$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 438,338,270$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 731,342,434$

«ئويۇنچۇقلارنىڭ ھېكايىسى 3 (3 Toy Story)»، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 18- كۈنى قويۇلدى، IMDb دىكى باھا 8.8 خامچوت سوممىسى: 200,000,000$ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قويۇلىشى: 110,307,189$ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى: 415,004,880$ باشقا دۆلەتلەردىكى بېلەت كىرىمى: 648,138,612$ پۈتۈن دۇنيادىكى بېلەت كىرىمى: 1,063,143,492$

«ماشىنىلار 2 (Cars 2)» 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى قويۇلىدۇ. «Brave» 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇلىدۇ. «غەلىتە مەخلۇقلار شىركىتى 2 (Monsters, Inc. 2)» 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى قويۇلىدۇ. «سەمەندەر (Newt)» ۋاقتى ئېنىق ئەمەس.

پىكسارنىڭ رېژىسورلىرى قاتناشقان ھەقىقى ئادەملەر رول ئالغان فىلىملەر

«John Carter of Mars» 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى قويۇلىدۇ. «1906» 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى قويۇلىدۇ.

پىكسار ئىشلىگەن قىسقا فىلىملەر

1

The Adventures of André & Wally B 
 ئاندرېي بىلەن ۋاللىينىڭ سەرگۈزەشتىسى
1984-يىل
 پىكسار بىلەن مۇناسىۋەتلىك

2

.Luxo Jr
كەپسىز چىراق 
1986-يىل
-

3

 Red’s Dream
رېدنىڭ چۈشى 
1987-يىل 
- 

4

Tin Toy 
كىچىك ئەسكەر 
1988-يىل 
- 

5

Knick Knack 
قار ئادەمنىڭ سەرگۈزەشتىسى
1989-يىل 
- 

6

Geri’s Game 
شاھماتچى 
1997-يىل 
- 

7

For the Birds 
قۇشلار 
2000-يىل 
- 

8

Mike’s New Car 
مايكنىڭ يېڭى ماشىنىسى 
2002-يىل
جانلاندۇرۇم ئاساسىدا

9

’Boundin
خوشال قوزىچاق 
2003-يىل 
- 

10

Jack-Jack Attack 
كىچىك جەكنىڭ ھۇجۇمى 
2005-يىل 
جانلاندۇرۇم ئاساسىدا 

11

 One-Man Band
بىر كىشىلىك مۇزىكا ئەتىرتى 
2005-يىل 
كالتە جانلاندۇرۇم

12

 Mater and the Ghostlight
مەتېر ۋە ئالۋاستى چىراق 
2006-يىل 
جانلاندۇرۇم ئاساسىدا 

13

 Lifted
تۇتقۇن قىلىش دەرىسى 
2006-يىل 
كالتە جانلاندۇرۇم 

14

 Your Friend the Rat
سىزنىڭ دوستىڭىز بىر چاشقان 
2007-يىل 
جانلاندۇرۇم ئاساسىدا 

15

Presto 
 سېھرىگەر
2008-يىل 
كالتە جانلاندۇرۇم

16

 Burn·E
ماشىنا ئادەم.ب
2008-يىل 
جانلاندۇرۇم ئاساسىدا 

17

Partly Cloudy 
قاقىر ۋە بۇلۇت 
2009-يىل 
كالتە جانلاندۇرۇم 

18

Dug’s Special Mission 
دوگنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپىسى 
2009-يىل 
جانلاندۇرۇم ئاساسىدا 

19

Day and Night 
 كېچە ۋە كۈندۈز
2010-يىل 
كالتە جانلاندۇرۇم 

1. "جانلاندۇرۇم ئاساسىدا" ئىشلەنگەن كالتە فىلىملەردىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى ئىجادى كالتە فىلىملەردۇر.

2. "ئاندرېۋ ۋە ۋاللېينىڭ سەرگۈزەشتىسى" پىكسارنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى لۇكاس فىلىم شىركىتىدىكى ۋاقتىدا شۇ شىركەتتىكى خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن.