پ ك (كىنو)

ئورنى Wikipedia
  • باش رولچى ئامىرخان
    PK كومىدىيىلىك فىلىم بولۇپ ، راجكۇمار ھىرانى رېژىسورلىقىدا ، ئامىرخان ۋە ئانۇشكا شارمانىڭ ھەمكارلىشىشىدا ئىشلەنگەن فىلىم. بۇ فىلىمدا تاشقى پىلانت ئادىمى PK نىڭ يەر شارىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا دىن توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە كېيىنكى بىر تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى بايان قىلىنىدۇ.

قىسقىچە ئۇچۇر[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى پ ك
خەنزۇچە نامى 我的个神啊
باشقا نامى PK - تاشقى پلانىتلىق ئەپەندى \ پ ك\PKئەپەندىم \ PK ماشىنا ئادەم
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2014-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى(ھىندىستان);2015-يىلى5-ئاينىڭ 22-كۈنى(جۇڭگو)
ئىشلىگەن شىركەت Vinod Chopra Productions,Rajkumar Hirani Films
ئىشلەنگەن ئورۇن ھىندىستان
رېژىسسور راجكۇمار ھىرانى
فىلىم ئىشلىگۈچى راجكۇمار ھىرانى،Vidhu Vinod Chopra
باش رولچى ئامىرخان ، ئانۇشكا شارما
تۈرى كومىدىيەلىك فىلىم
ئۇزۇنلىقى 153مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى
imdbكودى tt2338151
دىئالوگ تىلى ھىندىچە،ئىنگىلىزچە؛ئۇيغۇرچە(تەرجىمە) ؛خەنزۇچە(تەرجىمە)
سېنارىست راجكۇمار ھىرانى،ئابخىجىت جوشى( Abhijit Joshi)

كىنو ۋەقەلىكى[تەھرىرلەش]

ئامىرخان تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشاپ قالىدىغان يەرشارىغا تاشقى پىلانت ئادىمى بولۇپ ئۇ يەرشارىغا تەتقىقات مەقسىتىدە كېلىدۇ. لېكىن ئۇ ھىندىستان راجاستانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ تىزگىنىكىنى كىشىلەر ئوغرىلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز پىلانتىغا قايتالماي شۇ ئەسۋابنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ كىيىم كىيىشنى، سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ ۋە دوست تۇتىدۇ. كېيىن ئۇ دېھلىغا ئەسۋابىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كېلىدۇ، لېكىن بۇ چوڭ شەھەردە ھەرخىل كىشىلەر، ھەرخىل دىنلار ئارىسىدا قايمۇقۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە كىشىلەر ئۇنى PK دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ.ئۇ بۇ جەرياندا ئىنسانلار ئارىسىدىكى خۇشاللىقلارنى ۋە غەم قايغۇلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ شۇنداقلا "دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدارى" بار دىنىدارلارنىڭ ساختىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ئۇ  مۇخبىر قىزچاق جاگۇنى ئۇچۇرتىدۇ جاگۇ PKنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ جەرياندا PKجاگۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلالمايدۇ.......

روللاردا[تەھرىرلەش]

ئامىرخان (پ ك رولىدا)[تەھرىرلەش]

ئىنسانلارنى تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە يەرشارىغا كەلگەن بىر تاشقى پىلانېتتا ئادىمىنىڭ، ئۇچار كېمىنى يىراقتىن كونترول قىلىدىغان تىزگىنىكى بىرەيلەن تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىدۇ، بۇ تىزگىنەك بولمىسا ئۇ ئۆز پىلانېتىغا قايتىپ كېتەلمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا تىزگىنىكىنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ

ئانۇشكا شارما (جاگۇ رولىدا)[تەھرىرلەش]

تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلەيدىغان  مۇخبىر ، ئوغۇل دوستىنىڭ ئاسىيلىقىدىن كۆڭلى سۇنغان ھالدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ مۇخبىر بولغان . تولىمۇ ئاقكۆڭۈل قىز . PK بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىش- ھەركەتلىرىدىن غەيرىلىك ھېس قىلىدۇ ، PK نىڭ :« مەن تاشقى پىلانت ئادىمى» دېگەن سۆزىگە ئىشەنمەيدۇ . PKنىڭ دېگىنىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەندىن كېيىن ئۇلار دوست بولۇپ قالىدۇ ، ھەمدە جاگۇ PK نىڭ تىزگىنەك تېپىشىغا ياردەملىشىدۇ .

PK تىزگىنەكنى تېپىپ قايتاي دېگەن ۋاقىتتىلا PKنىڭ ئۆزىگە بولغان ھېسىياتىنى چۈشىنىدۇ

ڧىلىم توغىرسىدا[تەھرىرلەش]

بۇ فىلىم «ئۈچ ئەخمەق (Idiots 3)» فىلىمنى ئىشلىگەن رېژىسور راجكۇمار ھىرانى(Rajkumar Hirani) بىلەن ھىندىستان كىنو چولپىنى ئامىرخان(Aamir Khan) نىڭ يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمى بولۇپ، فىلىمدە ھىندىستاندىكى "كۆپ ئىلاھچىلىق" تەنقىد قىلىنغان بولغاچقا، بىر قىسىم ھىندىستان رەھبەرلىرى فىلىمنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلغان، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ فىلىمنىڭ ئىككى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى 4 مىليارد 820 مىليون رۇپىيە (تەخمىنەن 78.1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) غا يېتىپ، بوللىۋوددىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ھىندىستان تارىختىكى ئەڭ تالاش-تارتىشتا قالغان فىلىم بولۇپ قالغان.

فىلىم ئىشلىنىش جەريانىدا بىرقانچە قېتىم بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. يەنى بىر قېتىم ئالاقىدار شەخىسلەر تەرىپىدىن فىلىمنىڭ رىژىسسورى، فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋە بارلىق ئارتىسلىرى ھىندى دىنىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان، فىلىم دىئالوگىدا ھىندى دىنىنى مەسخىرە قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كىنو فىلىم تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھىندىستان يۇقىرى سوتىغا فىلىم ناچار ئىدىيەنى تەشۋىق قىلغان دەپ ئەرز قىلىنغان، يۇقىرى سوت بۇ ئەرزنى رەت قىلىپ فىلىمنىڭ قويۇلىشىغا رۇخسەت بەرگەن. كۆپ مۇشەققەتلىك، بەس–مۇنازىرىلىك فىلىم «PK»چىقىشى بىلەن يەنە كىنو ئوبزورچىلىرى ساھەسىنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. فىلىم ئوبزوچىلىرى فىلىم ئاممىنى خۇشال قىلىدىغان، يۈەك تارىنى چېكىدىغان ۋە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان فىلىم دەپ قاراپ فىلمگە ئەڭ يۇقىرى نومۇرنى بەردى.

ڧىلىم تارقىتىلغان ۋاقتى ۋە رايون[تەھرىرلەش]

رايون ۋاقىت
كۇۋەيىت 2014-يىلى12-ئاينىڭ18-كۈنى
ھىندىستان 2014-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى
ئېرلاندىيە 2014-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى
نورۋېگىيە 2014-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى
پاكىستان 2014-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى
ئەنگىلىيە 2014-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى
گوللاندىيە 2014-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى
جۇڭگو تەيۋەن 2015-يىلى3-ئاينىڭ20-كۈنى
گېرمانىيە 2015-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى
جۇڭگو 2015-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى https://web.archive.org/web/20210728033844/https://wiki.izda.com/?a=show&id=8526