پىچاق

ئورنى Wikipedia

[تونۇشتۇرۇلىشى]

پىچاق — ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئەسۋاب بولۇپ، پولاتتىن ياسالغان بىر ياكى ئىككى بىسلىق، سېپى بار كېسىش ئەسۋابلىرىنى ھەم سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئىستانوكلارنىڭ تىغ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

[تۈرلىرى]

پىچاقلار ئاساسلىقى: قىڭراق، باققال پىچىقى، قاسساپ پىچىقى، ئۈگرە پىچىقى، ئۇستىرا، قەلەمتىراش، قىلىچ، خەنجەر قاتارلىقلار بولۇپ، كۇچادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مۇنداق پىچاق، قايچا، قەلەمتىراشلار يېنىك، چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، نۆۋەتتە پىچاقلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى تېز ئاشماقتا. كۇچا پىچاقلىرى (قەلەمتىراشلار) ئاساسەن كۆزلۈك پىچاق، ئۈچ كۆزلۈك پىچاق، تەيچە پىچاق، قىرلىق پىچاق، كۆپتۈرمە پىچاق، بادام نۇسخىلىق پىچاق، تاپان نۇسخىلىق پىچاق، چېچەكگۈل پىچاق، موزدۇز قايچا-پىچىقى، تىككۈچى قايچا-پىچىقى، گىلەم قايچا-پىچىقى، تۇماقچى قايچا- پىچىقى، جۇۋىچى قايچا-پىچىقى، قاڭالتىر قايچىسى، ئورغاق، ئوتىغۇچ قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

[ياساشقا كېرەكلىك ماتېرىيال-جابدۇقلار]

قايچا-پىچاق، قەلەمتىراش قاتارلىق تىغلىق، بىسلىق ئەسۋابلارنى ياساشقا كېرەكلىك ماتېرىيال-جابدۇقلار ئاساسلىقى: تۇچ، پولات، قەلەي، مىخ، مۈڭگۈز، سۆڭەك، ياقۇت، بىرىكمە تالا، سۇ، سىلىقلاش مېيى، سوپۇن، چاق، قىسقۇچ، ئۈشكە، سەندەل، بازغان، بولقا، دۇپاي، ئاسۇر، قايچا، شامالچى، قەلەم، قۇم قەغەز، قۇم چاق، كىگىز چاق، كۆمۈر، توك قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

[ياساش ئۇسۇلى]

قايچا-پىچاق تىپىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ گەۋدىسى تۆمۈردىن، بىسى پولاتتىن تاۋلاپ سوقۇلىدۇ. سوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىسىغا سوپۇن ياكى سىلىقلاش مېيى سۈرتۈلۈپ سۇغۇرىلىدۇ. ئاندىن قۇم قەغەز، سۇ ماي بىلەن پارقىرىتىلىدۇ. بۇنداق پىچاقلار پارقىراق، نەپس، ئۆتكۈر ھەم چىداملىق بولىدۇ، ئاسانلىقچە سۇنۇپ كەتمەيدۇ.

[ئالاقىدار بايان]

1992-يىلى شيې بىن «شىنجاڭغا ساياھەت»ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە كۇچا قايچا-پىچاقلىرىنى تەسۋىرلەپ: «سوقۇلۇشى تولىمۇ نەپىس، كۆركەم ئىكەن.يالتىراپ تۇرىدىكەن. قۇياش نۇرىغا تۇتسا، دولقۇنسىمان سىزىقچىلار غۇۋا كۆرۈنىدىكەن. پۈۋلىسە يېقىملىق ئاۋاز چىقىدىكەن. تۆمۈرنى قىرالايدىكەن، ياغاچنى چورتتىدە كېسەلەيدىكەن، ئەمما بىسى قايرىلمايدىكەن» دەپ يازغان.