چوڭ قارا جىلغا قىياتاش رەسىملىرى

ئورنى Wikipedia

چوڭ قارا جىلغا قىياتاش رەسىملىرى گەنسۇنىڭ سۇبېي موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان چوڭ قارا جىلغىسىغا جايلاشقان.

تۇنۇشتۇرۇلىشى [تەھرىرلەش]

چوڭ قارا جىلغا قىياتاش رەسىملىرى گەنسۇنىڭ سۇبېي موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان چوڭ قارا جىلغىسىغا جايلاشقان، 3.5 كىلومېتىر سوزۇلغان، تارقىلىشى تەرتىپسىز، ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىردەك ئەمەس، ئەڭ ئېگىز يېرى يەر يۈزىدىن 100 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ تۆۋەن جايى ئاران ئىككى-ئۈچ مېتىر. قىيا تاش رەسىملىرى جەمئىي 34 گۇرۇپپا، نەقىشلىرى 1 مىليون 900 پارچە.

رەسىم يۈزى پېتىنقى ئويما ۋە قاپارتما ئويما شەكلى قوللىنىلىدۇ، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا شامالدىن دالدا كۈنگەي تاغ تىك گرانىت تاش ۋە ھاك تاش ئۈستىگە سىزىلغان، كۆپ قىسىملىرىنىڭ مەزمۇنى ئوۋچىلىق، مال بېقىش، چامباشچىلىق ماھارىتىنى مەشىق قىلىش، ئاتلىق ئۇرۇش قىلىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

رەسىمدىكى ھايۋانلاردىن چىپار بۇغا، چوڭ مۈڭگۈزلىك قوي، ياۋا كالا، ياۋا تۆگە، پىل، يولۋاس قاتارلىق ھايۋانلار بۇلۇپ، دەۋرى يېغىلىق دەۋرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئارلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

چوڭ قارا جىلغا قىياتاش رەسىملىرى بۇ رايوندىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرى، خېشى كارىدورىنىڭ غەرىبىي بۆلىكىگە جايلاشقان قەدىمىي كۆچمەن چارۋىچى مىللەت تارىخىنىڭ مۇھىم ئوبرازلىق ماتېرىيال، ئۇ ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىكى باشقا قىياتاش رەسىملىرى تەشكىل قىلغان ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قىياتاش چەمبىرىكى، ئاز ئۇچرايدىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.