پۇشتۇ مىللىتى

ئورنى Wikipedia

Shershah.jpgMirwais-Hotak.jpeg
Hamid Karzai 2004-06-14.jpg


پۇشتۇ مىللىتى - پۇشتۇ تىلىدا سۆزلەيدىغان خەلىق.

پۇشتۇلار پاكىستان بىلەن ئاففانىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <پاتانلار>،<پاكتۇنلار> ۋە <ئاففانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 24 مىليون 500 مىڭ. ئۇلارنىڭ 6.60 پىرسەنتى (12 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، پاكىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ) پاكىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھىندى دەرياسى ۋادىسى بىلەن سۇلايمان تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چېگرا ئۆلكىلىرى، بېلۇجىستان ۋە قەبىلىلەر رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ پۇشتۇلارنىڭ 39 پىرسەنتى (تەخمىنەن 9 مىليوندىن كۆپرەكى) ئاففانىستاننىڭ شەرىقى قىسمى يەنى ھىندۇقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئاففانىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 9.52 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.پۇشتۇلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى (بەزىلەر ھىندى - ئارىئان تىللىرى گۇرۇپپىسى دەيدۇ) نىڭ شەرىقى تىل تارمىقىغا تەۋە پۇشتۇ تىلىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ پارس ۋە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. پۇشتۇ تىلى ئاففانىستاندا ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پۇشتۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.  پۇشتۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى سودا - سانائەت، بىناكارلىق تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، تېرىق، كېۋەز ۋە مېۋە - چېۋە يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىچىلقتا قوي، كالا ، تۆگە بېقىلىدۇ. پۇشتۇلار قەدىمكى زاماندا بۇ يەرنى ئىگىلىگەن ئارىئانلار بىلەن بۇ يەرگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆچۈپ كەلگەن گرېك، پارس، موڭغۇل قاتارلىق قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلۇشىدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.

پۇشتۇلار پاكىستان بىلەن ئاففانىستانغا بۆلۈنۈپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، تۇرمۇش ئادەتلىرى جەھەتتە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ ئاففانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ (ئاففانلارغا قاراڭ). ئومۇمەن پۇشتۇلار بۇغداي ئۇنى بىلەن گۈرۈچنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئاچچىق - چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆكتاتلارنى قورىماي خام ئىستېمال قىلىدۇ، چاي (ئەتكەن چاي) نى كۆپ ئىچىدۇ. پۇشتۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا ئۇزۇن، كەڭ يەڭلىك يەكتەك بىلەن شالۋۇر كېيىپ، بېلىنى باغلىۋالىدۇ، بېشىغا ئورومال ياكى سەللە ئورىۋالىدۇ؛ ئاياللىرى كەشتىلەنگەن كوپتا ياكى يوپكا كېيىپ، ئۇچىسىغا سارى ئارتىپ، بېشىغا قارا چۈمبەل سالىدۇ، زىننەت بۇيۇملىرى تاقايدۇ. ئاياللار ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتسە ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە قولىدىكى بىلەيزۈكنىمۇ ئېلىۋېتىدۇ. پۇشتۇلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا نورۇز (يېڭى يىل) نى داغدۇغىلىق قارشى ئالىدۇ.  پۇشتۇلار بايرام ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرى تۆگە بەيگىسى، ئات بەيگىسى، ئات ئۈستى توپى، چېلىشىش، بۈركۈت قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. پۇشتۇلارنىڭ مېيتنى ئۇزىتىش ئادىتى ئالاھىدە بولىدۇ، ئۇلاردا بىرەيلەن قازا تاپسا، ئۆز جەمەتىدىكىلەر داد - پەريات ئېيتىپ يىغلاشتىن باشقا، بەزى كەسپىي ئۆلۈم ئۇزاتقۇچى ئاياللار ئەترىتىنى ياللىۋېلىپ مېيىتنى ئۇزىتىش ئادىتى بار. بۇنداق ئەترەت ئادەتتە 25 - 30 ئايالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يۇرت ئارىلاپ، مېيتنى ئۇزىتىش ئىشىنى ھۆددىگە ئالىدۇ.  پۇشتۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى پەرھىزلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. چارۋىچىلىرى ئادەتتە ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ سالاھىتى ۋە شەخسىي ئىش - ئوقىتىنى ئۈچ كۈنگىچە سۈرۈشتۈرۈشنى يامان كۆرىدۇ ھەمدە مېھماننىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە باشقا جايغا يۆتكىلىپ كېتىشىنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ.  پۇشتۇلاردا ئوتنى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار. شۇڭا ئۇلار نورۇز ھارپىسى ئاخشىمى، بالا - قازا ۋە ئاغرىق - سىلاقتىن خالىي بولۇشنى تىلەپ، ئوتقاش (گۈلخان) سېلىپ، ئۇنىڭدىن ھەممە كىشى سەكرەپ ئۆتىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئوتقا چوقۇنۇش، ئوتنى ئۇلۇغلاش ئادىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا كېرەك.

تەربىيە[تەھرىر]

تىل[تەھرىر]

تارىخ[تەھرىر]

بۆلۈش[تەھرىر]

قاراڭ[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىر]

مەنبەلەر[تەھرىر]