پېرسىيە قولتۇقى

ئورنى Wikipedia


ھىندى ئوكياننىڭ بىر چەت دېڭىزى بولۇپ، ئەرەبلەر «ئەرەب قولتۇقى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ قولتۇق ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئىران ئېگىز تەكشىلىكى ئارىسىغا جايلاشقان، غەربىي شىمالى ئەرەب دەريا ئاغزىدىن شەرقىي جەنۇبتا ھورمۇز بوغۇزىغا قەدەر 970 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ؛ كەڭلىكى 56-338 كىلومېتر كېلىدۇ. مەيدانى 240 مىڭ كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :پېرسىيە قولتۇقى


دۆلىتى :ئىران

يەر مەيدانى :

كىۋادرات كىلومىتىر 241000

كىلىماتى :ئوتتۇرچە تېمپۇراتۇرىسى 20 سىلىتسىيە گىرادۇس

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

پېرىسىيەھىندى ئوكياننىڭ بىر چەت دېڭىزى بولۇپ، ئەرەبلەر «ئەرەب قولتۇقى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ قولتۇق ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئىران ئېگىز تەكشىلىكى ئارىسىغا جايلاشقان، غەربىي شىمالى ئەرەب دەريا ئاغزىدىن شەرقىي جەنۇبتا ھورمۇز بوغۇزىغا قەدەر 970 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ؛ كەڭلىكى 56-338 كىلومېتر كېلىدۇ. مەيدانى 240 مىڭ كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. سۈيىنىڭ ئادەتتىكى چوڭقۇرلۇقى 100 مېتر ئەتراپىدا كېلىدۇ. شەرقىي جەنۇبى بۆلىكىدىكى ئايرىم جايلارنىڭ چوڭقۇرلۇقى 120 مېتردىن ئاشىدۇ. قولتۇق ئىچىدە ئاراللار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ كۆپى مارجان ئاراللىرىدىن ئىبارەت. پېرسىيە قولتۇقىنىڭ ئەتراپى ھەم سۇ ئاستى قىسمى دۇنيا بويىچە نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ رايون ھېسابلىنىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
  • ھاۋا رايى
  • نىفىت بايلىقى
  • سانائىتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ھاۋا رايى[تەھرىرلەش]

پېرسىيە قولتۇقىپېرسىيە قولتۇقى ئەتراپىنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق، قولتۇققا قۇيۇلىدىغان تاتلىق سۇ غەربىي شىمال تەرەپتىكى ئەرەب دەرياسى بىلەن كارۇن دەرياسىدىن كېلىدۇ. سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا سۈيىنىڭ تۇز تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ. دېڭىز يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى غەربىي شىمالدا ℃16-℃32، شەرقىي جەنۇبىدا ℃24-℃34 قا يېتىدۇ.

نىفىت بايلىقى[تەھرىرلەش]

پېرسىيە قولتۇقى ئەتراپىغا جايلاشقان ئىران، ئىراق، كۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، بەھرەيىن، ئومان، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي نېفىتلىكلىرى قولتۇق رايونىغا مەركەزلەشكەن، بۇ جايلاردىن يىلىغا بىر مىليارد توننا ئەتراپىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. دۇنيادىكى نېفىت ئېكسپورتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پېرسىيە قولتۇقى رايونى تەمىنلەيدۇ. بۇ جاي قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇھىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز قاتناش يولى بولۇپ كەلمەكتە.

سانائىتى[تەھرىرلەش]

پېرسىيە قولتۇقى پېرسىيە قولتۇقى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىن سىرت بۇغداي، ئارپا، شال، خورما، ئۈزۈم، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، ئۆچكە، تۆگە بېقىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىدە ئانچە مۇھىم ئورۇن تۇتمايدۇ. پېرسىيە قولتۇقى بويىدىكى خارك پورتى، ئابادان پورتى(ئىران) ، بەسرە، ئوفا(ئىراق) ، مىنائەخمەت(كۋەيت) ، ساپانىيە، راستازورا(سەئۇدى ئەرەبىستان) ، ئابودەبى، دىبەي(بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى) پورتلىرى نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت ئېكسپورتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.