چاي تۇخۇم

ئورنى Wikipedia

چاي تۇخۇم تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھا ئاچىدۇ، قەۋزىيەتنى تەڭشەيدۇ.

چاي تۇخۇم

ماتېرىياللىرى[تەھرىرلەش]

تۇخۇم 10 دانە، خۇش پۇراق چاي 10 گرام، شاكال بەدىيان 3 تال، كاۋاۋىچىن، قوۋزاقدارچىن، قەلەمپۇر، قاقىلە قاتارلىقلاردىن بەش گرامدىن،جياڭيۇ 200 مىللىلىتىر، شېكەر بىر قوشۇق.

ئېتىش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

تۇخۇمنى قازانغا سېلىپ، بەش-ئالتە مىنۇت قاينىتىۋېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ، شاكىلىنى يەڭگىل ئۇرۇپ چاقىمىز (ئىچىگە چاي سىڭىپ كىرگۈدەك قىلىمىز )، ئاندىن يۇقىرىقى دورا-دەرمەكلەرنى سېلىپ قېنىق چاي دەملەيمىز. چېقىلغان تۇخۇملارنى دەملەنگەن چايغا سېلىپ باشتا كۈچلۈك ئوتتا، كېيىن بوش ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىۋېلىپ سوۋۇغاندا ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. تۇخۇمنى چايدا بەك ئۇزۇن قاينىتىۋەتمەسلىك كېرەك. دورا-دەرمەكلەر بىلەن خۇشى بولمىسا خاس چاي، تۇز سېلىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.