چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش

ئورنى Wikipedia

چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن بىرى، شۇنىڭدەك ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، <ئىززەت قىلساڭ ئىززەت تاپىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت (تاپىسەن)> دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئەنئەنە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئادەت مۇنۇ جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ.

1) ئاتا - ئانىغا سادىق بولۇش. ئاتا - ئانىغا سادىق بولۇش ھەممە مىللەتكە ئورتاق بىر ئەنئەنە، ئۇيغۇرلار ئاتا - ئانىنى ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، بەرىكىتى، چىرىغى ھېسابلاپ قەدىرلەيدۇ، گېپىدىن چىقمايدۇ. ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا گەپ ياندۇرمايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ئاتا - ئانىسىغا ھەر دائىم ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ. ئۆزلىرى ھەرقانچە غورىگۈل قالسىمۇ ئاتا - ئانىسىغا ئاتايدۇ. ئاتا - ئانىنى ئۆزلىرىگە قانات ھېسابلايدۇ. ئاتا - ئانىنىڭ ئۆلۈمىدە پەرزەنتلەرنىڭ <ۋاي دادا (ئانا)، ئەمدى سۇندى قاناتىمىز> دەپ ھازا ئېچىشى ئاشۇ ئەقىدە، ئادەتتىن كەلگەن.

ياشلار مەيلى ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن چوڭلارنىڭ (مۆتىۋەرلەرنىڭ) ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، چوڭلارنى كۆرگەندە ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ ئېڭىشىپ: <ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم> دەپ سالام قىلىدۇ. ھەرقانداق سورۇندا چوڭلارنى تۆرگە باشلايدۇ، داستىخاندا چاي، غىزا - تاماق ئالدى بىلەن چوڭلارغا قويۇلىدۇ. چوڭلار بار يەردە پۇتلىرىنى سۇنۇپ قالايمىقان ئولتۇرمايدۇ، چاقچاق قىلىشمايدۇ، كەيپ قىلمايدۇ.

ئومۇمەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئەڭ چوڭ بەخت، قارغىشقا ئۇچراش ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئەقىدە <يەر سۇ بىلەن كۆكىرەر، ئادەم ئاتا - ئانا دۇئاسى بىلەن (كۆكىرەر)>، <ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئىلگىرى باسماس>، <ئاتا قارغىشى ئوق> دېگەن بۇ ماقالىلاردا ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. بۇ ئادەت - ئەنئەنىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار <كۆيۈمسىز>، <ۋاپاسىز>، <ئەدەپسىز>، <قارغىش قېپى> دېيىلىپ جامائەتچىلىكنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇيغۇرلارمۇ كىچىك يېتىم - يېسىرلەرنى بالا قىلىپ بېقىۋېلىش ئادىتى كەڭ ئومۇملاشقان.

2) كىچىكلەرنى ئاسراش. چوڭلار كىچىكلەرنى ئاسراشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ قارايدۇ. ئۇلارغا <پۇشتىمىز>، [[<تىرىكچىلىكىمىزنىڭ ئەرمىكى]]>، <چىرىغىمىزنى ئۆچۈرمەيدۇ> دەپ ھەر دائىم <ياشناپ - كۆكلەپ دۇنيانىڭ خۇۋلۇقىنى كۆرگىلى نېسىپ قىلغاي>، <ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي>، <ئىنساپ - تەۋپىق ئاتا قىلغاي> دەپ دۇئا قىلىدۇ، ھەممە جەھەتتە ئاۋۋال كىچىكلەرنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. ئۆيگە كېلىپ - كېتىدىغانلارمۇ چوڭلار بىلەن سالام - سائەت قىلىشىپ بولۇپلا كىچىكلەرنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ، سۆيۈپ ئەركىلىتىدۇ، چوڭلار ھەرقانداق سورۇندا بالىلارنى تونۇش - تونۇش ئەمەسلىكىگە قارىماي <بالام (قىزىم)> دەپ، بالىلارنى چوڭلارنى <دادا، (ئاتا)، ئانا(ئاپا)> دەپ ئاتايدۇ.