چوڭ تۇزلۇق كۆل

ئورنى Wikipedia

چوڭ تۇزلۇق كۆل (خەنزۇچە: 大鹽湖) ئا ق ش نىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تۇزلۇق كۆل. ئۇ گېئولوگىيىلىك تارىخىي دەۋرلەردىن قالغان بۇننېۋىللې كۆلىنىڭ قالدۇقى ھېسابلىنىدۇ.

كىلىپ چىقىش سەۋەبى[تەھرىرلەش]

كۆلنىڭ دائىرىسى، سۇ يۈزى، تۇز تەركىبى پەسىللەرنىڭ، ئىقلىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سۇ يۈزى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، كۆل يۈزى 6200 كۋادرات كىلومېتر بولىدۇ، سۇ يۈزى ئەڭ تۆۋەن چۈشكەندە كۆل يۈزى تەخمىنەن 2460 كۋادرات كىلومېترغا چۈشۈپ قالىدۇ. كۆلنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 مېتردىن 105 مېتر دائىرىسىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان يۈزى 4100 كۋادرات كىلومېتر دائىرىسىدە بولماقتا. كۆل سۈيىنىڭ تۇز تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، % 150-% 288گە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ كۆلنى چوڭ تۇزلۇق كۆل دەپ ئاتىغان.

مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر[تەھرىرلەش]

كۆلدە ئاساسلىق ئاشتۇزى ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا سۈرگە تۇزى ئېلىنىدۇ. كۆلدىكى تۇز 4 مىليارد توننا ئەتراپىدا بولۇپ، كۆلنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇز زاۋۇتى قۇرۇلغان. كۆلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۇششاق ئاراللار بولۇپ، بۇ ئاراللاردا چارۋا بېقىلىدۇ. كۆلنىڭ ئەتراپىدا ساياھەت ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان مېھمانخانا، سۇ ئۈزۈش مەيدانلىرى قۇرۇلغان. كۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا يوتا شتاتىنىڭ مەركىزى تۇزلۇق كۆل شەھىرى جايلاشقان.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]