چوقان ۋەلىخانوۋ

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

چوقان ۋالىخانوۋ (مۇھەممەد قانافىيە) - ئېتنوگراف، دىپلومات، تارىخچى  ۋە ئالىم

چوقان ۋەلىخانوف ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرى بىلەن روسىيە ئىمپېرىيەسى ئېتنوگرافلىرىغا  قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ قەبىلىلەر ئارا مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى


- ۋەلىخانوۋنى رۇس ئىمپيرىيىسى ۋە تۈرك خەلقلەرىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى  كۈچەيتكەن ئەڭ مۇھىم تارىخى كىشىلىرىنىڭ بىرى دەپ ھيسابلايدۇ.

پۈتۈن دۇنيادا تەتقىقاتچىلار ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئۆمۈرى ۋە تارىخقا قوشقان تۆھپىلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن تەتقىقات قىلىدۇ.

ئون ئىككى ياشىدىكى چوقان ۋالىخانوۋ، 1847 يىلىدا تارتقان

بالىلىقى ۋە ئوتتۇرا يۈزدىن بيرىلگەن مىراسى

چوقان ۋەلىخانوۋ 1835- يىلى نويابىر ئايى دۇنىياغا كەلگەن.

ھازىرقى قوستاناي دەپ ئاتالغان  ۋىلايەتتىكى قۇشبۇرۇن رايوندا تۇغۇلۇپ، قازاق مەدەنىيىتىنىڭ بايلىقىنى ئانىسىدىن ئۆگەنگەن. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ پارىس، ئەرەب، قىپچاق ۋە چاغاتاي تىللىرىنى ئۆگىنىپ چىققان. چوقان ۋەلىيخانوۋ  بالىلىقىدا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە رۇس ئىمپيرىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربي ئاكادەمىيىلىرىنىڭ بىرىگە كىرىپ، ئوفىتسېرلىق بولۇش ئوقۇشىنى باشلىدى.

ئاكادەمىيەنىڭ ئوفىتسيرلىرى ئۇنىڭ ئەقىللىقىنى بايقاپ،  كەلگۈسىدىكى قىلىدىغان نەتىجىلىرىگە دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىنى بىلدۈرەتتى.

ئۇ رۇس يازغۇچىسى دوستويېۋسكىي بىلەن ييقىن دوستلار بولۇپ، ئۇنىڭغا چىدىغۇسىز ھالدا خەتلەر ييزىپ تۇراتتى.

ۋالىخانوۋ ۋە يېقىن دوستى فيودور دوستويېۋسكىي. بىر بىرى بىلەن دوستلىشىپ، ئىنتىزارلىق بىلەن خەت ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى.

قەشقەر ۋە ئالتەشەھەرگە بارغان سەپىرى

-1958-1959 يىللار ئارىلىقىدا ئۇنىڭ قەشقەرگە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇنى رۇس ئيمپېرىيىسى يېڭى ئىلىمي ھەم ئيتنوگرافىيەلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

گەرچە چوقان ۋەلىخانوۋ  ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن قەشقەرگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەربىي ئوفېتسىرلارنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە ۋەھشىيلىكىنى كۆرۈپ قەشقەردىكى خىزمىتىنى تاشلاش قارارىغا كەلدى. 


ئۆلۈمى ۋە مىراسى

چوقان ۋەلىخانوۋ  ئۆمۈر بويىچە تۇبېركۇلوز بىلەن كېسەل ئىدى. ئۇ 1865- يىلى شۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇ روس ئېتنوگراف ۋە تارىخچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھەققىدە يازغان ئەسەرلەرنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇنىڭ روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مىللەتچىلىكىنى تەنقىد قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت ۋە تارىخى ئەھمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.


روسىيەنىڭ داڭلىق شەرقشۇناس ، ئاكادېمىك ن. ۋېسېلوۋىسكىي (1848-1918) ئۇ توغرىسىدا مۇنداق يازغان: « قازاقىستان خانلىرىنىڭ ئەۋلادى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى چوكان چىڭگىسوۋىچ ۋەلىخانوۋ شەرق تەتقىقاتى ساھەسىدە بىر پارلاق مېتېئورىتقا ئوخشاش چاقنىدى. روسىيە شەرقشۇناسلىرى ئۇنىڭ تارىخقا قوشقان تۆھپىلىرىنى بىردەك ئېتىراپ قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە زور ۋە مۇھىم تەكشۈرۈشلەرنى  كۈتتى، ئەمما چوكاننىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى بىزنى بۇ ئۈمىدلەردىن مەھرۇم قىلدى. ئوتتۇز يىللىق ھاياتىدا  ئۇ باشقىلار پۈتۈن ئۆمرىدە قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلدى ».