چورۇق

ئورنى Wikipedia

چورۇق ئاساسلىقى قوي تېرىسىدە تىكىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋەجدىن ئۇنىڭ پاشنىسى بولمايدۇ ھەمدە ئوڭ، سول دەپ ئايرىلمايدۇ. ئاياغنىڭ چەمى قوتازنىڭ تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. چورۇق ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاياغ كىيىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇندىن بېرى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇ ناھايىتى ئىسسىق ھەم چىداملىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە رىماتىزىم، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق ھەرخىل كېسەللەرگە پايدىسى بولغاچقا، بولۇپمۇ تاغلىق رايوندىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان ئاياغ كىيىمى ھېسابلىنىدۇ.

چورۇقنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 3000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئىكەن . ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، تەرەققىيات تارىخى شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە ئۆرپ–ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تەڭرىتاغ تورى، 27 دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى