پۇشكىن
پۇشكىن، تولۇق ئىسمى ئالېكساندر سېرگيېۋىچ پۇشكىن (1799-1837) روسىيىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، <<رۈس شېئىرىيتىنىڭ قوياشى>>، روسىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى، رۈس ئەدەبىياتىنىڭ ئىجاتچىسى. ئۇ1799 -يىلى موسكىۋادىكى بىر پومىشچك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، سەككىز يېشىدىن باشلاپ فرانسۇزچە شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن . 1811-يىلى، پېتىربۇرگتىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان خانلىق كەنت مەكتىپىگە ئوقوشقا كىرگەن ھەم ئەدەبىي ئىجادىيتىنى باشلىغان.1817-يىل خانلىق كەنىت مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن،1819-يىلى دېكابىرىستلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتى -<<بەختىيارئىتتىپاق>> بىلەن ئالاقىدار بولغان ئەدەبىيات جەمئيىتى- <<يېشىل چىراغ جەمئىيىتى>> گە قاتناشقان .
پۇشكىن 1820-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە شېئىرىي رومان <<روسلان بىلەن ليۇدمىلا>> نى ۋە <<ھۆرلوك قەسىدىسى>>، <<چائادايېفقا>>، <<قىشلاق>> قاتارلىق داڭلىق شېئىرلارنى يازغان. بۇلار ئەينى چاغدا زور تەسىر قوزغاپ ئالېكساندر 1 نىڭ غەزىپىنى كەلتۇرگەن ،شۇنىڭ بىلەن پۇشكىن جەنۇبيى روسىيدىكى كىشىنيوففا سۇرگۈن قىلىنغان،1823-يىلى ئودېسساغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئودېسسا باش ۋالىيسىنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇپ بىرىلگەن، ئىككىنچى يىلى 7-ئايدا، پىسكوف ئوبلاتىدىكى مىخائىلوۋسكىي يېزىسىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشىغان. پۇشكىن بۇ مەزگىلدە <<سىگان>> داستانىنى ۋە <<ئېۋگېنىي ئونېگىن>> ناملىق شېئىرىي رومانىنڭ ئالدىنقى بىر نەچچە بابىنى يازغان .1825–يىلى دېكابىرستلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ،چار پادشاھ نىكولاي 1 پۇشكىننى موسكوۋاغا قايتۇرۇپ كەلگەن .1831-يىلى پۇشكىن گانچاروۋا بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ،پېتىربۇرگقا كېلىپ ،يەنە دىپلو ماتىيە مىنىستىرلىكىدەخىزمەت قىلغان .1834-يىلى فرانسىيىلىك بارون دانتىس پېتىربۇرگقا كېلىپ چارروسىيە گۋاردىيەئارمىيسىنىڭ ئاتلىق پولىكىدا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا پۇشكىننىڭ ئايالى گانچاروۋانى قوغلاشقان.1837-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ،پۇشكىن ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن دانتىس بىلەن دۇئېلغا چۈشكەن، پۇشكىن دۇئېلدا يارلىنىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەن.